باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يانفونى كورېيەدە ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21 21:47 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭنىڭ يېڭىر بىر ئەۋلاد بايراقدار مەھسۇلاتى بولغان Galaxy Note 8 يانفونى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، كورېيەدە بىر قىسىم دۇكانلار Galaxy Note 8ى ئالدىن سېتىش خىزمىتىنى باشلىدى ھەمدە تەشۋىقات ئېلانىنى چىقاردى. 

تەشۋىقات ئېلانىدىن سامسۇڭ Galaxy Note 8گە پۈتۈن ئېكران لايىھەسى ئىشلىتىلگەنلىكىنى، قوش يان ئەگمە ئېكران سەپلەنگەنلىكىنى، ئارقا تەرىپىگە قوش كامېرا ۋە بارماق ئىزى سېنزورى ئورنىتىلغانلىقىنى، ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 

بۇ يانفون Note يۈرۈشلۈك يانفونلىرىنىڭ سودا ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە Note 8نىڭ ئېكرانىغا 6.3 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، ماتېرىيالى بولسا Super AMOLED، ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K؛

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Note 8نىڭ قارا، سېرىق، كۈلرەك، كۆك رەڭلىك نۇسخىلىرى چىقىرىلىدىكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ماتېرىيال ئاشكارىلاش ئۇستىسى Evan Blassنىڭ كۆرسىتىشىچە، سامسۇڭ Galaxy Note8نى سېتىۋالغۇچىلار 256GBلىق microSD ۋە سىمسىز توك قاچىلىغۇچ ياكى Gear 360 فوتو ئاپپاراتىغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇرېھىم1 ئاي ئىلگىرى

    2k دەپتۇ ، بۇلار سونىيغا يەتكىلى خىلى باكەن

  • Galxy S61 ئاي ئىلگىرى

    شېنجېن خۇۋاچىياڭبېي غا قاچان كېلىدىغاندۇ

  • ئنتىزار1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ تېىخنىكىدىكى يېڭىلىقلاردىن ئامىرىكىلىق بلەن كۇرىيەلىكلەر ئەڭ ئاۋۋال بەھرىمەن بۇلىدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号