باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

كىشىلەر زادى نېمىشقا iPhoneدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ؟

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 10:00 39 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىىس:

8-ئايمۇ ئاخىرلىشاي دېدى، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhoneنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشىغا بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر بەلكىم يېڭى iPhone سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل غەملەشنى باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يىقىنقى ئىككى يىلدا ئاندىرويىد يانفونلىرى مەيلى ئىقتىدار ياكى لايىھەدە بولسۇن، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ھەتتا iPhoneدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم iPhoneدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ؟

iPhone نىڭ «نىشان خادىسى» بولۇش ئورنى ئۆزگەرمىدى، يېڭىدىن قوشۇلغان بىرەر خىل رەڭمۇ ئىستېمالچىلار ئارىسىدا «كېپىنەك ئېففېكتى» پەيدا قىلالايدۇ.

ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، گەرچە نەچچە يىلدىن بۇيان iPhoneدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بارلىق يانفون كەسپىنىڭ «نىشان خادىسى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئالغان «نىشان خادىسى» نۇقۇل ھالدا iPhoneنى ئىشلەتكەندىكى تۇيغۇنىڭ بارلىق ئەقلىيفونلار ئىچىدە ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، iPhoneنىڭ لايىھەسى ھامان «مودا ئېقىمى»غا باشلامچىلىق قىلىپ، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.

ئاددىي بىر مىسال ئالساق، خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپ، iPhone ھەر يىلى يېڭىچە رەڭلىك نۇسخىسىنى بازارغا سالغاندىن كىيىن، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن يانفون كارخانىلىرى دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى، ئاندىرويىد يانفونلىرى لايىھە جەھەتتىمۇ iPhoneدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. ئالايلۇق، بۇ يىل مودا بولغان قوش كامېرا، ئەگەر يانفوننىڭ ماركىسىنى ئېلىۋېتىپ، قوش كامېرا سەپلەنگەن، شەكلى بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ھەر خىل ماركىدىكى يانفونلارنى بىر يەرگە قويساق، قانچىلىك ئادەم قايسىسىنىڭ نېمە ماركىدىكى يانفون ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ؟

بۇنىڭ بىلەن قالماستىن، نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردىكى ئىقتىدار ۋە لايىھە يەنىلا پەقەت iPhoneغا چىققاندىلا ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ھالىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. iPhone 6s/7لەرگە سەپلەنگەن 3D Touch ئىقتىدارى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى.

ئەمەلىيەتتە، بېسىم سېزىشچان ئېكراننى ئاندىرويىد يانفونلىرى ئالمىدىن بۇرۇنلا ئىشلەتكەن (تۇنجى بېسىم كۈچىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سېزىمچان ئېكران خۇاۋېي Mate S يانفونىغا سەپلەنگەن). بىراق، بۇ تېخنىكىنى ئىشلەتكەن مېيزۇ PRO 6 يانفونى ياكى شىياۋمى 5s يانفونلىرى بولسۇن، ھىچقايسىسى ئىشلىتىش تەسىراتىدا iOS ئۈسكۈنىسى بىلەن تەڭلىشەلمىدى.

iOS سىستېمىسىدا ئالما شىركىتى بېسىم سېزىشچان ئېكران تېخنىكىسىنى ۋايىغا يەتكۈزدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاندىرويىد يانفونلىرىدىكى بۇ «بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان» ئىقتىدار ئايفونغا كۆچۈرۈلگەندە ناھايىتى مۇھىم بىر ئىقتىدارغا ئايلاندى، خۇددى ئاندىرويىدتىكى ئۈچ چوڭ كۇنۇپكىغا ئوخشاشلا.

لېي جۈن: «ئىشلىتىشكە ئەڭ ئەپلىك ئاندىرويىد سىستېمىسى 500 يۈەنگە يارايدۇ» دېگەنىدى، ئۇنداقتا، iOS سىستېمىسى 2000 يۈەنگە يارايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئالما يانفونىغا كۆنۈپ قالغان، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ iPhoneدا باشقا يانفوندا بولمىغان قاتتىق دېتال سەپلىمىسى بارلىقى ئۈچۈن ئەمەس. ئاندىرويىد بايراقدار يانفونلىرىغا سەپلىنىۋاتقان سنەپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا بېرىلگەن نۇمۇر ئالما A10 بىرتەرەپ قىلغۇچىسىدىن ئېشىپ كەتتى، سامسۇڭ S8 يانفونىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىمۇ iPhone 7 Plusنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ.

