باش بەت

نۇسرەتگۈل

6551يوللانما
58مەستانە

توي بولمىغان ئەھۋالدا بېرىلگەن تويلۇق قايتۇرۇلامدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 17:40 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 18-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تارقالغان بىر خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خەۋەردە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى:

قىز-يىگىت توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ 3 مىليون يۈەن تويلۇق بەردى. بىراق، ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ سوت مەھكىمىسىدىن تويلۇقنى ۋە ئىككەيلەن يۈرۈش جەريانىدا ئوغۇل قىزغا خەجلەپ بەرگەن بىر مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدى.

ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى 3 مىليون يۈەندىن ئىككەيلەننىڭ بىللە تۇرۇش چىقىمىنى چىقىرىۋېتىپ، قىز تەرەپنى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى. بىراق، سوت مەھكىمىسى ئىككەيلەن يۈرۈش جەريانىدا خەجلەنگەن بىر مىليون 147 مىڭ 800 يۈەننى ئوغۇل تەرەپ كۆڭلىنى ئىپادىلەش ھەمدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن خەجلىگەن، بۇنى توي قىلىشنىڭ شەرتى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ «قايتۇرۇش ھاجەتسىز» دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى.

تويلۇق ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە بېرىدىغان توي زاكالىتى ۋە سوۋغىسى، ئوغۇلنىڭ قىزغا ئۆيلەنگۈسى بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋاستىسى. بىراق، ئەمەلىي تۇرمۇشتا، تويلۇققا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. تويلۇقنىڭ دائىرىسى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ئۇنى قايتۇرۇش كېرەكمۇ، يوق؟ تويلۇق، قىز مېلى قاتارلىقلار ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلۈكى بولامدۇ؟

قانداق ئەھۋالدا بېرىلگەن پۇل تويلۇق ھېسابلىنىدۇ؟

دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئوخشاش بولمايدۇ، تويلۇقنىڭ دائىرىسىنى قانۇنىي جەھەتتىن بېكىتىۋېلىشمۇ قىيىن. بۇ تۈردىكى دېلولار سوت قىلىنغاندا تويلۇقنىڭ دائىرىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:

بىرىنچى، ئۆز-ئارا سوۋغا قىلىنغان مال-مۈلۈك. يۈرۈش جەريانىدا ئوغۇل، قىز 2 تەرەپ كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە خەت ۋە باشقا بۇيۇملارنى بېرىدۇ. بىراق، بۇ بۇيۇملار پەقەت كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا بېرىلگەنمۇ، توي ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ياكى توي قىلىش ئۈچۈن سوۋغا قىلىنغانمۇ دېگەن نۇقتا ئېنىق بولۇشى كېرەك.

مەسىلەن، يۇقىرىقى مىسالدىكى ئوغۇل تەرەپ 3 مىليون يۈەننى قىز تەرەپكە توي قىلىش ئۈچۈن بەرگەنلىكتىن بۇ پۇل چوقۇم تويلۇق قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا توي قىلالمىسا قىز تەرەپ ئۇنى قايتۇرىدۇ. بىراق، ئادەتتىكى نورمال تۇرمۇش جەريانىدا كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە بېرىلگەن بۇيۇملار پەقەت كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا سوۋغا قىلىنىدىغانلىقى، توي قىلىش شەرتى قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇش ھاجەتسىز. 

بىراق، تۇرمۇشىمىزدا بىر تەرەپ تويلۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىككى تەرەپ تەڭ خەجلەيدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ. مەسىلەن بىرلىكتە زىياپەت بېرىپ مېھمان چاقىرىش ياكى ساياھەت قىلىش دېگەنگە ئوخشاش. بۇنداق چىقىملار تويلۇقنى قايتۇرۇش كېرەك بولغاندا چوقۇم تۇتۇۋېلىنىشى كېرەك. 

