باش بەت

نۇر تورى

369يوللانما
12مەستانە

مەن نېمىشقا شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى پىدائىي بولدۇم

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-20 23:45 9 ئىنكاس چۈشتى


مەن نېمىشقا شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى پىدائىي بولدۇم


(شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى پىدائىينىڭ ئېغىزىدىن)


پىدائىي تىلغا ئېلىنسا ئاۋال كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى خالىس ئەجىر بىلەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان شەخسىيەتسز تۆھپە ئىگىلىرىدۇر. ئەمما مەن ۋە مېنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرىم ئوخشىمايدىغان باشقىچە پىدائىيلىق يولىدا كېتىۋاتقىنىمىزغا بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا باشقا پىدائيلارغا ئوخشاش قوللاش ۋە رىغبەتلەر ئاز بولمىدى، ئەمما يەنە ئەكسىچە تىل-ئاھانەت، تاپا-تەنىلەرمۇ ئاز بولمىدى، ھەتتا بەزى تىل- ئاھانەتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە يېگەنلىرىمىزنى زەھەر، ئىچكەنلىرىمىزنى ئوغا قىلىپ ئۈلگۈردى...ئەمما سېپىمىز كېڭىيىپ باردىكى، كەينىمىزگە يانمىدۇق، يالتايمىدۇق، چۈنكى بىز شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى پىدائىيلار!

l      *          *        *         *         *         *            

2013-يىلى يازدا شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئوتتۇرا جۇڭگوغا تەجرىبە ئۆگىنىشكە باردىم، ئەمما ئەڭ دەسلەپ مېنى قىزىقتۇرغىنى شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك تەربىيەلەشلەر بولماستىن، ئىستېمال ئادىتىمنى كۆزدە تۇتۇپ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ياتاقتا بىرگە تۇرۇۋاتقان خۇيزۇ خىزمەتدىشىم قىلىۋاتقان «دۆلەت ئالاھىدە يولغا قويغان 69 مىڭ 800 يۈەن بىلەن قوشۇنغا كىرىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە 10 مىليون 400 مىڭ يۈەن پۇلنى ساياھەت قىلىپ، ئويناپ يۈرۈپلا تاپىدىغان چوڭ سودا» تۈرى بولدى. خىزمەتدىشىم يۈ نىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىغان بىلەن كۈنلىرى تولىمۇ ھەشەمەتتە ئۆتەتتى، ھەر ۋاقلىق تاماققا مېنى چاقىرىۋېلىشنى ئۇنۇتمايتتى، يەنە كېلىپ نوپۇس كۆپ، يەر قىس، ئىستېمال چىقىمى خېلىلا يۇقىرى بۇ شەھەردە شىنجاڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مىللىيچە تائاملىرىغا ئايدا ئىككى قېتىم ئېغىز تېگىۋېلىش خېلى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغان بىزنىڭ ھەر ۋاقلىق غىزايىمىز شەھەردىكى ئالىي دەرىجىلىك تاماقخانىلاردا بولاتتى؛ دەم ئېلىش كۈنلىرىمىز شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باغچا، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئۆتەتتى؛ كەچلىرى خىزمەتدىشىم ئىشتىن چۈشۈپلا قايسىبىر لېدىر، يېتەكچىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنلارغا ئالدىرايدۇ، مەن ۋە بىر نەچچە يېڭى ھەمكارلاشقۇچىنىڭ قىلىدىغىنىمىز بارغان مەنزىرە رايونلىرى، باغچىلاردىكى بىزنىڭ تۈرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بايقاش، يەنى ئۈچ تۈۋرۈكلۈك ئىمارەت ئۈچ ھەمكارلاشقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەتتە دانە يول چىرىغى يەتتە قاتلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يىگىرمە بىر تۈپ دەرەخ  يەتتە قاتلامدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۆگزىسى يېشىل بىناغا  تۇتاشقان يول يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئېيتقان «بىر قىسىملارنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇپ، يېشىل كارىدور ئېچىپ  بېرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دېگەندەك (بىز بارغان يەرلەردە ئىمارەتلەر، دەل-دەرەخلەر، يول چىراغلىرى، ھەتتا بىنالارنىڭ قەۋەت سانلىرىمۇ ئادەتتە بىز ئاڭلايدىغان سان-سىفىرلار بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ، ئارتۇق، كەم چىقىپ قالمايدۇ) ماتېرىياللار كەم ئەمەس، كىتابلارنىڭ كەينىدىكى تاياقچە كودنى سىكانېرلىسىلا بۇ كىتابلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نەشرىياتلارنىڭ نەشر قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس؛ يۈ ۋە يېتەكچىلىرىنىڭ تېلفوندا ساقلانغان ھەر ئايدا ئۇرۇلغان مائاش ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىغۇ كىشىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدۇ (جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى دەپ ئەسكەرتىش قوشۇپ ئەۋەتىلگەن مۇئاش ئۇچۇرى)، سۇمرۇغ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر  قېتىملىق چاغانلىق پىروگىراممىسىدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشلارنى ماختاپ ئېيتقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلىرىمۇ بار تېخى (ئەينى چاغدا مېنىڭ كۆرگىنىم بۇنىڭ سىن نۇسخىسى ئىدى، ئەمما خېلى ئىزدەپمۇ سىن نۇسخىسىنى تاپالمىدىم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىن يالغان ئىكەن، يەنى ئاۋاز كىرىشتۈرۈپ ئويدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن بەيدۇ تورىدىن ئۆچۈرۈلگەن):


