باش بەت

زورىگۈل

5705يوللانما
45مەستانە

ساختا «جەڭ بۆرىسى 2» قىزىل بولاق بېرىش ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 19:22 0 ئىنكاس چۈشتى


بېيجىڭ ۋاقىت تورى 20-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تور بەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق ئەسكەرتمە چىقىدۇ: قىزىل بولاق 48 سائەت ئىچىدە پورتمالىڭىزدا ساقلىنىدۇ، دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە 24 سائەت ساقلاڭ...

تورداشلار بۇ يەرگە كەلگەندە ئاندىن چۆچۈپ كەتتى، بۇ ھەرگىزمۇ قىزىل بولاق تارقىتىش بولماستىن، بەلكى «جەڭ بۆرىسى 2» كىنو گۇرۇپپىسىنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ قىزىل بولاق تارقىتىمىز دەپ كەڭ تورداشلارنى ئۇنىڭ ئېلانىغا ياردەملەشتۈرگىنى ئىكەن.

ئەسكەرتىش: ئەمەلىيەتتە ھازىر كۆپلىگەن سودىگەرلەر قىزىل بولاقتىن پايدىلىنىپ خېرىدار جەلپ قىلىشقا ئامراق، لېكىن بەزى قىزىل بولاقتا پۇل ئالالمايلا قالماي، يەنە سىزنىڭ پورتمالىڭىزدىن «پۇل بۇلايدۇ». 

تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل قىزىل بولاقنى ھەرگىز ئالماڭ:

1 . خۇسۇسىي ئۇچۇرلار كېتىدىغان قىزىل بولاققا قەتئىي چېقىلماڭ

قىزىل بولاق ئالىدىغان چاغدا پۇل ئالغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى، مەسىلەن ئىسمى، يانفون نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلار ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، نورمال ئۈندىدار قىزىل بولىقىنى ئادەتتە بېسىپ قويسىلا ئېلىنىدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۈندىدار پورتمالىدا ساقلىنىدۇ، خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش كەتمەيدۇ.

2 . ئۇلانمىنى ھەمبەھرلەپ قىزىل بولاق ئېلىش-ئالدامچىلىق

دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلەيدىغان قىزىل بولاق، مەسىلەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش، سوۋغات بېرىش، ئېتىبارلىق چەك بېرىش قاتارلىقلاردا ئۇلانمىنى باسسىڭىز ئاۋۋال قوشۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھرلىشىڭىز كېرەك. بۇنداق قىزىل بولاق ئابۇنتلارنى ھەمبەھرلەشكە ئېزىقتۇرۇش ۋە ئالداشقا چېتىشلىق بولۇپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنى بېسىپ پاش قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

3 . دوستلار بىلەن بىللە تالىشىدىغان قىزىل بولاقتىن ئېھتىيات قىلىڭ

دوستلار چەمبىرىكىدە دوستلار بىلەن بىللە قىزىل بولاق تالىشىدىغان پائالىيەتلەر ئاز ئەمەس، بەلگىلىك سوممىغا يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن 100 يۈەنگە يەتسە ئاندىن نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق ئويۇننى ئوينىغاندا قىزىل بولاق بېتىنى ئاچقۇچىنىڭ مۇنتىزىم ياكى ئەمەسلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەشگۈچى جەلپ قىلىدىغان ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن.

4 . يۇقىرى سوممىلىق قىزىل بولاققا ئىشەنمەڭ

يەككە ئۈندىدار قىزىل بولىقىنىڭ چېكى 200 يۈەن، شۇڭا «666»، «888» دېگەندەك قىزىل بولاقلارنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز ئاساسىي جەھەتتىن يالغان دەپ جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

5 . «AA قىزىل بولاق» ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق قىزىل بولاقتا ھەمىشە ئۈندىداردىكى AA پۇل قوبۇل قىلىش بېتىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «پۇل بېرىش»، «نەق پۇل سوۋغاتلىقى» دېگەندەك خەتلەرنى قوشۇپ قويىدىكەن، ئابۇنتلار خاتا ھالدا قىزىل بولاق ئېلىۋاتىمەن دەپ ئويلايدىكەن.

6 . قىزىل بولاقنى ئاچقاندا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن

سودىگەر ياكى دوستىڭىزدىن بىر ئۈندىدار قىزىل بولىقى كېلىپ ئاچقاندا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنسا ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى بۇ ساختا قىزىل بولاق بولۇشى مۇمكىن، ھەقىقىي ئۈندىدار قىزىل بولىقى قوبۇل قىلغاندا قەتئىي مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش كەتمەيدۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号