باش بەت

باسمىل

194يوللانما
2مەستانە

ئالما 9-ئايدا تارىختىكى ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ قىممەت ئىككى iPhoneنى تەڭلا ئېلان قىلىدۇ

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 17:00 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ھازىر بەش دىيۇملۇق يانفونلار بازاردا ئاساسەن قالمىدى، كۆپىنچىسى بەش دىيۇمدىن چوڭ ئېكرانلىق تېلېفونلار، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئېكرانى تۆت دىيۇمدىن 4.5 دىيۇمغىچە كېلىدىغان كىچىك ئېكرانلىق يانفونغا مايىل بولۇپ تۇرۇپتۇ.

شۇ خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەتلەر كىچىك ئېكرانلىق يانفوننى قايتا تىرىلدۈرۈشنى سىناپ كۆرمەكتە، ئالما شىركىتى بۇلتۇر بازارغا سالغان iPhone SE بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بۇ يانفونغا A10 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 2Gلىق ئىجرا سىغىمى (RAM) سەپلىنىپ، تۆت دىيۇملۇق ئېكران قويۇلغان، كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنىڭ ھاجىتىدىن تامامەن چىقالىغاچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئەرزان بولغاچ بەك بازار تاپقان.


 

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ يىل «تارىختىكى ئەڭ قىممەت iPhone» دەپ قارالغان iPhone 8نى بازارغا سېلىشتىن باشقا يەنە «ئەڭ ئەرزان iPhone» بولۇپ قالىدىغان iPhone SE2نىمۇ بازارغا سالىدىكەن، بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسىمۇ iPhone 8 بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، A11 تىپلىق تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلىدىكەن، iOS 11 سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، 64GB ۋە 128GB سىغىملىقلىرى بار ئىكەن. ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلىنىدىكەن.

 


كىچىك ئېكرانلىق بۇ iPhone SE2نىڭ باھاسى 399 ياۋرو ئەتراپىدا (تەخمىنەن 3100 يۈەن) بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. قارىغاندا ئالما شىركىتىنىڭمۇ خېرىدار يوقاتقۇسى يوق ئوخشايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېسىلجان1 ئاي ئىلگىرى

    3100ئەرزانما ، 1500دىن ئاشمىسا بولاتتى ، كۆزەمگە بەك چىرايلىق كۆرنىدۇ لىكىن قولۇم يەتمەيدۇ

  • تىز پۈكمەس1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما يانفۇنلىرنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەن ئەرزىنى يېڭى يانفۇنغا نىسپەتەن

  • تىز پۈكمەس1 ئاي ئىلگىرى

    بۇياخشى پىلان بۇپتۇ . قىممىتىنى سېتۋالغۇسى بالا،قىممىتىنى ئەرزاننى سېتۋالغۇسى بالا،ئەرزاننى سېتۋالسا ياخشى بازا تاپىدۇ

  • JaSoS1 ئاي ئىلگىرى

    قانداقسىگە تارىختىكى ئەڭ ئەرزان يانفون بولىدۇ؟
    ئالمىنىڭ يانفونلىرى ئىچىدە دىمەكچىمۇيا؟
    شۇنداقتىمۇ ئەرزان ئەمەسكەن...

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ قالتىسكەن مەن ياقتۇردۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号