يەر دۆلەتنىڭ، دۆلەت تەستىقىدىن سىرت بىر غېرىچ يەرنىمۇ قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۆزى باش بولۇپ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن بېيىشقا چاقىرىپ قوللىغان تۈر؛

دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بەش چوڭ بانكىنىڭ بىرى بولغان يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدىن مائاش ئۇرۇلىدۇ؛

تېخى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسىدەك نوپۇزلۇق مەتبۇئاتمۇ بۇ چوڭ سودا تۈرى ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىدۇ؛

شۇنداق قىلىپ يۈ ۋە يېتەكچىلىرى ئېيتقاندەك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت مەخپىي قوللىغان (چۈشەندۈرلىشىچە، ھەممە ئادەم بۇ چوڭ سودىنى قىلىپ كەتسە، ھەممە ئادەم باي بولۇپ كېتىپ باشقا كەسىپلەرنى قىلىدىغان ئادەم قالماي جەمئىيەت تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ كېتەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت مەخپي قوللايتى، يەنە كېلىپ دۆلەت ئىچىدىكى بايلىقنىڭ سىرتقا ئېقىپ كەتمەسلىكى، بولۇپمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولغان بۇ تۈرنىڭ چەتئەللەرگە ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چەتئەللىكلەر قىلىشقا بولمايتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ چوڭ سودا بىلەن بولۇپ كېتىپ ھۆكۈمەت ئىشىنى تاشلاپ قويماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم رايون ئاتلاپ چىققاندىلا ئاندىن بۇنىڭغا قاتناشقىلى بولاتتى. قايسىبىر مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ جىيەنى، قايسىبىر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئايالى يىغىن ۋە سورۇنلاردىن كەم بولمايتتى، ھېلىقىدەك ئارتىس، ئىدارە باشلىقلىرى، ساقچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئاسپرانت، ماگىستىر ھەتتا دوكتۇرلار قۇمدەك...)، قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە ئاتمىش ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر قاتلىمى ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتم قاتنىشالايدىغان، ئۈچ يىل ئىچىدە تاج كىيىپ مىليونېر بولالايدىغان بۇ تۈرگە مەن «ئامىتىم كېلىپ» شۇنداق بالدۇرلا يولۇققان ئىدىم...

ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقى، مەندەك يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن ئاز دېگەندە 70 مىڭ يۈەننىڭ چىقىشى بىر مۈشكۈل ئىش بولدى، ئۇ يەر بۇ يەردىن جىددىي مەبلەغ جۇغلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئۆزەم ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ ئىشىنى بېجىرىش ئۈچۈن سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ ئالدىراش چىقىپ كېتىۋاتقان ئىدارە باشلىقىنى توستۇم، ئىدارە باشلىقى جىددىي ئىش بىلەن بىزنىڭ شىركەت تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ ماشىنىسىغا سېلىپ، يول ئۈستىدە ھۆججەتكە قول قويۇپ بەرگەچ، مېنىڭدىن  يۈ توغرىسىدا سوئال سوراپ، مېنى يۈنىڭ تۇرار جايىغا باشلاپ بېرىشنى ئېيتتى. بۇ چاغدا يۈ ئاللىبۇرۇن شىركەتتىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ پەقەت ئۇ مېنى ئىزدىسە تاپالايدىغان، ئەمما مەن تاپالمايدىغان، مەن ئۇنىڭ تۇرار جايىنى پەقەت يۈزەكى بىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى ۋە ھېلىقى چوڭ سودا توغرىسىدىكى پىلانلىرىمنى ئېيتىپ بەردىم. ئىدارە باشلىقى چۆچىگەندەك قىلىپ ماڭا ئۇ سودىغا ئارىلاشماسلىقنى، ۋاقتىم چىقسا ئىشخانىسىغا بېرىپ چاي ئىچىپ كېتىشىمنى ئېيتىپ شىركەت ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى؛ ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ يەنە شۇ تەرەپكە ئۆتكىنىمدە، ئىدارە باشلىقى يۈ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشنى تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، مەن ئەينى چاغدا تىلغا ئالغان چوڭ سودا ئەمەليەتتە دەل شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مېنىڭ بۇ بالا-قازادىن ئامان قالغانلىقىمنى تەبرىكلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن تا ھازىرغىچە يۈ توغرىلىق قايتا خەۋەر ئاڭلىمىدىم...

l          *         *           *            *           *             

تولىمۇ ئەپسۇسكى، شاخلىتىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراشتىن يەنىلا قېچىپ قۇتۇلالمىدىم.

