باش بەت

Apple

88يوللانما
7مەستانە

23 يېشىدا 250 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيسىز كارخانىچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 22:52 22 ئىنكاس چۈشتى

IT دەۋر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سىلەرگە دۇنيادا ئەڭ نەس باسقان كارخانىچى تىرۋىس كالانىكنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

 

رەسىمدىكى Uber شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىراۋىس كالانىك (Travis Kalanick)

يېقىندا ئېلىمىزنىڭ دىدى شىركىتى كالانىكنىڭ Uber شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى كەسپىنى سېتىۋالدى، ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى سودىدىن بۇ ئەربابنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ كىرىمنىي جىلغىسىدا كۆپ قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن، ئون نەچچە دۆلەتتە «ئۇرۇش ئىلاھى» دەپ نام ئالغان، ئەزەلدىن يېڭىلگەنلىكى تەن بەرمەيدىغان بىر كىشى ئىدى.

بۇ ئىككى يىلدا ئېلىمىزىدىكى دىدى (Uber ۋە دىدى ئىككىلىسى دۇنياغا داڭلىق تاكسى ھەم شەخسى ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر) شىركىتى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ Uberنىڭ جۇڭگودىكى كەسپىنى سېتىۋالدى. بۇ قېتىمقى سودا دۇنياغا پۈتۈن زېمىننى تەۋرەتكۈدەك تەسىر پەيدا قىلدى. گەرچە كالانىك بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۆلچەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت (ھازىرقى مۆلچەر قىممىتى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)نى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپچىلىك تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ نەس باسقان ئىگىلىك تىكلىگۈچى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

كالانىك 1976-يىلى تۇغۇلغان، يۈزلىرى قۇياش نۇرىدەك پارلىنىپ تۇرىدىغان، ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان چوڭ يىگىت.

مۇھىمى ئۇ تېخى بالا، يەنە كېلىپ ھەقىقەتەن نەس باسقان بالا، زادى كالانىكنى قانچىلىك نەس باسقاندۇ، بۇنى دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.

21 يېشىدا پۈتۈن ئەلى بابا گۇرۇھىنى سېتىۋالغۇدەك قەرزگە بوغۇلغان

كالانىكنىڭ تالانتى ئۆسمۈرلۈك دەۋردىن باشلانغان بولۇپ، ئالتە يىشىدىلا كود يازالايتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانجىلىس شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، مەخسۇس IT ئېنژىنېرلىقى ئۆگەنگەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانجىلىس تارماق مەكتىپى

باشقا تالانتلىقلارغا ئوخشاش، كالانىك ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىنى پۈتكۈزمەيلا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالا-قازا بورانلىرى چىقىشقا باشلىغان.

21 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى ئۇ ئالتە دوستى بىلەن Scour تور بېكىتىنى قۇرغان، بۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تۇنجى P2P ئۇرۇق ئىزدەش دېتالى ئىدى. (چوڭ سىغىمدىكى كىنولارنى چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سىغىمى ناھايىتى كىچىك يېتەكچى ھۆججىتىنى ئۇرۇق دەيمىز)

بىراق تور بېكەتنى قۇرۇش يولىدا ئالغان قەرزلەر ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن چوقۇم قايتۇرۇش كېرەك ئىدى، تاپاۋەت تېخى نەقلەشمەي تۇتۇپلا، ھوللىۋود ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمئىيتىنىڭ 29 شىركىتى بىرلىشىپ كالانىك ئۈستىدىن «كىنولارنى قانۇنسىز چۈشۈرۈشكە سۇپا ھازىرلىغان» دەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى، ئارقىدىن سوت مەھكىمىسى ئۇنى 250 مىليارد تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىدى. ئەسلى گۇگولدەك داڭلىق ئىزدەش ماتورىغا ئايلىنىش خيالى بار كالانىك بىر قېتىمدىلا نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدى، ئۇنىڭ بۇ شىركىتىمۇ ۋەيران بولدى.

گەرچە كالانىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بۇ قەرز بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ 29 شىركەتنىڭ كۆڭلىنى تىندۈرۈش ئۈچۈن، سوت سىرتىدا كېلىشتۈرۈش ھەققى بىر مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەشكە بۇيرۇلدى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي كۈرەشچان روھقا ئىگە كالانىك 2-قېتىملىق ئىگىلىكىنى تىكلەشكە باشلىدى.

