باش بەت

باسمىل

194يوللانما
12مەستانە

رەپىقىسى قازا قىلغان 94 ياشلىق بوۋاي كۆلچەك ياساپ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 13:03 6 ئىنكاس چۈشتى

 باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسى:

بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن كېيس دېۋسون (Keith Davison) نىڭ رەپىقىسى ئېۋى دېۋسون (Evy Davison) بۇلتۇر راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككىسى 66 يىل بىللە ياشىغان بولۇپ، ئېۋىنىڭ ئۆلۈمى كېيسكە بەك ئېغىر كەلدى. ھەمراھسىز قالغان كېيسنى يالغۇزلۇق يەپ كېتىۋاتاتتى، مىجەزى ئوساللىشىپ، كۆڭلىنى غەم چۇلغىۋالغان ئىدى.

ئۆيىدىكى مازاردەك جىمجىتلىقتا جىندەك يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىككەن كېيس، مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ سۇ ئۈزۈپ ئوينىشى ئۈچۈن ئارقا ھويلىسىغا كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر كەلگۈدەك بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى سالدى.

سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى پۈتكەندىن كېيىن، ھاۋا ئوچۇق بولسىلا ئۇششاق بالىلار كۆلگە چۈشۈپ كېيسنىڭ ھويلىسىنى بېشىغا كىيدى، ھويلىغا جان كىرىپ، مازاردەك جىمجىتلىق ئورنىنى، بالىلارنىڭ ۋارقىراش-چۇرقىراشلىرى ۋە كۈلكىلىرى ئالدى.

كېيس دېۋىسونمۇ كۆلچەك بويىغا كېلىپ، بالىلارنىڭ ئويناشلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بالىلىقىتىكى شېرىن خاتىرىلىرىنى ئەسلىدى. كەيپىياتىمۇ راۋۇرۇس كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

ئۇزۇن يىللىق ھەمراھى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، مەھەللىدىكى كىچىك بالىلار كېيسنىڭ يالغۇزلۇقىغا داۋا، روھىغا تۈۋرۈك بولدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەردان5 ئاي ئىلگىرى

    بەڭۋاشنىڭ دىگىنى قىززىقكەن

  • يىگانە5 ئاي ئىلگىرى

    بالىلار سۇغا چۆملەۋاتقاندا بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالسا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟

  • ئاجايىپ5 ئاي ئىلگىرى

    ئەجىبا بۇ ئەدەمنىڭ بالىلىرى يوقمىدۇ؟ مانا بۇ چەتئەللىكلەر نىڭ ئاتالمىش مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىشى

  • ئەنسار5 ئاي ئىلگىرى

    دىۋە ۋە بالىلار دىگەن ئەسەر يادىمغا كىپ قالدى

  • بەڭۋاش5 ئاي ئىلگىرى

    توغرا قىپتۇ. بۇرۇن دادامنىڭ دەپ بىرىشچە بىر ئىدارە باشلىقى پىينسىگە چىقاندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن تىرىكىپ ئاچىقلىندىغان. ئىچى تىتىلدايدىغان بۇلۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن بالىلىرى دادىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىر كۆل قازدۇرۇپ بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ باشلىق كۈندە كۆل بۇيىدا ئولتۇرۇپ ئەپكەش بىلەن سۇ ئالغىلى كەلگەنلەرگە «سەن ماۋۇ يەردىن ئال. سەن ئاۋۇ يەردىن ئال. دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاندىن مىجەزى تۇراقلاشقان . چۈشەندىڭلار ھەقچان ھە! بۇ 70-يىللاردا بولغان ئىشكەنتۇق

  • ئالىمجان5 ئاي ئىلگىرى

    كاللىسى بەك ئشلەيدىغان قېرىكەنغۇ بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号