قاتتىق دېتال جەھەتتىكى پەرق بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقان ئەھۋالدا، iPhone بىلەن ئاندىرويىد يانفونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق دېتال پەرقىنى يەنە سېلىشتۇرغاننىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق. iPhoneنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرالىشىدىكى سەۋەبنى كۆپرەك ئۇنىڭ سىستېمىسىدىن — iOS سىستېمىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئاندىرويىد سىستېمىسى يەتتە ئەۋلاد يېڭىلىنىپ، ھازىر 8-ئەۋلاد نەشىرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما سىستېمىنىڭ ئادەمگە بېرىدىغان تەسىراتى جەھەتتە، ئاندىرويىد iPhone بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشقا زادىلا ئامالسىز.

سىستېما تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، iOS سىستېمىسى ئاندىرويىدقا قارىغاندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە، بۇ iPhoneنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسەكمۇ يەنىلا راۋان ئىشلىشىدىكى سەۋەب، بۇ تەرىپى ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر دەل مۇشۇ خىل «راۋان»لىقنى قوغلاشقاچقىلا بايراقدار يانفون سېتىۋالىدۇ.

iOS سىستېمىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاندىرويىدقا قارىغاندا تېخىمۇ قالتىس. ئەپ دېتاللار ئالما App Store بازىرىغا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىنلا كىرەلەيدۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ دېتال ھوقوقىنى چەكلەش دەرىجىسىمۇ بەك قاتتىق. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، iOS ئەپ دېتاللىرى سۈپەت جەھەتتە ئاندىرويىد ئەپلىرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، سىستېما بىخەتەرلىكىمۇ ئاندىرويىدتىن يۇقىرى.

نۇرغۇن كىشىلەر ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىشەنگەنلىكتىن iPhone سېتىۋالىدۇ.

بۇ تېمىنى باشلىغان ھامان نۇرغۇن تورداشلار بىرىنچى بولۇپ «ئاقسالىق قىلىش» دېگەنگە چېتىۋېلىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە iPhone ھەرگىزمۇ «ئاقسالىق» قىلغۇدەك ئۇنچە ھەشەمەتلىك نەرسە ئەمەس، كوچىدا iPhone كۆتۈرۈۋالغانلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ، ئاندىرويىد بايراقدار يانفونلىرىنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ S8 قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئاللىقاچان iPhone بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىسمەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، iPhone سېتىۋېلىش بەلكىم شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولسا، ئەمما كۆپ ساندىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ iPhoneنى تاللىشىدىكى سەۋەب بەلكىم ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

تا بۈگۈنگە قەدەر، بازارغا سېلىنغان ھەر بىر ئەۋلاد iPhone شۇ زاماندىكى ئەڭ ئېسىل يانفوننىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ مۇنەۋۋەر لايىھە ھۈنەر-سەنئىتى ۋە قالتىس بولغان سىستېما راۋانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. iPhone ھەرگىزمۇ قىسمەن مودا ئېقىملارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدۇ، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئابۇنتلارغا بىر يەككە-يىگانە مەھسۇلات سۇنۇشنى ئىزدەيدۇ، گەرچە «كوچا يانفونى»غا ئايلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ يېگانىلىقىنى ھامان ساقلاپ قالالايدۇ.

iPhoneنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشكە ئاندىرويىد يانفونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئازراق كۈچ كېتىدۇ. گەرچە ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا iPhoneدىن يۇقىرى، ئابۇنتلار ئالما يانفونى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، خىلمۇ-خىل نۇمۇر قويۇش ياكى سىناش ھەققىدىكى يازمىلارنى ئوقۇش ھاجەتسىز، سېتىۋالغاندىن كىيىنمۇ بىكار قالسىلا «مېڭە»سىنى تازىلايمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، iPhone ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئۇتالىغان.

iPhone سېتىۋالغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇقىرىدا سۆزلىگەن نۇقتىلار ئۇلار ئۈچۈن 2000 يۈەننى ئارتۇق خەجلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىكنى قوغلىشىش ھوقۇقى بار. بۇ بويىچە ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ iPhoneغا بولغان باشقىچە مېھرىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • باھادىر 192 ئاي ئىلگىرى