بىر چوڭ ئەر كىچىك ئۆيدە چوڭلار بىلەن بىللە تۇراتتى، كىچىك ۋاقتىدىكى ھۇجرىسىدا ئۇخلايتتى، يېيىش-ئىچىش ھەممىسىدىلا ئاپا-دادىسىدىن پۇل سورايتتى. چۈنكى ئۇ خېلىدىن بېرى مائاش ئېلىپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ بىر قېتىم لاسۋىگاسقا بېرىپ كۆرگەزمىگە قاناشماقچى بولغاندا، مېھمانخانىدا تۇرغۇدەكمۇ پۇلى بولمىغاچ، يۇرتىدىن ئىجارە ئالغان ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاپ، قىمارخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە يۇيۇنۇپ، مودېللاردەك ياسىنىپ شۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتى، ئويلىمىغان يەردىن بىر كىشى ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشقا ماقۇل بولدى.


مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغان شۇ كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار كىنولاردىكىگە ئوخشاش بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدى

مەبلەغ سالغۇچىلار ئولتۇرغان ئايروپىلان ئامېرىكىغا كېلىش يولىدا قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېگىز بىنا ئۈستىگە سوقۇلۇپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن. 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كىشىلەرگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك، كالانىكنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىسمىمۇ دەل بۇ ئابىدىگە ئويۇلغان ئىدى.

مەبلەغ سېلىش بىكار بولسا قايتىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى چاقىرسا بولىدۇ، بىراق شىركەت ئىچىدىن يەنە مەسىلە چىقسىچۇ؟ بۇ قېتىم كالانىك ساتقىنلىق دېگەنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

 

ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ھەمكارلاشقۇچىلىرى پۈتۈن كوللېكتىپنى ئېلىپ «تىكىۋەتتى»

ئەگەر ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئىشقا چىققاندا، شىركەتتە بىرمۇ ئادەم قالمىغانلىقى كۆرگىنىڭىزدە قانداق تۇيغۇ كېلىپ قالىسىز؟ شىركەت ئەڭ قالايمىقان بولغان چاغدا، كالانىكنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى پۈتكۈل كوللېكتىپنى ئېلىپ سونىيغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ، ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەي، بۇ قېتىمقى ئىش مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ، ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى مەبلەغنى قايتۇرۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىركەتكە «قان يېتىشمەي» ۋەيران بولىدۇ. ئويلايمىزكى، كالانىكنىڭ شۇ چاغدا روھى بەك چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بىر كېچىدە يا پۇلى يوق يا ئادەمى يوق پەقەت بىر كىشىلا شىركەت ۋە تەتقىقات ئەترىتىنى چۆگلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ نامراتلىقتا ئۇچىسىدىكى ئىشىتىنىدىن باشقا ھېنىمىسى قالمايدۇ.


پۇلى يوق باج تۆلىيەلمىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىمۇ بېرەلمىدى، تۈرمىگە كىرگىلى بىر قەدەم قالدى

پۇلى ھەم ئادەمى يوق ئەھۋال ئاستىدا شىركەتنىڭ ئەھۋەلى كۈندىن كۈنگە ناچارلاپ باردى، قىلىپ قالغان خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش ئۈچۈن كالانىك جانغا تاقىشىدىغان قاراردىن بىرنى چىقاردى:  ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. بۇ قېتىم ئۇ چاتاقنىڭ چوڭىنى تېرىدى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى بويىچە، ئۆزىگە قارىتىپ ئوق چىقارغاندەك بىر ئىش قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ياكى قەرزنى قايتۇرۇش ياكى تۈرمىدە يېتىش ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى تاللىشى بولۇپ قالغان ئىدى. ئارقىدىنلا بالىسىغا قىيمىغان دادا ئۆزىنىڭ چەكلىك ساندىكى ئەتىۋارلىق ماشىنىسىنى ھەم ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇنىڭغا بەردى. بۇ ئىشتىن كېيىن كالانىك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىدىن تولىمۇ نەپرەتلەندى.


