باش بەت

muharam

132يوللانما
10مەستانە

سوغۇق پىۋا ئىچىپ بولۇپ يۇيۇنغان ئەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى پۈتۈنلەي قاناپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 16:23 1 ئىنكاس چۈشتى

خۇبېي ئۆلكىسى خەن ياڭ رايونىدىكى 55 ياشلىق جاۋ ئەپەندى ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن ھەر كۈنى پىۋا ئىچىپ كۆڭۈل ئاچاتتى، بىر كۈنى جاۋ ئەپەندى 3 بوتۇلكا پىۋا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغان، يۇيۇنۇپ بولۇپ ئويلىمىغان يەردىن پۈتۈن بەدىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، جاۋ ئەپەندىنىڭ ئۆيدىكىلىرى جاۋ ئەپەندىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، دوختۇرلار جاۋ ئەپەندىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى پۈتۈنلەي قاناپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

جاۋ ئەپەندى ھەر كۈنى بىر قاپتىن ئىككى قاپقىچە تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بۇرۇن ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن يېرىم جىڭ ئاق ھاراق ئىچەتتىكەن، يېقىندىن بېرى ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن سوغۇق پىۋا ئىچىشكە كۆنگەن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى جاۋ ئەپەندى تاماق يىگەچ 3 بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىپ بولغان، كەچلىك تاماقتىن كېيىنلا ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغان.

ئىسسىق سوغۇقنىڭ تېز سۈرئەتتە بەدەنگە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە جاۋ ئەپەندىنىڭ قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ ئېتىلىپ كەتكەن، جاۋ ئەپەندىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ بىئارام بولۇشقا باشلىغان، ئائىلىدىكىلىرى جاۋ ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، ئارىلىقتا جاۋ ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە قېتىم نەپىسى توختاپ قالغان، دوختۇرخانىغا بېرىپ يېرىم سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق جاۋ ئەپەندىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.

دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا جاۋ ئەپەندىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا جاۋ ئەپەندىنىڭ پۈتۈن ئىچكى ئەزالىرى قان بىلەن توشۇپ كەتكەن، دوختۇرلارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە جاۋ ئەپەندىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قان تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى قەرەرلىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىمتاس1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي توۋا ،نىمانداق قورقۇنچلۇق ،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号