باش بەت

ئادىلجان

6867يوللانما
70مەستانە

ئالمىنىڭ ئەڭ مەغلۇب بولغان بۇ ئىككى iPhoneى دەل تىم كۇكنىڭ ئەسىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 19:30 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

21-ئەسىرنىڭ تۇنجى ئون يىلىدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يانفون ماركىسى نوكىيا بولۇپ، ئۇدا نەچچە يىل پايدىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. 

21-ئەسىرنىڭ 2-ئون يىلىدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يانفون ماركىسى ئالما بولۇپ، ئۇدا يەتتە يىل پايدىسى پايدىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، قالغان ئۈچ يىلدا يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن يانفون ماركىسى بولۇپ قالىدۇ. 

ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، ئالما يېقىنقى ئىككى يىلدا چېكىنىشكە باشلىدى، بەلكىم 3-ئون يىلدا باشقا يانفون ماركىسى ئالمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. 

جوبس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى كۇك بىرقانچە يىل جوبسنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىنىپ كەلدى، ئەمدىلىكتە ئۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە يولۇقۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ كۇك ئېلان قىلغان ئىككى خىل يانفون ئالما تارىخىدىكى قاتتىق مەغلۇب بولغان يانفونغا ئايلاندى. 

بۇ ئىككى خىل يانفوننىڭ بىرى iPhone SE، يەنە بىرى iPhone 5c، بۇ ئىككىسى ئالمىنىڭ يەتتە ئەۋلاد يانفونىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغان ئىككى خىل يانفون ھېسابلىنىدۇ. 

iPhone SE كۇك بۇلتۇرنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان كىچىك ئېكرانلىق يانفون بولۇپ، يېڭى بازارغا سېلىنغاندا 3799 يۈەندىن سېتىلغان، يەنى ئالما تارىخىدىكى ئەڭ ئەرزان iPhone ئىدى. 

ئەمما بۇ يانفون ئانچە قارشى ئېلىنمىدى، iPhone SEنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ياخشى بولماي، باھاسىمۇ ئۇدا چۈشۈپ كەتتى، نۆۋەتتە بۇ يانفوننىڭ باھاسى 2200 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەتتا شىياۋمىدىنمۇ ئەرزان. 

iPhone 5cغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنى تارىختىكى ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك ئالما يانفونى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ يانفون دەسلەپ ئەرزان باھالىق دەپ ئېلان قىلىنغانىدى، ئەمما باھاسى يەنىلا 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار بەكلا ئۈمىدسىزلەندى. 

iPhone 5c ئالما يانفونى تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ رېكورتنى ياراتتى، يەنى تارىختىكى سېتىش مىقدارى ئەڭ تۆۋەن ئالما يانفونى، تارىختىكى باھاسى ناھايىتى تېزلا 1000 دوللار چۈشۈپ كەتكەن ئالما يانفونى، تارىختىكى ئەڭ تېز بازاردىن قوغلانغان ئالما يانفونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رېكورت. 

نۆۋەتتە ئالما يانفونىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشى ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلەپ كەتتى، بەلكىم بۇ iPhone SE بىلەن iPhone 5cنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن بولسا كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ناچىرى ئالما 6 ئىشلەتكلەرنىڭ ھەممسى قاقشايدۇ مەنمۇ ھەم شۇ

  • جەسۇر3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە شاۋمى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • ئۇيۇنچى3 ئاي ئىلگىرى

    كىيىنكى ھۈكۈمران سامسۇڭ ،كىلەر يىلى كۈرۈپ قالىسىلە.

  • ئىۋو بىرسى3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ مۇشۇ ئايفون چىققان ۋاقىتلارغا قايتقۇم بار

  • بۈگۈن3 ئاي ئىلگىرى

    قۇرۇق گەپiPhone5sئەڭ مۇۋاپىق ئايغۇن،iPhone5cدىن نەچچە ھەسە ياخشى.

  • جەينەك3 ئاي ئىلگىرى

    كېيىنكى ھۆكۈمراننىڭ نوكىيا ياكى مىكروسوفت بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. لېكىنغۇ نوكىيا ئۇدا ئون يىل بىرىنجىلىكتە تۇرغان.

  • kapsiz3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى جۆيلۆپ چىقىرىپ تۇ بۇ خەق iphone se ئۇنچىۋالا يامان ئەمەسقۇ خىلى بولىدىغان تىلفۇن تى ئۇ كىيىنكى ھۆكۈمران بەلكىم سامسۇڭ ياكى خواۋى بەلكىم شىياۋمى بوپ قىلىشى مۇمكىن

  • Miii3 ئاي ئىلگىرى

    كېيىنكى ھۆكۈمران باشقىسى ئەمەس دەل شىياۋمى !

  • ھوي3 ئاي ئىلگىرى

    مىكروسوفىت ياكى گوگىل كىيىنكى ھۆكۈمران

  • ……3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما SEما خىلى ياخشى غۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号