باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

دىققەت، كېچىلىك قاتناش مەركەزلىك ھالدا تەكشۈرۈلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 19:13 2 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى يول قاتناش بەلگىلىمىسى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشتىكى بىر تۇتاش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك ھالدا كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ھەرىكەت خېيىم-خەتىرى چوڭ بولغان ئاپتوموبىللارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنىڭ بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كېتىشى، تاشيوللاردىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سەھەر سائەتتە 2 دىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاتنايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشى، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشى دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ بەش خىل نۇقتىلىق قىلمىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ۋە باشقۇرىدىكەن، بولۇپمۇ كېچىلەردە قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە ئاسانلا قەبىھ ۋەقە يۈز بېرىدىغان بۇ يوشۇرۇن بالا-قازالارغا قارىتا، ساقچى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېچىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن.
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئايدا تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ھالدىكى كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، جايلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سەھەر سائەت 2 دىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەلگەن 40 يولۇچى ئاپتوموبىلىنى قولغا چۈشۈرگەن؛ 8-ئايدا يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشلاردىن 4925ى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن 4184ى بىر تەرەپ قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىخەتەرلىك بىرىنجى3 ئاي ئىلگىرى

    كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش،سۈرئەتنى ئ‍اشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش،قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئ‍ۆتۈپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تۈزەش كېرەك .

  • بەلەن بالا3 ئاي ئىلگىرى

    دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم قاتناش ساقچىلىرىدىن قېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، مۇناسىۋەتلىك چەكلەش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، قاتناش تەرتىپى بويىچە ماڭساق، كېچەيۇ كۈندۈز ماڭساق بولۇۋېرىدۇ، قاتناش تارماقلىرىنىڭ بۇنداق تەكشۈرۈشلىرى يەنىلا بىزدەك پۇقرالارنىڭ ھادىسىگە، ئۆلۈم - يېتىمگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىشىمىز كېرەك. مۇمكىن بولسا تۇيۇقسىز، قەرەلسىز، پات - پات تەكشۈرۈپ تۇرسا ياخشى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号