باش بەت

durdana

1500يوللانما
122مەستانە

گۇمپا شاھى لى شياۋلوڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىكى كۆرۈنۈشلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 10:33 0 ئىنكاس چۈشتى

1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى لى شياۋلوڭ شياڭگاڭ ئىلزابىت دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولىدۇ، ئەينى يىلى ئۇ 33 ياشتا ئىدى. لى شياۋلوڭ نۇرغۇن قېتىم: «مەن ئاۋۋال بىر جانباز، ئاندىن قالسا ئارتىس» دېگەن. لى شياۋلوڭنىڭ ھاياتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەلتەنەتى ھالقىغۇسىز ئىدى.

ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، بىر قېتىم شياڭگاڭدا، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا سېئاتىلدا. ئەينى ۋاقىتتا لى شياۋلوڭ گۇمپا دېگەن سۆزنىڭ ئالماش سۆزى ئىدى، چۈنكى ئۇ بولغاچقا چەتئەللىكلەر ئاندىن گۇمپا دېگەن دېگەن گەپنى بىلگەن.

لى شياۋلوڭنىڭ جەسەت ساندۇقى ئېچىلغان دەقىقە.

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى كېلىپ پەتە ئوقۇماقتا.

سەلدەك ئېقىپ كەلگەن كىشىلەرنى شياڭگاڭ ساقچىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ، ئامانلىق قوغدىماقتا.

شياڭگاڭ خەلقى لى شياۋلوڭنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈپ، خوشلىشىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان.

ئۇنىڭ يېقىنلىرى دەپنە مۇراسىمىدا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.

لى شياۋلوڭنىڭ جەسەت ساندۇقى چىقىرىلىدىغان كۈنى شياڭگاڭدىكى ئون مىڭلىغان ئادەم يىغىلىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقچى بولغان.

لى شياۋلوڭنىڭ جەسەت ساندۇقى ئايرودرومدا ئامېرىكا سېئاتىلغا يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

لى شياۋلوڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىنلىرى ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقتا، ئۇنىڭ قەبرىسى سىئاتىلدىكى كۆل مەنزىرىلىك زاراتگاھلىقتىكى كىچىك بىر قىيادا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号