6 يىل ئارقا-ئارقىدىن نەچچە يۈز قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى، تېلېفون ئۇرىۋىرىپ ئۆزىمۇ گاس بولۇپ قالغىلى تاس قالدى

ھەر ھالدا كېيىن كۈنلىدىكى ئوڭشسىزلىق بۇرۇنقىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، كالانىك ئۆزنى زورلاپ كۈندە كەسىپى تارماقلارغا چاپاتتى، ئۇ شۇ كۈنلەردە كۈندە 15 شىركەتكە بېرىشنى ئۆزىنىڭ قائىدىسى قىلىۋالغان ئىدى. لېكىن جەمىئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىر كۈندە 15 شىركەتنىڭ ئىشنى تاماملاشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ئاز دېگەندە كۈنىگە نەچچە يۈزلىگەن تېلېفونلارنى ئالدىن كىلىشىپ قويۇشى لازىم ئىدى. ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كالانىك توپتوغرا 6 يىل كەسىپ ئۈچۈن چاپتى، ھەركۈنى يۈز نەچچىلىگەن تېلېفونلىرى باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدى، ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تېلېفون قىلىشلار كالانىكنى ئىغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر كەچ كىرگەندە ئۇنىڭ قۇلىقى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى.

يەنە شۇنداق بولسىمۇ، كالاننىك پۈتكۈل شىركەتنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆزى بىر ئادەم ئۈستىگە ئالدى. ئاشۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەردە كالانىك ھەتتا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدىنمۇ خەۋەر ئېلىپ بولالمىدى، ئۇ شۇ ۋاقىتلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇراسىم تۇيغۇسى بىلەن تولغان بىر جۈپ پايپىقى ئۈستىگە «تەر تۆكۈش، قان ئېقىتىش، تەييار چۆپ يېيىش» دېگەن ئۈچ سۆزنى يېزىپ قويدى. ئاشۇ قۇلاق غۇڭۇلداشلار ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى، كېيىن كالانىك بۇ شىركىتىنى 23 مىلىيونغا سېتىۋىتىپ دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا يول ئالدى.

بۇ قېتىمقى تاللىشى ئۇنى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا سۆرەپ كىردى

قۇرغان «كىرىمنىي جىلىغىسىدىكى ئەڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمىگەن شىركەت»ى بارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەندى

كالانىك فىرانسىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقان چېغىدا يولدا پەقەت تاكسى توسىيالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىدا «بىر كۇنۇپكا بىلەن ماشىنا چاقىرىش»تەك ئوي كېلىدۇ، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋارە شىركەت دەپ نام ئالغان Uberنى قۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كالانىك تۇنجى كۈنى CEOلىك ئورنىدا ئولتۇرۇشىغىلا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەر بىرىسىگە 5000 ئامېرىكا دوللىرى دەپ يېزىلغان جەرىمانە تالونلىرىنى ھەم 90 كۈن سولاپ قويۇشتەك چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

كېيىن Uber پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشقا باشلايدۇ، بارغانلا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ھەم شۇ يەردىكى تاكسى شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرى توسۇشىغا ئۇچرايدۇ. ئىلگىرى ئىسپانىيە مادرىدىكى بىر سودىيە مۇنداق كىسىم ئېلان قىلىغان: Uber نىڭ شوپۇرلىرى قەتئىي كىرا قىلىشقا بولمايدۇ، Uber بارلىق كەسىپلىرىنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك؛ فىرانسىيە پارىژدا نەچچە مىڭ شوپۇر كوچىدا ماشىنا كۆيدۈرۈپ، Uberغا قارىتا نارازىلىقىنى بېلدۈرگەن؛ گېرمانىيەدىكى شوپۇرلار ئىش تاشلاپ، Uberغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەتتا كىرىمنىي جىلغىسىدىكى چوڭاملاردىن پېتېر سىيلمۇ Uberنى «كىرىمنىي جىلىغىسىدىكى ئەڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمىگەن شىركەت» دەپ قارىغان. بەزى كىشىلەر ماقالىلىرىگە Uberنىڭ كاپىتالى رەزىللىككە تولغان، بارلىق كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك دەپمۇ يازغان.

