باش بەت

kelly

1480يوللانما
67مەستانە

كاجول ۋە ئاجەينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان سۈرەتلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 15:45 105 ئىنكاس چۈشتى

ئاجەي دېۋگان  ۋە كاجول 1995-يىلىدىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاجەي 26 ياش، كاجول 21ياش ئىدى، ئۇلار فىلىم سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا تونۇشقان، ئىككىسىنىڭ مىجەزى بەك پەرقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تاراتقۇلار ئۇلارنى ئاشىق-مەشۇققا ئوخشىمايدىغان ئاشىق-مەشۇقلار دەپ ئاتىغان. 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ ئاشىق-مەشقۇلار ئاجەينىڭ ئۆيىدە ماراتى مىللىتى ئۇسلۇبى بويىچە توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ھازىر ئىككى بالىسى بار، قىزى نىيسا 2002-يىلى تۇغۇلغان، ئوغلى ياگ 2010-يىلى تۇغۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • Onle On4 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن كاجول غائامراق ھا ھاھا

  • 136******802 ئاي ئىلگىرى

    يۇقارقى بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىككى كىلو سۆزلەپ قوياي دېدىم ئۆزەمچە

    كىنولاردا مۇشلاشقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزىلىرى يالغان ئەمما بەزى كۆرۈنۈشلەر راس ئۇچقان موللاق ئاتقان كۆرۈنۈشلەرنى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا سۆرەتكە ئالىدۇ ئەمدى كىنو ئىشلىدۇق دەپ خەخنى ئۇرۇپ سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇپ كىنودىن تاپقان پۇللىرىنى دوختۇرخانىغا دەسمىي سال دەپ كۆزىنى يۇمۇپلا تۇرۋالغىلى بولمايدۇ رىجىسسور نىمە دېسە قانداق مۇشلايسەن دېسە ئاكتىيورلارمۇ رىجىسسورنىڭ تەلىۋى بويىچە تاماملايدىغان بىر جەريان كىنودىكى مۇشلاش كۆرۈنۈشلىرى دېگەن

    كىنونىڭ مۇشلاشقان يەرلىرىگە دىققەت قىلىدىكەنسىلەريۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنىغا دىققەت قىلمايسىلەر

    ئاجەينىڭ رەزىل ئائىلە دىگەن كىنوسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار مەزمۇنى نىمىكەن


    يەنە بىرسى پەقەت ياراتمىغانلار چىقىپ كۆتەكتىن بىرنى تېپىپ مۇشلاپ بېقىڭلار قول ئاغرىمدىكەن يا كۆتەك ئاغرىمدىكەن شۇ چاغدا بىرەر نەرسىنى ھېس قىلىسىلەر


    ئەگەر ئاجەي كىنو ئىشلىمىگەن بولسا نىمىگە باھا بىرەتتىڭلار خەخكىمۇ خىزمەت لازىم پۇل لازىم ئانچە مۇنچە پۇل تېپىپ ئۆينى قامدىمىسا بولمايدۇ

    ئەمدى ئانداق مۇشلىشىدۇ مانداق مۇشلىشىدۇ تايىنى يوق دېمەي ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ نورمال ھالەتتە ياشايلى مىڭ تىللىساڭلارمۇ ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايسىلەر ئۇ دىگەن ئۇ بىز دىگەن بىز ئوخشاش ئادەم بولغان بىلەن ھەر جەھەتتىن پەرىق بار


    مەن قايسى بىر ئارتىسقا مەستانە ئەمەس پەقەت ياختۇرۇپ كىنولىرىنى ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قويىمەن

    ئۇنداق ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار ئاكىلار ئىنىلەر سىڭىللار بۇرادەرلەر

    چۈمۈلە جېنىدا ئىناق ياشايدۇ

    بەزى ئارتىسلارنىڭ خەۋىرى چىقسىلا تامغا قاققان مىختەك ئىنكاسلارنى يازماڭلار ياخشى سۆزلەرنى يېزىڭلا ھەممەيلەن خوش بولىدىغان رەنجىپ كەتمەيدىغان مۇنداقراق زىرە تۇز كەرەپشە يۇمغاقسۈت قايماق تورت شاكىلات پىرەنىكتەك يېقىشلىق ئىنكاسنى يېزىڭلار


    سۆزلەپ بولدۇم ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن قىلىپ مىنى تىللىماڭلار قۇلۇغۇم تىز قىزىيدۇ قۇلاققا مۇز چاپلاپ ئىرىتىپ ئېقىتىپ يۈرۈپ كەتمەي يەنە ( كۈلگەن چىراي )

  • مىرا2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىكىسسى بەك ماس كەلگەن بىر بىرگە

  • 46632 ئاي ئىلگىرى

    كاجول بىلەن شارۇلخان بەك يارىشىتتى بىرسى بىر سىگە

  • تېسلا2 ئاي ئىلگىرى

    كىلىن يۆتكەش ، دىگەن كىنونى كۈرۈپ خېلە تەسىرلەنگەن ئىدىم ، شارۇلخان بىلەن كاجول بىزگە قانداق مۇھاببەتلىشىشنى ئۆگەتكەن ئىدى ، لىكىن ئەمىليەتتە ، كىنودەك بولماپتىيا .

  • مىھمان2 ئاي ئىلگىرى

    كىنولىرى بەك ياخشى ئاجەينىڭ

  • پەرىشتە2 ئاي ئىلگىرى

    داڭلىق بولامدۇ بولمامدۇ قايسىڭلانىڭ ئالاقىسى بار بۇلا بىلەن، خەقنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغانغا،؟ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرسىلا بولمىدىمۇ، توۋا،،،،

  • mihman2 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ بەك قالتىس بۇ چولپان بوللىۋودتىكى تۇنجى شەخسى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار

  • سوزىن2 ئاي ئىلگىرى

    جوبىس نۇرداش قارىغاندا ئاجەينىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ باقماپسىز، ئەڭ ئاددىيسى قاتىلنى قوغداش دىگەن كىنوسىنى كۈرۈپ بېقىڭ، باشقىسىنى دېمەي تۇراي، ئاندىن باھالىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز

  • ئاجەي2 ئاي ئىلگىرى

    جوبىس ، ئىلى ،يەنە ئاۋۇ ھۆرمەتلىك ئىنكاسچىلار باشلىقى ،مەن مۇش پەشۋا كۆرمەيمەن ، كىنونىڭ مەزمۇنى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان پەلسەپىسىنى كۆرىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号