ئاجايىپ تىنىمسىز بىر قىز ئىدىمكى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىردەم بىكار قالساملا ئىچىم سىقىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا ئۈندىدار سودىسى ئۇقۇمى شەكىللەنمىگەن بىر زامانلاردا ئۈندىدار سودىسىنى باشلىدىم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىپ باقتىم، مەيلى نېمىلا ساتماي لەۋزىمدە تۇرۇپ ھەقىقىي سودا قىلىدىغىنىم ئۈچۈن دەسلەپتە پەقەت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشلىغان بۇ سودام ئويلىمىغان يەردىن ئۆزەم ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى ئۈنۈم بەردى. دەسلەپتە قىز بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن گىرىم بۇيۇملىرى، تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ بىر قەدەر مۇقىم ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى چوڭ بازار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ مۇشۇ بازارغا  يۈزلەنگەن. دەسلەپكى مەزگىلىمدە شىنجاڭدا ئۈندىدار سودىسى ئەۋج ئالمىغان چاغ بولۇپ، ماڭا دەسلەپتە مال تەمىنلەپ بېرىپ كېلىۋاتقان ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر ئارسىدا ۋاكالەتچى بولۇش ۋە ۋاكالەتچى ئېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. تەبئىيلا مەنمۇ بۇ دولقۇنغا قوشۇلدۇم ۋە ئۇزۇنغا بارمايلا كونا خېرىدارلىرىم، قوللىغۇچى تونۇش-بىلىشلىرىمدىن تەشكىل تاپقان نەچچە ئون كىشىلىك ۋاكالەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتىم. سودىمىز چەمبىرەكلەردە بىز داۋاملىق كۆرىدىغان مىليونېر ئۈندىدار سودىگەرلىرىدەك بىر كېچىدە مىليونېر چۈشىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمايتتىيۇ، سودا قىلىشقا ئازراقلا ئېپى بار ۋاكالەتچىلىرىمنىڭ بىر ئايدىكى ساپ كىرىمى نورمال مائاش سەۋىيىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالاتتى، چۈنكى بىز ھەممىدىن بۇرۇن يولغا چىققانلار ئىدۇق ۋە سۈپەت، ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتۇق. ئۇدا ئۈچ يىل ئۈندىدار سودىسى قىلىپ دەسلەپكى بىر ئادەمدىن كېيىنكى نەچچە ئون كىشىلىك «قوشۇن»نى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىمدە مال تەمىنلىگۈچى شىركەت قانداقتۇر بىر تېز بېيىش ئەندىزىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئىقتىساد كەسپىنىڭ ماگىستېر ئۇنۋانىنى ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقراۋى ئىگىلكتىكى يۈز كۈچلۈك كارخانىنىڭ رايون دەرىجىلىك بوغالتىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن مېنىڭ  ئاسماندىن توقاچ ياغمايدىغانلىقىدىن ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار ئىدى، تۇنجى قېتىملىق تۈر تونۇشتۇرۇش دەرسىدىلا نەدە ئۇنداق ئاسان باي بولىدىغان ئىش باركەن دەپ قول سىلكىپ توپتىن چىقىپمۇ كەتكەن، ھەتتا دەرسنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ ماڭا پۇل ئۇرغان نەچچە ۋاكالەتچىمنىڭ پۇلىنى قايتۇرىۋەتكەن ئىدىم. لېكىن، مېنى شىركەت بىلەن باغلاپ تۇرغان يېتەكچىم مەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كېلىپ بىر نەچچە قېتىم يۈز تۇرانە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، «ياق!» دەيدىغان چاغدا يۈز كېلەلمەي «بوپتۇلا، نەچچە مىڭنىڭ ئىشىغۇ» دەپ سالغىنىم ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ماڭا ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇلمىغۇدەك ساۋاق بولدى؛ مەن پۇلنى تاپشۇرۇپ كەينىدىنلا مېنىڭ پۇل تاپشۇرغىنىمدىن شىركەتنىڭ توپىدىكى ۋاكالەتچىلىرىم خەۋەر تاپتى ۋە مېنىڭ دەسلەپتە پۇللىرىنى قايتۇرىۋەتكىنىمدىن رەنجىشتى، چۈنكى بۇ چاغدا بۇ تۈر باشلانغىنىغا ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئەزا بولغانلار ماشىنا، ھەتتا ئۆيمۇ ئېلىشىپ بولغان ئىدى، دەسلەپتە توسمىغان بولسام ماشىنا ئالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارمۇ خېلى پۇللۇق بولۇپ قېلىشاتتى، يەنە كېلىپ بۇ چاغدا خېلى خېلى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ھەتتا بىر نەچچە دوكتورمۇ بىزنىڭ چوڭ سەپكە قوشۇلغان ئىدى، ساقچى، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى دېگەن تۆكمە...

ئۆزۈم  خالاپ خالىمىغان ھالدا بۇ تۈرنى باشلىدىم-بىزنىڭ مېلىمىز بار، شاخلىتىپ سېتىشتا مال بولمايدۇ؛ مەھسۇلاتىمىز ئىشەنچىلىك، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرى، ئەلچىخانىلارنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتى قىلىپ تاللانغان؛ شىركەت ھەر دەرىجىلىك مېھرى-شەپقەت ئۇيۇشمىلىرى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ رويخەتكە ئېلىنغان، بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق...بۇلار  شۇ كۈنلەردىكى كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى ئىدى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ  شاخلىتىپ سېتىش ئىكەنلىكى  كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى، ئەمما ھەپتىدە نەچچە قېتىم بېرىپ كېلىدىغان سودا-سانائەت ئىدارىسىدىن بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىشقا پېتىنالمايتىم...ئونىنچى ئايدا باشلانغان يېڭى ئەندىزە ئىككىنچى ئايدىكى چاغانغىچە نورمال داۋاملاشتى، بىرلا مەسلە ماللارنىڭ كېلىش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراپ كېتىۋاتاتتى، شىركەت تەرەپ بۇنى ۋاكالەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقتىن زاۋۇتتا ئادەم كۈچى يېتىشمەيۋاتىدۇ دەپ چۈشەندۈردى، ھەر ھالدا سىستېما نورمال كېتىۋاتقانلىقتىن بەك كۆپ باش ئاغرىقى، كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولمىدى. ئەمما چاغان ئۆتۈپلا سىستېما ھېلى ئاسراش مەزگىلىگە كىرىپ قېلىپ، ھېلى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ  مۇلازىمەتتىن توختايدىغان بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ دەسلەپتە بىر نەچچە سائەت رېمونت قىلىنىدىغان سىستېما بارغانسېرى  كۈن-كۈنلەپ رېمونت قىلىنىدىغان، تېخىمۇ چاتاق يېرى سىستېمىدىن چاتاق چىقىش  بىلەنلا ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئارخىپىنى كۆرگىلى بولمىدى دېگەن باھانە بىلەن مال ئەۋەتىشمۇ توختايدىغان بولدى. ئاخىرقى قېتىمدا سىستېما «خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى»غا  كۆپ ئۇچراپ كەتكەنلىكتىن سىستېمىنى كۆچۈرۈش كېرەك بولۇپ قالغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك بىر ھەپتىگىچە ۋاكالەتچى چاقىرىشنى توختىتىشىمىز كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ توپلار قايناپ كەتتى، بىر نەچچەيلەن شىركەتكە بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما شىركەت تەرەپتىن شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى چوكانتال بايرىمىلىق قانۇنلۇق دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەنلىكتىن شىركەتتە ئادەم قالمىغانلىقىنى ئېيتىپلا جىمىپ كەتتى...

