باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2598يوللانما
20مەستانە

رۇسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يېلىتسىننىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلى 2 مىليون 237 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 11:59 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيەدە، مېرسېدېز بېنىزنىڭ S دەرىجىلىك ئۇزاتىلغان پىكاپى 19 مىليون 790 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 2 مىليون 237 مىڭ يۈەن) غا سېتىلغان. ساتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پىكاپنىڭ بۇرۇنقى ئىگىسى رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى يېلىتسىنكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مېرسېدېز بېنىزنىڭ S دەرىجىلىك ئۇزاتىلغان پىكاپى 1994-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغانىكەن، رېمونت قىلىنمىغان بولۇپ، 60 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەنىكەن.

ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېلىتسىن بۇ پىكاپنى كىرېمىل سارىيىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا ساقلىغان ھەمدە سىرتلارغا چىققاندا ئىشلەتكەن. ساتقۇنىڭ دېيىشىچە،  يېلىتسىن بۇ پىكاپتا بىر قىسىم رەسمىي ۋە بىرەسمىي يىغىنلارغا بارغانىكەن.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا، يېلىتسىننىڭ يەنە بىر پىكاپى، بېنىز w140 پۇرمان توردا سېتىلغانىكەن، مەزكۇر پىكاپقا 33 مىليون 838 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 3 مىليون 826 مىڭ يۈەن) باھا قويۇلغانىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号