تويلۇق قانداق ئەھۋالدا قايتۇرۇلىدۇ؟

ئادەتتە، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغان تويلۇق ماجرالىرى «نىكاھ پۈتۈمى مال-مۈلۈك ماجراسى»غا تەۋە قىلىنىدۇ. تويلۇق ماجراسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى تويلۇقنى قايتۇرۇش ياكى قايتۇرماسلىق مەسىلىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. تويلۇق بېرىش ئادەتتىكى سوۋغا بېرىشكە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ توي قىلىشىنى شەرت قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن قانۇندا تويلۇق قايتۇرۇلۇشقا تېگىشلىك 3 خىل ئەھۋال بېكىتىلگەن:

بىرىنچى، ئىككى تەرەپ نىكاھ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن بولسا:

يەنى تويلۇق بېرىلگەندىن كېيىن نىكاھ مۇناسىۋىتى ئورنىتىلمىغان بولسا تويلۇق قايتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ تويلۇققا قارىتا بېكىتىلگەن پىرىنسىپال بەلگىلىمە. بۇنىڭدا نىكاھ مۇناسىۋىتى ئورنىتىلمىغان بولۇش ھەمدە تويلۇق بېرىلگەن بولۇش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ نىكاھ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرگەن، ئەمما بىللە تۇرۇشنى بېكىتمىگەن بولسا:

بۇ ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، قانۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ئەمما بىللە تۇرمىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۈچىنچى، تويدىن ئىلگىرى بېرىلگەن ھەمدە شۇ سەۋەبتىن بەرگۈچى تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بولسا:

تويلۇق تويدىن ئىلگىرى قارشى تەرەپكە بېرىلىدىغان مال-مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ، سوممىسى كۆپرەك بولىدۇ. بۇ مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغىنى تويلۇق بېرىلگەندىن كېيىن تويلۇقنى بەرگۈچى تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا توي تېخى قىلىنمىغان بولسا تويلۇق قايتۇرۇلۇشى كېرەك.

تويلۇق بىلەن قىز مېلى ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىگە تەۋە بولامدۇ؟

ناۋادا قوبۇل قىلىنغان تويلۇقنى بىر تەرەپ تاپشۇرۇۋالغان ياكى تويلۇق بۇيۇملارنى سېتىۋالغان بولسا «نىكاھ قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ سوۋغا سۈپىتىدە تاپشۇرۇۋالغان مال-مۈلۈككە ئالاھىدە چەك بېكىتىلمىگەن بولسا ئۇ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، مەسىلەن ئىككەيلەن بىللە تۇرمىغان بولسا مال-مۈلۈكنى ئايرىيدىغاندا ئالاھىدە ئويلىشىش كېرەك.

ناۋادا ئىككەيلەننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قىسقا مەزگىل داۋاملاشقان بولسا ھەمدە بېرىلگەن تويلۇق سەۋەبىدىن تويلۇق بەرگۈچى تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بولسا مال-مۈلۈكنى ئايرىيدىغاندا تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان تەرەپكە ئازراق كەڭچىلىك قىلىنىشى كېرەك.

قىز مېلىنى تويدىن ئىلگىرىكى ياكى تويدىن كېيىنكى مۈلۈككە تەۋە قىلىشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراش كېرەك. ناۋادا ئىككى تەرەپ قىز مېلىنى توي خېتى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سېتىۋالغان ھەمدە قىز مېلىنىڭ تەۋەلىكىگە قارىتا ھېچقانداق چەك بەلگىلىمىگەن بولسا قائىدە بويىچە ئەر-ئايال ئۆي تۇتقان مەزگىلدە قانۇندا بېكىتىلگەن ھەمدە ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپكە تەۋە بولىدىغانلىقى كېلىشىلگەن مۈلۈكتىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى بولىدۇ. ناۋادا، توي خېتى ئېلىشتىن ئىلگىرى سېتىۋالغان ھەمدە تەۋەلىكى بېكىتىلمىگەن بولسا بىر تەرەپنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى مۈلۈكىگە تەۋە قىلىنىدۇ.

