باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

پىساچى ماشىنا ئادەم تۆت يىلدا خېمىر يۇغۇرۇشنىمۇ ئۆگىنەلمىدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 11:20 4 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb نىڭ 18- ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ماشىنا ئادەم بارغانسېرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن سىرت، تېز يوللانما ۋە زاكازلىق سېتىشتىمۇ ماشىنا ئادەملەر  ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ئىتالىيەدىكى بىر پىروفېسسور ھەتتا ماشىنا ئادەمنى ئاشپەزلىكتە تەربىيىلەپ، ئۇنىڭغا پىسا قاتلىمىسى ئەتكۈزۈشنى سىناق قىلغان.

پىساچى ماشىنا ئادەم Rodyman

ماشىنا ئادەمگە پىسا قاتلىمىسى ئېتىشنى ئۆگەتكۈچى ئىتالىيە ناپلېستىكى فىرېدرىخ Ⅱ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى برۇنو سىسىلىيانو بولۇپ، ئۇ ماشىنا ئادەمنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش جەھەتتىكى مۇتەخەسسىس ئىكەن.

ماشىنا ئادەمگە پىسا قاتلىمىسى ئېتىشنى ئۆگىتىشكە يەنە ئىتالىيەنىڭ Prisma تەجرىبىخانىسىمۇ  قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەتكەن ماشىنا ئادەم Rodymanنىڭ پۈتۈش باھاسى ئىككى مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 19 مىليون 340 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا يېتىدىكەن.

بىرۇنو سىسىلىيانو بىلەن Prisma تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەقىقىي بىر ئۇستا ئاشپەزدەك ماشىنا ئادەم تەربىيەلەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئويلاپ يېتەلمىگىنى بولسا، تۆت يىل تەتقىق قىلغان ۋە تەربىيەلىگەن بولسىمۇ، ھازىر بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ خېمىر يۇغۇرۇشىدىمۇ يەنە خېلى زور مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى پىسا قاتلىمىسىنىڭ ئۈستىگە سېپىشنى ئاران ئۆگەنگەن.

لېكىن مۇشۇنداق بولسىمۇ، پروفېسسور بىرۇنو سىسىلىيانو ۋە Prisma تەجرىبىخانىسى 2018-يىلى Rodymanنى پىسا ئۇستىسىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ، ئۇلار 2018-يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ناپلېس پىسا بايرىمىدا كىشىلەرگە Rodymanنىڭ ئەسىرىنى نامايان قىلماقچى ئىكەن.

نۆۋەتتە Rodymanنىڭ خېمىر يۇغۇرۇش مەسىلىسى تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي پىسا قاتلىمىسى ئېتىش تېخىمۇ چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھازىر Rodymanدا ئىلگىرىلەش بولغان بولۇپ، ساقلانغان بەزى مەسىلىلەرنى ھېس قىلالىغان ھەم ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگەنمەكتە ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەدىنە1 ئاي ئىلگىرى

    beard
    راس دەيسىز ……پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن!

  • يىگانە1 ئاي ئىلگىرى

    تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇغۇ،،يەنە تەربىيلەيمىز دىسە مېنىڭچە ۋاقىت ئسراپچىلقى بولىدۇ

  • جامالىم1 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداقمۇ بىر دۆت ماشىنا ئادەمكەن بۇ ، شۇنىڭ ئورنىغا بىرەر ئادەمنى تەربىيلىگەن بولسىمۇ دۇنياغا داڭلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ شۇ ئەتىراپتا خېلى داڭقى چىقىپ قالاتتى

  • beard1 ئاي ئىلگىرى

    تولىمۇ بىمەنە، خۇددى قۇرۇپ قالغان داراخكە سۇ قۇيغاندەك بىر ئىش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号