مانا قىززىقچىلىق، تۆۋەندىكى ۋاكالەتچىلىرى ئالەمنى مالەم قىلىپ قايناپ كېتىۋاتسا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنىي ئىگە دەم ئېلىشقا چىقىپتۇ! مېنىڭدەك غەزىپى تاشقانلار بەلكىم يەنە بار، ئەمما چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى تۈگىتىپلا ئەڭ ئاۋۋال مەن شىركەتكە يېتىپ باردىم، سەن قىز بالا تۇرساڭ، قورقمامسەن؟دەپ سوراق قىلىشلارغا پەرۋا قىلمىدىم. شۇنچە يولنى بېسىپ شىركەتكە بېرىپ بىلدىمكى، شىركەتنىڭ ئۈچ پايچېكىنىڭ بىرى بارلىق مەبلەغنى ئېلىپ قېچىپ كېتىپتۇ، شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىسى بېشىنى ساڭگىلىتىپ شۇنچىلىك بىچارىلەرچە ئولتۇرۇپتۇ...بەلكىم ئۆزۈم بىر مالىيە خادىمى بولمىغان بولسام بۇ چىرايلىق گەپلەرگە راستىنلا ئىشىنىپ قالاتتىم، ئەمما بىر مالىيە خادىمى بولغىنىم ئۈچۈن بىر پايچېكنىڭ بارلىق مەبلەغنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىقىنى بىلىمەندە! ئەمما ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا دېگەندەك نەگە بارالايتتىم يەنە؟! شىركەت بىلەن تولا جېدەللىشىپ يۈرۈپ بىر قىسىم مالنى ۋاكالەتچىلەرگە ماڭغۇزدۇم، يەنە بىر قىسمىنى سىستېمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئېچىلمىغىنى ئۈچۈن ئېچىلىشىنى ساقلاشتىن باشقا ئىمكان يوق دېگەن ئېمىزگىنى شوراپ قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم، قايتىپلا تېخى تىزىمغا ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋاكالەتچىلەرنىڭ پۇللىرىنى قايتۇرۇپ ئېمىزگەمنى شوراپ ساقلاپ باقتىم؛ قانداقلا بولمىسۇن، مەن باشقىلارغا قارىغاندا خېلى كۆپ مالنى قايتۇرۇۋالالىغان تەلەي ئىگىسى ئىدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن سىستېما قايتا ئېچىلمايلا قالماستىن، يەنە باشقا سىستېما ئېچىلىپ قايتا ۋاكالەتچى چاقىرىش ئارقىلىق يوقالغان مەبلەغنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى كونا ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇپ بېرىشتەك بىر قاتار ئالدامچىلىقلار بولۇپ ئۆتتى (كېيىنكىلىرىنى مەن باشقىلاردىن ئاڭلىدىم، بۇ مەزگىلدە مەن مېلى قولىغا تەگمىگەن ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىلەن بولۇپ، كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلاشمىدىم). بۇ شىركەت ھېلىھەم مەۋجۇت ۋە نورمال تىجارەتتە...

