باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

Fiskerنىڭ ھەشەمەتلىك توكلۇق پىكاۋى EMotion كېلەر يىدىكى CES 2018دا ئېلان قىلىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 13:08 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىل لايىھەلىگۈچى Henrik Fisker بىر مۇھىم خەۋەرنى ئېلان قىلدى، بىز 1-ئايدىكى CES 2018دا ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى EMotion كۆرەلەيمىز. Fiskerنىڭ TheStreetقا ئېيتىپ بېرىشىچە، ۋاقتى كەلگەندە بۇ ماشىنىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى يەنە بىر قىسىم ئۆزگىچە تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرىدىكەن، مەسىلەن باتارىيە گۇرۇپپىسى ۋە لازىر نۇرلۇق رادار تېخنىكىسى بىرىكتۈرۈلگەن ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى قاتارلىقلار، ئەمما كېيىنكىسى ھازىرمۇ تەتقىق قىلىپ ياساش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

isker EMotion ئاپتوموبىلىغا 145kWhلىك باتارىيە گۇرۇپپىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىلغان. ئورگان تەرەپ ئېالن قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ ماشىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 400 مىل (تەخمىنەن 644km)دىن ئاشىدىكەن. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، تېسلانىڭ MODEL Sنىڭ باتارىيە گۇرۇپپىسى 75-100kWh؛

Fisker شىركىتى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ EMotionقا ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلىغان، ئەمما بۇ ماشىنا 2019-يىلى تاپشۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى 129 مىڭ دوللار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ شىركەت نۆۋەتتە باھاسى تەخمىنەن 34 مىڭ دوللارلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلات تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، تېسلانىڭ Model 3 بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن، بۇ ماشىنا 2020-يىلىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە بازارغا سېلىنىدۇ. 

«تېسلانىڭ كۈشەندىسى» دەپ قارالغان ئەھۋاللارغا قارىتا Fisker مۇنداق دېدى: «مەن بىرەيلەن باشقا بىرەيلەننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرالايدۇ دەپ قارىمايمەن. تېسلانىڭ ھەقىقىي رىقابەتچىسى يوق، مەن ھازىر بۇنداق بىرى مەيدانغا كەلدى دەپمۇ قارىمايمەن. ئەمما مېنىڭچە ھازىر كېيىنكى بىر تېخىكا سەۋىيەسىگە قەدەم ئالىدىغان ۋاقىت بولدى، مەن بىزنىڭ بىر قىسىم ھەقىقىي بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن.»

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، Fiskerنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى دەل ئۆزى. ئىستېمالچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا، بىر ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزلىرىنىڭ EMotion ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىشقا قايىل قىلىش بىر ھالقىلىق مەسىلە، شۇنداقلا بۇ يەنە بازاردىكى تۇنجى ئوقنى ئوڭۇشلۇق ئېتىپ، كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس سېلىشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号