باش بەت

نۇسرەتگۈل

7704يوللانما
110مەستانە

تاغىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ھامىلىدار بولۇپ قالغان 10 ياشلىق قىز ئوڭۇشلۇق يەڭگىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 10:27 45 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 20-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

7-ئايدا ھىندىستان ئالىي سوتى تاغىسىنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ ھامىلىدار بولۇپ قالغان 10 ياشلىق قىزنىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتسە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغانىدى. بۇ قىزچاق 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى چاندىگار شەھىرىدە بىر قىز بوۋاق يەڭگىدى.

دوختۇرلار بۇ قىزنىڭ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا 2.2 كىلوگرام قىز بوۋاق يەڭگىگەنلىكى، ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەننىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بۇ قىز بوۋاق ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە كۆزىتىلمەكتە.

بۇ قىز بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى كۆپ قېتىم تاغىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. 7-ئايدا ئۇ ئاشقازىنى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ھامىلىدار بولغىنىغا 30 ھەپتىدىن ئاشقانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى.

كېيىن ئۇنىڭ دادىسى سوت مەھكىمىسىدىن ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، سوت مەھكىمىسىدىكىلەر دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرۈپ، ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىشنى ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. ھىندىستان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھامىلىدار ئايال بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋالدىن باشقا، ھەرقانداق شارائىتتا ھامىلە 20 ھەپتىلىكتىن ئاشقان بولسا چۈشۈرۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • لەيلا2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھندستانڭ قانۇنى يۇقمدۇ؟ھايۋاندىن بەتەر خەقلەر با ئكەن بۇ دۈلەتتە ئۈزنڭمۇ سڭلسى،ئاچسى،قزىلرى بۇلدۇ.شۇلارنى ئۇيلمامدغاندۇ،نمشقا داۋاملىق مشۇنداق بمەنە تتقسز ئشلا كۈپ چقدۇ دەيمەن

  • شوخ بالا2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مۇشۇنداق ئپلاس ئادەم گە ئۈلۈم جازا سى ئازكىلىدىكەن دوسلار

  • مۇكەممەلچى2 ئاي ئىلگىرى

    ئنكاسقا ئنكاس يازغاننى بولتۇر ھىندىستاندا كىم خان دىگەن تىمىدا كۆرگەن ئەمدى مايەدىمۇ باشلىنىپتۇ

  • گۈلگىنە2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان ساراڭمۇ سىز ئوڭمۇ،ھىندىستاندىن چىقىۋاتقان بۇ ،بىمەنە ئىشلارغا سامسون ئىشلەتسىلا،ئۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەي قالامدىكەن؟سىز دورىنى خاتا يەۋالمىغانسىز ھە،بۇ يەردا كاللا دىسە پاقالچاق دەپ ئولتۇرماي،بىرىپ كۆرنۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك،،،،

  • سەرسان2 ئاي ئىلگىرى

    منڭچە ھندستان دۆلەت قانۇنى بزنڭ جۇڭگۇنڭلىدەك مۇكەممەل ئەمەس چىركلىك ئېغىر ھندستان كاپتالستك دۆلەتقۇ دەيمەن،

  • سامسوڭ2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بەك ياخشى ،،،،،

  • شوخ3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ باللوي دىگىنى سۇرخان دىگىنى دەل ئۆزى شۇكەن ئۇڭ ئادم ئا سۇرخاننىڭ دېپىنى چلمايدۇ

  • مەن3 ئاي ئىلگىرى

    ھامان بىر كۈنى ئوڭشىلىدۇ ، بۇ ھىندىستان.

  • قوتاز3 ئاي ئىلگىرى

    خەقنى بۇنداق تىللىمايلى .سۈرخانمۇ تورداشلار بىلەن قېيشىپ چاقچاق قىلىپ قويغاندۇ ياكى بولمىسا كىچىك بالا بولشى مۇمكىن .

  • بۇلاق3 ئاي ئىلگىرى

    نەرگىزنى سىزنى قوللايمەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号