باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8801يوللانما
427مەستانە

300 مىڭ يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى ئالماشتۇرالمىغان بوۋاينىڭ بېشى قاتتى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-18 21:13 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى بوۋاي تەڭگە پۇللىرىنى ساناۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىككى ئايدا يىغقان «ئوقەت»ى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، جەمئىي 300 مىڭ يۈەن كېلىدىغان بۇ تەڭگە پۇللارنىڭ ئېغىرلىقى 1500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان «غايەت زور كاپىتال» 2 ئاي ئەتراپىدا يىغىلغان. ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئالىي مەكتەپ ۋە شەھەر-يېزا، كەنتلەردىكى تەڭگە تاشلايدىغان كىرئالغۇ ھەمدە قورو ئىچىدىكى تەڭگە تاشلايدىغان توكسىكلىت قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارغا بىر قېتىمدا بىر يۈەن تەڭگە پۇل تاشلىنىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق، بىر كۈندە 10 مىڭ كويدىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن گەپ.

بوۋاينىڭ دېيىشىچە، كوچا ئاپتوبۇس شىركىتى ۋە تاللا بازارلىرىدىن ئالماشتۇرۇلغانلىرىمۇ بولۇپ، بىراق سانى چەكلىك بولىدىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مۇشۇنچىۋالا كۆپ تەڭگە پۇل يىغىلغاچقا، ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىكەن.

جاڭ بوۋاينىڭ بېشى تېخىمۇ قېتىشقا باشلىدى. ئۇ: «بۇنچىۋالا كۆپ تەڭگە پۇلنى مائاش ئورنىدا خىزمەتچىلەرگە تارقاتقىلى بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟»، دېدى. ئاخىرىدا مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق مەلۇم بىر بانكا بۇ تەڭگە پۇللارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى.

بىراق، بانكىنىڭ دېيىشىچە، ھەر كۈنى پەقەت 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. جاڭ بوۋاي باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىدىن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • kusanbag2 ھەپتە ئىلگىرى

    Q5تىن بىرنى ئىشچىلارغا مائاش قىلىپ تارقىتىپ بەرگىلى بولماس؟

  • 1333098253 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ئەخماق ئادەم بەش ئەس دۇكىنىغىلام بىرىپ Q5تىن بىرنى ئىلىپلام كەلسە بولمامدۇ

  • نىگار1 ئاي ئىلگىرى

    ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر كويلۇق بەش موچەنلىك بىر موچەنلىك پۇللار ئاساسەن تەڭگە پۇل ئىشلىتىدۇ

  • ئايپەد پرو1 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئىشتە تەڭگە پۇلنى بانكا تارقىتىدىكەن يەنە ئاپارسا ئالمايدىكەن

  • يارقىن1 ئاي ئىلگىرى

    ئىچكىرى ئولكىلەردە ئاساسەن تەڭگە پول ئىغلىتىدۈ

  • يولۇچى1 ئاي ئىلگىرى

    شۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ بانكا چوقۇم مەسئۇل بۇلۇپ ئالماشتۇرۇپ بىرشى كىرەك ، بۇ تەڭگىلەنى بانكا ئۆزى تارقاتقان تۇرۇپ ئۆزى مەسئۇل بولماي ئۇنداق چەك باسماس ئۆلچەملەنى چۈشۈرۈپ تۇرۋالسا قانداق بولغىنى

  • بايقاش1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بۇدو تەڭگە پۇل بەسە ئامىسام بوغۇدەك دە

  • پەزىلىيە1 ئاي ئىلگىرى

    كارتون فىلىملاردىكى ئالتۇن تىللالار يادىمغا كىلۋاتىدۇ، نىمە دىگەن كۆپ…

  • مەن ئىنكاسچى1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئادەم بۇ تەڭگە پۇللانى قانداق يىغۋاغاندۇ؟ مەن شۇنچە ئويلاپ بىلمىدىم دىسە؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号