باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10324يوللانما
780مەستانە

تايلاندتىكى «سەت ئۆردەك چۈجىسى» ئاققۇغا ئايلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالقىشلىنالمىدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 21:36 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلىتىمىزدە قىزغىن ئالقىشىقا ئېرىشكەن تايلاندنىڭ «تۇنجى مۇھەببەت» (初恋那件小事) ناملىق كىنوسىدىكى شياۋ شۇي ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، «شياۋ شۇي»مۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى. ھەش-پەش دېگۈچە، 7 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىلدىكى «شياۋ شۇي»مۇ خىجىلچان قىزچاقتىن تەنناز قىزغا ئايلاندى.

بۇ كىنونىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسمىدا ئايال باش پېرسوناژ يەنىلا سەت ئۆردەك چۈجىسى ھالىتىدە بولۇپ، كېيىن ئالياڭ ئۈچۈن دەقىقە ئىچىدە خىجىلچان «سەنەم»گە ئايلىنىدۇ. نېمىدىگەن قالتىس! Baifern تايلاندىكى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاز ئۇچرايدىغان تالانتلىق ئايال ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىملىق ئوبرازى ئېكران يۈزىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغان.

Baifern «تۇنجى مۇھەببەت» ناملىق كىنو بىلەن «تايلاندتىكى شېن جيايىن» دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمى بىلەن يېقىنقى سۈرىتىدىن، ئەينى يىللاردىكى «شياۋ شۇي» دېسەم ئىشەنگۈڭىز كېلەمدۇ؟

ئۇ چېچىنى بۈدۈرە قىلدۇرغاندىن كېيىن، تېخىمۇ جەلىپكار بولۇپلا قالماستىن يەنە كېلىپ ئاياللارغا خاس لاتاپەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى. بىلمىدۇق، بۈگۈنكى كۈندىكى لاتاپەتلىك baifernنى كۆپچىلىك ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟ بىراق ئاز بولمىغان تورداشلار يەنىلا ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ «خىجىلچان ئاشۇي»نى سېغىندۇق دېيىشتى.

بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان Baifernنىڭ تايلاندتىكى تەرەققىياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئىزچىل بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ھەتتا ھېچ بىر سەۋەبسىزلا، تېتىقسىز سۈرەتلىرى ۋە ۋېدىيولىرى تارقىلىپ كەتتى. بۇ ئىشنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ، ئەزەلدىن يېقىملىق تۇيغۇ بېرىۋاتقان ئۇنىڭ نامىمۇ بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. تاماشاغا نىسبەتەن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن Baifernمۇ يوشۇرۇن چېكىنىشنى قارار قىلدى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەت قىلىڭ گۈزەل قىز ......

  • سۇبھىنۇر3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ قىزنى ياقتۇردۇم ئەپسۇس نام قازىنالماپتۇ تەلەيمۇ بىر مۇۋاپىقىيەتتە

  • مەرھابا3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ كىنوسى بەك پىچەت.مەن ئۇچ قېتىم كۆرگەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号