باشقىلارنىڭ زىيىنىنى قانداق تولدۇرۇپ بەرگىنىمنى بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىسام، تاپقان-تەرگىنىمدىن ئايرىلدىم ۋە ئالدامچىلارغا نىسبەتەن ئىچ ئىچىمدىن نەپرەت قاينىدى، ئۇچراتقانلا يېرىمدە توستۇم .مانا بۈگۈن قايتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆز ئىگلىكىمنى باشلىغان بىر ياش بولۇپلا قالماستىن  بىر ھەققانىيەتچىلەر توپى-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتىمەن! يۇقىرىقىلار قانداقتۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ياكى بىرەرىدىن ئاڭلىۋالغانلىرىم ئەمەس، بەلكى ئۆز كەچۈرمىشلىرىم! بۇنى سۆزلەش ئارقىلىق مەن شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، سىز بىر كېچىدە باي بولۇش چۈشىڭىزنى كۆرۈۋېرىڭ، تور ئالدامچلىقىغا قارشى پىدائىيلار بىرى ئون بولۇپ كۆپىيىدۇكى، تىللاش، تەھدىت، تۆھمەتلەردىن قورقۇپ قالمايدۇ، كەينىگە يانمايدۇ! چۈنكى ھەق ئېگىلىدۇ-سۇنمايدۇ! قانۇن ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئالدامچىلىق مەۋجۇت بولغان جايلاردا ئالدامچىلىققا قارشى تىغ ئۇرۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ!

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەمشەر5 ئاي ئىلگىرى

    شاخلىتىپ سېتىش دېگەن ئادەم سېتىش دېگەن گەپ

  • جەسۇر5 ئاي ئىلگىرى

    چۈنكى شاخلىتىپ ساتقۇچىلاردا يۈرەك شۇنچە قارىداپ كەتكەن ئۇلارنىڭ بېشىدىكلەر بىلىدۇ ئاخىرىدىكلەر ھىچنىمىنى ئۇقماى تۇرۇپ كىرگەنلەر ھەممىنى بىلگەن چېغىدا ئاللىقاچان كىچككەن بارلىق تاپقان تەرگىننى بۇ سۇدىغا تىقۋەتكەنلەر شۇڭا ئۇلار تاپقان تەرگىننى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ئۈزنىڭ يېقىنلىرىنى مۇشۇ پاتقاققا سۆرەپ كىرىدۇ ئۇلارغا بۇنىڭىدىن باشقا يول يوق ئۇلار پەقەت ئەزا ئەكىرگەندىلا پۇللىرى ئاز ئازدىن قاتتىپ كىلىدۇ

  • دۇكانچى5 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم ئادەمنى شاخلاتسا بەرىبىر ھەممىسى ئوخشاش

  • ئەركزات5 ئاي ئىلگىرى

    ئۇندىداردىكى قايسى بىر شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىللىرى شاخلىتىپ سېتىشقا كىرەمدۇ ئۇلارنىڭ قانۇنىيتىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن شاخلىتىشقا

  • ،،،،،،،،،،،،،،،5 ئاي ئىلگىرى

    شاخلىتىپ سېتىش دىگەن نىمە دىگەن گەپ بۇ مەن پەقەت چۇشەنمىدىم چۈشەندۇرۇپ قۇيۇدىغانلا بامۇۇ .

  • يۇكسەل5 ئاي ئىلگىرى

    بىز سىلەرنى قوللايمىز

  • ئەركىنجان5 ئاي ئىلگىرى

    نىمىشقا بۇ شىركەت ھازىرمۇ مەۋجۇت بولسا ،شىركەت نامىنى ئاتاپ قويمايسىز ،

  • سودا5 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىل ،سودا سودا يولى بويىچە توغرا بولسا ئۇزۇنغا بارىدۇ. باشقىلارنىڭ زېيىنغا پايدىغا ئېرىشش توغرا ئەمەس.

  • كاپىتان5 ئاي ئىلگىرى

    مانا يۈرەكنىڭ قېتىدىن چىققان ھەقىقى گەپلەركەن ماۋۇ ،شاخلىتىپ ساتقۇچىلار ھەممە ئىش شۇنچە ئوچۇق تۇرسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىدۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号