بىراق، قانۇن يۈرگۈزۈش جەريانىدا قىز مېلى ئادەتتە قىز تەرەپنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى مۈلكىگە تەۋە قىلىنىدۇ. قىز تەرەپ توي قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان قىز مېلى گەرچە نىكاھ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلگەندىن كېيىن، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى سېتىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ بىللە تۇرمىغان. قىز مېلى سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان چىقىمنى كۆپىنچە قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بېرىدۇ، ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ئەر-ئايال بىر تەرەپنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى كىرىمىگە سېتىۋېلىنىدۇ.

سوت ئەمەلىيىتىدە ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى ئالاقىدارلار ئادەتتە قىز مېلىنى بىر تەرەپنىڭ مۈلكى قىلىشقا، ئەر تەرەپ سېتىۋالغان مۈلۈكلەرنى ئەر تەرەپكە تەۋە قىلىشقا قوشۇلىدۇ.

ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى بەرگەن سوۋغا قانداق ئايرىلىدۇ؟

ئادەتتە يېڭى توي قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇلارغا بەزى نەرسىلەرنى ياكى نەق پۇللارنى سوۋغا قىلىدۇ. ناۋادا بۇ سوۋغىلارنىڭ ئېنىق بىر تەرەپكە بېرىلگەنلىكى بېكىتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە شەخسىي مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ناۋادا ئىككى تەرەپكە بېرىلگەن سوۋغا بولسا تەڭ ئايرىلىدۇ.

قىز-يىگىت توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلىرى مەبلەغ چىقىرىپ ئېلىپ بەرگەن ئۆي ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قىلغان شەخسىي سوۋغىسى بولىدۇ. بىراق، ئاتا-ئانىلار بۇنى ئىككى تەرەپكە بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقان بولسا باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ قىز-يىگىت توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى مەبلەغ چىقىرىپ ئېلىپ بەرگەن ئۆي ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە قىلىنغان سوۋغا بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ بىر تەرەپكە قىلىنغان سوۋغا ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن بولسا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

يەنى ئالاھىدە كېلشىىم بولمىغان ئەھۋالدا تويدىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار ئېلىپ بەرگەن ئۆي ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قىلىنغان سوۋغا ھېسابلىنىپ، قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ. ناۋادا ئالاقىدارلار سېتىۋالغان ئۆيگە قارىتا ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا قەرز مۇناسىۋىتى مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالىسا قەرز مۇناسىۋىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 3.141 ئاي ئىلگىرى

    يۈرگەن ۋاقىتتا خەشلىگەن پۇلنىمۇ تۆلەتكىلى سالسا راستىنلا نامەردكەن.تويى پۈتمىگىنىمۇ بوپتۇ بۇنداق ئادەم بىلەن،يەنە قانچىلىك بولماقچىتى،

  • جەسۇر1 ئاي ئىلگىرى

    تىمىدا دىيىلگەن قانۇنى تەرتىپلەر ئادىل بولۇپتۇ دىمىسىمۇ تويلۇقنى بىرىپ توي خىتى ئىلىپ بولغان بولسىمۇ بىللە تۇرمايلا يىنىشىپ كەتسە تويلۇقنى قايتۇرۇش كىرەك ، يىگىتنىڭ تويدىن بۇرۇن قىزغا كوڭۇل ئىزھار قىلىپ خەجلەپ بەرگەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش ئەلېەتتە ئىنسانى ئەخلاققا زىت زاغرا تىلدا دىسەك نامەرىتلىك،،،،

  • چالىقۇشى1 ئاي ئىلگىرى

    تۇي قىلماي تۇرۇپ يىنىشىپ كەتكەن بۇلسا ئەلۋەتتە تۇيلۇق قايتۇرۇپ بىرىشى كىرەك يۇرگەن ۋاقتىدىكىنى قايتۇرۇپ بىرىڭ دىسە تۇۋا دىمەي ئامال يۇق چىدىماس ئادەمنىڭ ئىشىغۇ بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号