باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8857يوللانما
434مەستانە

«تىتانىك ناملىق پاراخوت»تىكى جېك بىلەن روسسىي راستلا مۇھەببەتلەشتىمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 21:44 7 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكا «غەيۋەتخورلار» ژۇرنىلى «Star»نىڭ مۇقاۋىسىدا، 1997-يىلدىكى كىلاسسىك كىنو «تىتانىك ناملىق پاراخوت»تىكى ئىككى باش پىرسوناژ لېئوناردو دىكاپىرو (Leonardo Dicaprio) بىلەن كەتې ۋىنسلېت (Kate Winsleet)نىڭ بىرلىكتە ساياھەت قىلغاندىكى سۈرىتى بېسىلىپ، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى.

بۇ ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرەيلەن 26-ئىيۇل ئىككەيلەننىڭ فىرانسىيە ساينت تىروپېز دېڭىز بويىدا ئارام ئېلىۋاتقاندىكى سۈرىتىنى تارتىۋالغان بولۇپ، بىر-بىرىنى قولتۇقلىۋېلىشپ سەيلە قىلىۋاتقاندىكى ھالىتىدىن خېلىلا يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر ئەزەلدىن بىر يەرگە «كېلىپ» قالىدىغان ئۇلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولۇپ، «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ قان مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن ھاياجانلىق خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.

بىراق بەزى تاراتقۇلار سەكرەپ چىقىپ:«<غەيۋەتخورلار> ژۇرنىلىنىڭ بۇ خەۋەرنى پەقەتلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان يالغان خەۋەر» دېگەن. يەنە كېلىپ مەلۇم بىر تور بېكەتنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار لېئوناردو دىكاپىرونىڭ يېنىدىكى «ئادىمى» بىلەن ئالاقلىشىپ، خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەلىلىگەن.

«بۇ ژۇرنال پەقەت گۈزەل خىيالىي تۇيغۇنى ساتماقچى، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىككەيلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى يېقىن دوستلاردىن، بىراق باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە ئەمەس» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رەجەپ توپاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھوللىۋودنىڭ تۇرمۇش فىلىمىدە خىلى داڭقى بار بۇ ئىككىسنىڭ،مۇھەببەتلەشمىگەن بىلەن بىلەن

  • ئالىيە1 ئاي ئىلگىرى

    يېقىن دوسلا دەپكەتكىنىنى ،،يېقىن دوسلا ئاشۇنداق سۈيۈشۈپ كىتەمدىكە؟

  • گۈلنار1 ئاي ئىلگىرى

    تورداشلار دىكاپرو توي قىلدىمۇ ياقمۇ ،،،،

  • خوتەنلىك1 ئاي ئىلگىرى

    ھۇ مۇزايلا ……………………………

  • كارتون1 ئاي ئىلگىرى

    راس بۇپ قالغان بۇسا ھەي

  • ŞAŞ1 ئاي ئىلگىرى

    مارلاقچى، كاسىسى كۆكىرىپ قالغان مۇخبىرلار ھەقىقى راستلىق بىلەن خەۋەر يازىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىۋاتىدۇ.مۇخبىرلار ئۈچۈن كەسپى ئەخلاق بەك موھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى نىمىشكە چۈشەنمەيدىغاندۇ ؟

  • بۈركۈت(TJK)1 ئاي ئىلگىرى

    ئىچى پۇشۇپ قالغاندا تېپىشىپ قالغاندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号