كالانىكنىڭ نەس باسقان ئىش ئىزلىرى مۇشۇنچىلىك بولسا يېتەر، كەينىدىكى ھېكايىسى كۆپچىلىككە غۇۋا بولمىسا كېرەك، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كالانىك مۇشۇ كىچىككىنە بېسىملاردىن يىقىلىپ قالارمۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە Uberنىڭ تەرەققىيات ئىزنالىرىنى ھەربىر شەھەرلەردە، ھەتتا لوس ئانجىلىستىمۇ تەقلىد قىلىنماقتا، رىقابەتلىشىش يولى بەس-بەسدە مۇنازىرە قىلىنماقتا. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىەسى تاكسىچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولدى، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېسىشىغا ئۇچرىدى، ئەمما تىجارىتى تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ ئاخىرىدا سۈكۈت ئىچىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. رىقابەتلەشكۈچىلەر ھەم كونا كەسىپلەر بىلەن تىركىشىپ ئاخىرىدا ھەممىدىن غالىپ كېلىش كالانىكنىڭ ئەسلىي تالانتى. كالانىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرخىل كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى شىركەت، بۈگۈنكى كۈندە 300 چوڭ شەھەرگە ماكانلاشتى، مۆلچەر قىممىتى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بىر سەكرەپ دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلغا يارايدىغان شىركەت بولۇپ قالدى.

كالانىكنىڭ ھايات يولىدىن كۆرۈپ بىلەلەيمىزكى، 1976-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى لوس ئانجىلىستا تۇغۇلغان ۋە ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بۇ يىگىتنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغان ئىشلىرىنى ئىككى نۇقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ: توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلەش، مەڭگۈ يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەسلىك.

ئۇنىڭ 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلىگەندە دېگەن بىر جۈملە سۆزى، كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ: «تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، مەن ئۇدا ئالتە يىل ھەر كۈنى نەچچە يۈز قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندىم. سىز بۇنى باشتىن كەچۈرەلىسىڭىز چوقۇم قەيسەر ئادەملەردىن بولالايسىز. كىشىدە سۇنماس-ئېگىلمەس ئىرادە بولسىلا، سىز مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالايسىز».

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىلى3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى پۇل ئۇچۈن بۇلۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن ئادەمدە چۇقۇم شۇنداق روھ بۇلىشى كېرەك ئۆزىنى ئاسراپ خېنىملاردەك ياشىغانلىمۇ چۇقۇم ئۆلىدۇ

  • قەيسەر4 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بەكلا قايىل بولدۇم

  • 73041 ئاي ئىلگىرى

    ئىقىن بىلەن ئوخشاش تەسىراتتا 40ھەرىپ مانا

  • باتۇر1 ئاي ئىلگىرى

    بىرلا گەپ ئوغۇل بالىكەنسەن ئاغىينە ، جوبىسقا ئوخشاش قايتىپ كىلەلەيسەن .

  • ئىقىن1 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى كىنو قىلىپ چىقسا ئوبدان كىنو چىققۇدەك.تۇرۇپلا ۋىل شىمىسنىڭ بەخىت ئىشكنى چەككەندە فىلىمى ئىسىمگە كەپ قالدى

  • دىلبەر دل1 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دىگەن ئگىلمەس سۇنماس رۇھ بۇ يگىتنىڭ رۇھىنى تەسۋىرلىگىدەكتىل تىخى دۇنياغا كەلمەپتۇ

  • ئەركەم1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ سېتىۋىلىش مەسلىسىدە شىركەت ئۆزىگە پايدىسى كۆپ تەگمەيدىغان ، بازاردا ئۆتمەيدىغان كەسىپنى ساتىدۇ ، ئۇنى بىر شىركەتنىڭ ھەممىنى سېتىۋالدى دېيىش تازا توغرا ئەمەس …

  • شوخ1 ئاي ئىلگىرى

    قاقتىى !! دىگەن ، نۇرداش سىز قىز بالما ؟؟؟

  • ئابدۇ1 ئاي ئىلگىرى

    مەن قايىل بولدۇم ما ئاداشقا

  • دىلكەش1 ئاي ئىلگىرى

    ئۇتۇق قازانغان كىشلەرنىڭ كەچۈرمىشى بەك جاپالىقكە مۇشۇنداق كىشلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۇقۇپ بەرسە بىرخىل ئىرادىگە كەپقالدىكە ئادەم، ئۈچ تۆتكۈنلۈك بولسىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号