باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

زاۋجۇاڭدىكى بىر سېمونت زاۋۇتىدا 5 ئادەم كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 16:23 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 19-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

19-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا زاۋجۇاڭ شەھىرى يىچېڭ رايونىدىكى بىر سېمونت زاۋۇتى سېخىدا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

19-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يىچېڭ رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى زاۋجۇاڭ شەھىرى يىچېڭ رايونىدىكى خۇاۋو سېمونت چەكلىك شىركىتىنىڭ خام ماتېرىيال سېخى رېمونت قىلىنىش جەريانىدا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم زەھەرلەنگەنلىكى، قۇتقۇزۇشقا بارغان 4 ئادەمنىڭ مەشغۇلاتى توغرا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەھەر ۋە رايونلۇق ئىككى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى. بىراق، 5 يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号