باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

25-ئاۋغۇست سامسۇڭ رەھبىرى لى جائېيوڭغا ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21 18:30 2 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta تورى 21-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە «ئاسىيا ئىقتىسادى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جائىيوڭ سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۆنھيې ۋە چوي سۇنسىلغا 43 مىليارد 300 مىليون ۋون پارا بېرىشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 7-ئاۋغۇست مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى مۇددەتلىك 12 يىللىق كېسىشنى تەلەپ قىلغان. سېئول مەركىزىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 2:30دە لى جائىيوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سامسۇڭنىڭ بەش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىكەن. لى جائىيوڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەرز قىلىنغاندىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن 178 كۈنلۈك «ئەسىر سوتى» ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

كورېيە تەپتىشى ۋە ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى لى جائىيوڭنى چوي سۇنسىلغا پارا بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەبلىغى 43 مىليارد 300 مىليون ۋون دەپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە لى جائىيوڭ يەنە خىيانەت قىلغان، چەتئەلدىكى كاپىتالىنى يوشۇرغان، جىنايىتىنى يوشۇرۇغان ۋە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.  

مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى سوت مەھكىمىسىدىن لى جائىيوڭنى پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 12 يىللىق جازاغا ھۆكۈم قىلىش، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىنىمۇ مۇشۇ دېلودىكى جاۋابكارلىق سالاھىيىتىدە 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

لى جائىيوڭنىڭ چوي سۇنسىلنىڭ قىزىغا چەۋەندازلىق مەشىقى ياردىمى قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدا مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ تالاش-تارتىشى تۈگىمىدى، بۇمۇ لى جائىيوڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنىش-قىلىنماسلىقى، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.

7-ئاۋغۇستتىكى سوتتا مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بۇ دېلونى ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرنىڭ بىرلىكتە چىرىكلىشىش دېلوسى، خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان، ئىقتسادنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دەپ كۆرسەتكەن. مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ چوي سۇنسىلنىڭ قىزى چۇڭ يۇراغا چەۋەندازلىق مەشىقى ياردىمى قىلغانلىقى ۋە كۆپلىگەن مالىيە گۇرۇھلىرىغا مەبلەغ بەرگەنلىكىنى پارا بەرگەنلىك دەپ قارىدى.

لى جائىيوڭ تەرەپتىكىلەر چەۋەندازلىق مەشىقى ياردىمى پەقەتلا ماھىرغا بېرىلگەن ياردەم، مالىيە گۇرۇھلىرىغا مەبلەغ بېرىش پاراۋانلىقنى مەقسەت قىلغان دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ پارا بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۆمىكى يەنە چوي سۇنسىلنىڭ قىزىغا چەۋەندازلىق مەشىقى ياردىمى قىلىش چوي سۇنسىلنىڭ قورقۇتىشى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان، پارا بېرىش ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى يەنە نامۇۋاپىق تەكشۈرگەن ۋە بىۋاسىتە ئىسپاتى يوق، ئۇنىڭغا بولغان گۇماننى ئىسپاتلىيالمايدۇ، شۇڭا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، 25-ئاۋغۇست كۆپلىگەن سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار، تاراتقۇ خادىملىرى، قانۇن ساھەسىدىكىلەر قاتارلىق نەق مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ھۆكۈم ئېلان قىلىش جەريانىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىش-تارقىتىلماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇرېھىم5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دىلو خەلىقئارالىق تىمىغا ئايلىنىپ قالدى ، ئۆي كەسمىسە سەت تۇرىدۇ

  • قاشبويى5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كورىيىلىك كىشلەرگە نىمە بۇلغاندۇ دەيمەن، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شۇنداق بىر شىركەتنىڭ باشلىقلىرىنى ئەرىز قىلىپ، سامسۇڭ شىركىتى ۋەيران بولسا كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى جەھەتتە ئۆزگىرىش بۇلىدىغاندۇ ؟ ئەجىبا ئۇلار بۇ شىركەتنى ۋەيران بولسۇن دەپ قالدىمىكىنە …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号