باش بەت

del103

3766يوللانما
9مەستانە

ئالما iPhone 8 گە Touch ID تېخنىكىسىنى ئىشلەتمەيدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19 22:50 6 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Nodus نامىدىكى بىر زاپچاس تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ يىل ئېلان قىلىدىغان iPhone 8 نىڭ Touch ID بارماق تونۇش ئىقتىدارىنى بىكار قىلىدىكەن.بۇ شىركەت iPhone 8 ئۈچۈن يېڭى زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مال تەمىنلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى توپلىغان.

«فوربېس» ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Nodus ئالمىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى ئۈچۈن قوغداش قاپچۇقى لايىھەلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن، بۇ شىركەت يىقىندا iPhone 8 نىڭ قوغداش قاپچۇقىغا ئائىت بىر قىسىم لايىھە سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. سۈرەتتىن iPhone 8 نىڭ لايىھەسى يىقىندىن بۇيان تارقالغان مىش-مىش پاراڭلاردىكى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

Nodus ئاشكارىلىغان لايىھە سۈرىتى ئەپ ئىشلىگۈچىلەر ئالما HomePod ئۈسكۈنىسىنىڭ سىستېمىدىن بايقىغان iPhone 8 نىڭ ئۇچۇرىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەن. كونكرېت ئېيتساق، iPhone 8  نىڭ ئالدى تەرەپ ئۈستى قىسمى ئوقۇرسىمان ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ يەرگە ئالدى كامېرا قاتارلىق سېنزورلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ خۇددى ھالەت ئىستونىنى ئايرىۋەتكەندەك بىر ئىش.

iPhone 8 نىڭ لايىھەسىدىن باشقا، «فوربېس» ۋە Nodus لارنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى يېڭى ئەۋلاد يانفونىدا Touch ID دىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ئىلغار بولغان بىئولوگىيەلىك سالاھىيەت بېكىتىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىكەن، HomePod نىڭ ئەسلى كودىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتى iPhone 8 گە توغرىلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىدىكەن.

«فوربېس» ئېلان قىلغان ماقالىدە Touch ID ئىقتىدارىنىڭ iPhone 8 نىڭ باتارېيەسىگە بىرلەشتۈرۈۋېتىلىشى مۇمكىنلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يىقىندا ئاشكارىلانغان بىر سۈرەتتە بۇ كۇنۇپكىنىڭ ھازىر سېتىلىۋاتقان iPhone دىكىدىن سەل چوڭراق چىققانلىقى مەلۇم بولغان.

يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال يېڭىلاش ئۇسۇلىدا Touch ID نى توك مەنبە كۇنۇپكىسىغا بىرلەشتۈرىدىغانلىقى، بىراق بۇنداق قىلسا ئالما شىركىتى ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • راۋان1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تېلېفوننىڭ ئىشلەتكۈچىلىكى قالماپتۇ يەنىلا 6 ئىس 7 ، 7 پىلاس ياخشىراقكەن ئالاھىدە يېڭىلىق يۇقكەن يىڭى چىقاچقا باشقىلار سېتۋىلىشى مۇمكىن لىكىن 7 پىلاستن باشقىچە ئىشلىسە بۇلاتتى يەنىلا ئۇخشاشكەنغۇ مەن 2010 يىلدىن بۇيان ئالما تېلېفوننىڭ ھەمنە تىپىنى ئېلىپ ئىشىتىۋاتىمەن 8 كۈڭۈلگۈدەك چىقماي قالسا ئاستا سەنشىڭ ئىس8 كە ئۆتسەك بۇلدىغان ئۇخشايدۇ پۇل مەسىلە ئەمەس تېلېفون كۈڭلۈمكىدەك چىقسىلا بولدى

  • گېنىرال1 ئاي ئىلگىرى

    بولسىغۇ قان بىلەن ئاچىدىغەن قىلىپ قويسا،ھەر قېتىم قۇلۇپ ئاچماقچى بولسا قېنىنى چىقىرىپ قان تەكشۇرۇپ دەلىللىگەندىن كىيىن ئاندىن ئېچىلسا قاندا بوپ كېتەر ھە«يامان قىزززززىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى»

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس

  • بىزلەركىم1 ئاي ئىلگىرى

    چىراينىغۇ تونۇتا ، كەچتە قاندا قىلا ؟

  • شەبنەم1 ئاي ئىلگىرى

    چىراي ئىپادىسىنى ئىنتايىن تىز بولىشى مۇمكىن

  • تىز پۈكمەس1 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىپ كەينىگە ئىشلەتكىندىن ئىشلەتمىگنى ياخشى . لىكىن چىراي پەرىقلەندۈردىغان بۇپ قالسا بارماق تۇنۇشتەك تىز بولماي قالامۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号