باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8946يوللانما
455مەستانە

مەدەنىيەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئاساسى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21 12:00 1 ئىنكاس چۈشتى

گۈلرۇخ يالقۇن (ئۆز مۇخبىرىمىز)، سەمەرجان ئابلىز (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز)

بۆلۈمدە ئېچىلىدىغان يىغىندا كېچىكىپ قالغان بىر خىزمەتدىشىمىزنى ساقلاۋاتاتتۇق، بىر چاغدا ئۇ ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە كىرىپ كەلدى-دە، كېچىكىش سەۋەبىنى سۆزلەپ كەتتى:

-ۋاي، ئەتىگەندىلا ھەجەب تېرىكتىم، پىكاپنى ئىدارىمىزنىڭ ئالدىغا قارىتىپ ئايلاندۇرۇۋاتسام، قاتناش ساقچىلىرى «پىيادىلەرگە يول بەرمىدىڭ» دەپ توسۇۋالدى؛ گەرچە مەن پىيادىلەرنى كۆرگەچكە پىكاپنى ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە ھەيدىگەنلىكىمنى ئېيتساممۇ، لېكىن ساقچى مېنىڭكىنى خاتا قىلىپ، پىيادىلەرگە ئەسلىي پىكاپنى توختىتىپ يول بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. ساقچىغا يىغىنىم بارلىقىنى ئېيتىپ، رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن قايتىپ كىردىم، يىغىندىن كېيىن چىقسام بىلىمەن قانداق چارە كۆرىدىغىنىنى...

ئىلگىرى بىز قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، خالىغان يەردە ئاپتوموبىل توختاتقان، چەكلەنگەن يول ئېغىزىدىن كەينىگە بۇرۇلغان ياكى ۋاقىت چەكلىمىسى بار يوللاردىن چەكلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكەن ئەھۋاللاردا قاتناش ساقچىسىنىڭ توسۇپ تەربىيە بەرگەنلىكى ياكى جەرىمانە قويۇپ نومۇر تارتقانلىقىنى كۆرگەن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ شۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىغان، مانا ئەمدى بىزگە ناتونۇش «يېڭى» قاتناش قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. شەھىرىمىز ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش قەدىمىنى باسقاندىن بۇيان، بۇنداق ئىنچىكە قائىدە-تۈزۈملەرنىڭمۇ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز.

يېقىندا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەن ئاپتوموبىللار، قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتكەن، پىيادىلەر ئۆتۈشمە سىزىقى يوق يول بۆلىكىدىن كېسىپ ئۆتكەن پىيادىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى، ئەمەلىيەتتىمۇ «تۈزەش» كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى؛ شۇ بىر كۈندىلا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەن ئاپتوموبىلدىن 787سى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن، پىيادىلەر ئۆتۈشمە سىزىقىدا ماڭمىغان، رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتكەنلەردىن 638ى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىندى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ خىزمەت شەھىرىمىزدە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ تىزىملىكى كۈندە دېگۈدەك ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا پىيادىلەرگە يول بېرىش ھەم پىيادىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن يولدا مېڭىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاراپ باقايلى: ئادەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىغا ئاز قالغاندا مەيلى يولدا ئادەم بولسۇن ياكى بولمىسۇن، چوقۇم سۈرئەتنى h/20km دىن چۈشۈرۈپ ئاستا كېلىشى كېرەك، شۇ چاغدا ناۋادا يولدىن ئۆتۈۋاتقان پىيادىلەر ئۇچرىسا، ئاپتوموبىلنى چوقۇم توختىتىپ يول بېرىشى شەرت، ناۋادا يولدا پىيادىلەر بولمىسا، پىيادىلەر يولىدىن يەنە شۇنداق سۈرئەت بىلەن ئاستا ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلارغا 20-200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلۇپ، پىراۋىسىدىن ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان پىيادىلەر يولى ھەرقايسى چوڭ يوللارنىڭ قاتناش سىگنال چىرىغى بېكىتىلگەن پىيادىلەر يول بۆلىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، باشقا يوللاردىكى قاتناش سىگنال چىرىغى بېكىتىلمىگەن پىيادىلەر يوللىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداق بولسا پىيادىلەر قانداق يول يۈرۈشى كېرەك؟ پىيادىلەر چوڭ يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يەرئاستى يولى، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ۋە مەخسۇس پىيادىلەر يولىنى تاللىشى كېرەك، ناۋادا ئۆز يولىدا ماڭماي، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يولىدا خالىغانچە ماڭسا ياكى پىيادىلەر يولىدىن قىزىل چىراغ يانغان شارائىتتا داۋاملىق ئۆتىۋەرسە، قاتناش قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە 5-10 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. «تەڭرىتاغ» رايونىنى مىسالغا ئالساق، خەلقئارا چوڭ بازار، «كىچىك قوۋۇق»، «شىنخۇا» جەنۇبىي يولى، «غالىبىيەت» يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە پىيادىلەرگە يول بەرمەيدىغان ياكى پىيادىلەر بەلگىلەنگەن يولدا ماڭمايدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇ خىل قىلمىش كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون، يول ئالاھىدىلىكى بويىچە شەھىرىمىزدىكى ھەرقايسى رايون ۋە مەھەللىلەردە «پىيادىلەرگە ئەدەپ بىلەن يول بېرەيلى» تېمىسىدا مەخسۇس تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى، قاتناش قانۇنىدىن ساۋات مەخسۇس لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ قاتناش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.

بۇ نۇقتىلىق خىزمەتلەردىن باشقا، شەھىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن، يوللاردىكى قاتناش سىگنال چىراغلىرى يولدىن ئۆتۈشىمىزگە يېتەكچى بولۇپ، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا: «قىزىل چىراغ ياندى، توختاڭ»، «يېشىل چىراغ ياندى، ماڭسىڭىز بولىدۇ» دېگەن ئەسكەرتمىنى بېرىۋاتىدۇ. شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ كۇرسانتلىرى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەتلىك قاتناش پىدائىيلىرى سۈپىتىدە نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرىدا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. دېمەك، مەدەنىيەتلىك يول يۈرۈش، مەدەنىيەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسى، شەھىرىمىزدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشقان بۈگۈنكىدەك جىددىي قاتناش ۋەزىيىتىدە ئاپتوموبىل بىلەن پىيادىلەر ئارسىدا كۈچىيىپ قالغان «سۈركىلىش»نى پەسەيتىش، ھەتتا تۈگىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قاتناش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ساپالىق يول يۈرۈشىگە، مەدەنىيەتلىك شەھەر ئاھالىسى بولۇشتەك 1-شەرتنى ھازىرلىشىغا توغرا كەلمەكتە. 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەلى1 ئاي ئىلگىرى

    مەدەنيەتلىك بولۇش ياخشى ئىش لىكىن بىر قىسىم پىيادىلەر بەزىدە مەدەنيەتسىز قىلمىشلار بىلەن ئۇزنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号