باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10349يوللانما
781مەستانە

شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 10:41 13 ئىنكاس چۈشتى

ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش پەن تەتقىقات ئورنى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق ئوقۇتۇشى ۋە ئىمتىھانى پىروگراممىسى» قاتارلىق تەلەپلەرگە ئاساسەن، «شوپۇرلۇق ئىمتىھانى مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى» (GA 1026) قاتارلىق ساھە ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېڭى ئۆلچەم 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

1-تۈر ۋە 3-تۈرنىڭ بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەشتە ئاساسلىقى، نەزەرىيە ئىمتىھان سوئالىنىڭ مەزمۇنى ۋە نىسبىتى تەڭشىلىپ، بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش، قانۇنغا خىلاپ تىپىك قىلمىشلارنى بىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى باھالاش گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئىمتىھان مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان.

يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ئىمتىھانىدا بىخەتەر، مەدەنىي مەشغۇلات قىلىش تەكىتلىنىدىكەن. مەسىلەن: ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەينىگە بۇرۇلۇش تۈرىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى ئاپتوموبىل توختىتىش ۋە بۇرۇلۇش چىرىغىنى يېقىپ قويۇش قاتارلىق تەلەپلەر قوشۇلغان، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش تۈرىدە «يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشتىن ئاۋۋال بۇرۇلۇش چىرىغىنى يېقىش» قاتارلىق مەشغۇلات ۋە نومۇر تارتىش تەلىپى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېھتىياجى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە ياخشى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتى يېتىلدۈرۈلىدىكەن. 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بىدار2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇنداق سىتاستىكىلاپ باقسام ئىمتاھان بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى ،پىراۋا ئالماق بەك تەس دەيدىغانلار تېخى پىراۋا ئالمىغانلار ئىكەن . ھازىرقى ئىمتاھان دىگەن نېمە ئۇ ؟ جانغا بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشقا ئاشۇنداق ئاسانلا ئالىدىغان ئىمتاھان چىقىرامدۇ ؟سوئالنى تەسلەشتۈرۈپ ھەقىقىي شوپۇر يېتىشتۈرۈپ چىقسا بولىدۇ دەيدىغانلار بۇرۇن ئەركىن زامانلاردا ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ باقماي تۇرۇپ 2000 سوم خەجلەپ پىراۋا ئېلىۋالغانلار ئىكەن .

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ئىمتاھاندىن ئۆتەممىسە پۇل تۇتىدىغان گەپ

  • بايقاش3 ئاي ئىلگىرى

    ھادىسە ئاز ئولۇم يىتىم دىن ساقلىنىش ئۇچۇن ياخشى ئولچەمىك قايىدلىك مەشىق قىپ ئىنتاھانى ياخشى بىرلى قانچە ياخشى مەشىق قىساق ئوزمىز گە شۇنچە پايدىلىق ئۇگنۇش ئۇگنۇش يەنە ئۇگنش كىرەك

  • بايقاش3 ئاي ئىلگىرى

    ھەمە ئادەمدە كىنىشكە ماشىنا ئولچەملىك مەدىنى قايىدىلىك ھەيدەي دىغان ئادەم بەك ئاز ئىنتاھان ئاسان كىنىش كىنى ئشتىك ئاغاچقا قايىدىلىك ھەيدىمەيدۇ شوپۇرلا

  • خوتەنلىك3 ئاي ئىلگىرى

    كىم ئاسانلاشتى دەيدۇ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ قاراپ تۇرۇڭلا

  • بايقاش3 ئاي ئىلگىرى

    دولەتىن ئۇرۇلاشتۇغان ئىنتاھانمۇ ئاشتا ئاسان ئادى بۇلامدۇ دىسە شوپۇرلۇق ئىنتاھانمۇ ئۇيانمۇ دىگۇدەك 10مىنۇتىلا تۇكەن ئۇ ئىنتاھان

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    يادىغا ئۇگەن گەندەك ئۇگنىپ 2...3ئايدىلا ئەپ بوغان ئۇ كىنىشكىنى جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئىش بوغاندىكىن قىيىن تەس قىسا ئىنتاھانى مەدىنى ئولچەملىك قايىدىلىك ھەيدىسەك ھەمىمىز

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    دىمسىمۇ ھازىرقى ئىنتاھان بەك ئاسان بەك ئادى 3تۇر ئىنتاھاندا ماشىنى ئۇزاق جىق ھەيدەي دىغان قىسا بىز مۇ ياخشى ئۇگەنسەك ياكى بىرە تۇر قوشامدۇ

  • 1234663 ئاي ئىلگىرى

    مەن قاچان شوپۇرلۇق كېنىشكىسنى ئالامەن،يېڭى تۈر قوشىمىز دەيدۇ.

  • 迪奥3 ئاي ئىلگىرى

    خېلى تېز ئىكەنغۇ ،ئەگەر شەنبە يەكشەنبە كۈنىلا بارالىسامچۇ قانچىلىك ۋاقىت كىتەر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号