    ھەي باللاو نىمە جىق گەپ بۇ

  • بىر جان2 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىشلەتگەن ئابونىتلار بىلىدۇ ، ئالما 5 تىن باشلاپ ئىشلەتگەن بىر قىتىمۇ رىمىنۇت قىلدۇرماي 6 س چىقىچە ئىشلەتتىم . يىڭى 6 س چىقاندا سىتىۋالغان ھازىر ئۇشبۇ ئىنكاسنى يىزىۋاتىمەن ، ئوخشاشلا بىر قىتىم رىموتچىنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ باقمىدىم . ئاندورىيىت ئىشلەتگەن ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ قاقشاۋاتقانىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن . ئۇلارمۇ مىنىڭ ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقانلىرىمنى كۆرۇپ ئالمىغا ئالماشتۇرۇش خىيالى تۇغۇلدى . دىمەك ئالما يانىلا ئالما . شەنشىڭ ئىشلەتكەنلەرمۇ نوچىسىنى ھىلىقى نوتى دەمدۇ بىر نىمىلەرنىمۇ ؟ ئالما 8 چىقسا ئىككىلەنمەي سىتىۋالىمەن . چۇنكى ئالمىنىڭ ياخشىلىقىنى ھامننى راسىت بولغانلىقى ئۇچۇن !

  • يولداش2 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىدىن باشقاقىسى بىكا قالغىنىنى ئەخلەت

  • eliy2 ئاي ئىلگىرى

    ئەپ جەھەتتە كۆپ ئۈستونلۇك بار iphone نىڭ

  • ئاكاڭ قارىغاي2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما تىلفۇن ئىشلەتسە بۆرەكنى قۇۋەتلەپ باھنى كۈچەيتىدۇ، ئانچە ئەقىللىق ئەمەسلەرنى ئەقىللىق كۆرسىتىدۇ، ئانچە ئىناۋىتى يوقلارنىمۇ ئىناۋەتلىك كۆرسىتىدۇ، يەنە تىخى پۇلى يوقلارنىمۇ پۇلى بار بايۋەتچە كۆرسىتىدۇ، شۇڭا مەن ئالما ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ( سەت مازاق قىلىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  • ئىسىمسىز3 ئاي ئىلگىرى

    كەچۈرۈڭلار قىرىنداشلار ،نۇرداشلار گەپلىرىم ئىغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۋىتىڭلار،،، مەن خاتا سۆزلەپ قالغان بولسام كەچۈرۈڭلار. ئازار بىرىپ قويدۇم .
    كۆڭۈلنىڭ قەتئىي ئارامى يوق ، يىغلىغۇملا كىلىدۇ. كۆزلەردە ياش
    2017.08.22

  • جاسارەت3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئالما ئىشلىتىۋاتقىنىمغا 6 يىل بولدى 4ئىستىن باشلاپ قەدەم قۇيغان ئاندىن 5ئىس ئىشلەتتىم ھازىر قولۇمدىكى 6ئىس بۇ ئالتە يىل جەريانىدا 10 يۈەنلى رىمۇنىت قىلدۇرۇپ باقمىدىم ،مىنىڭ ھىس قىلىشىم ئالما يەنىلا ياخشى ،دەپ كەلسەك ئارتۇقچىلىقى يۇق يەنە دەيدىغنىم ئالمىنى تالللىغانلارغا باشقىلار بىكارغا بەرمەيدۇ ھەم پۇلنىمۇ ئاسان تاپمايدۇ ،كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە نىمە ياقسا شۇنى ئىشلىتىدۇ ،كەلگۈسىدە ئاندىروئىد ئالمىدەك بولغاندا مەن ماركا تالىماي ئۆزەمگە پايدىلىق بولغاننى ئىشەنچىلىكنى تاللايمەن

  • كىلىشكەن ماڭقا3 ئاي ئىلگىرى

    ئسىمسىز دىگەن بالا بىلىپ قال ئالما ئۇ بىر يانفۇنلا ئەمەس بەلكى بىر دۇنيا مەن ھازىر شاۋمى ئشلىتىمەن بىراق ئارزۇيۇم ئالما ئشلىتىش چۇقۇم ئالىمە ئالما 8ئالاممىسام 7نىمۇ بوسا

  • مەن شۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىمسىز دىگەن تورداش ھېچقانداق بىر تېلىفۇن ئالمىدەك سىپتا ھەم كۆركەم ،چىرايلىق ئەمەس، ئاندىرويىت تېلىفۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينى دومباققىلا ئوخشايدۇ، ئالمىدەك سۈپەتلىك ئەمەس، ھېچقانداق تېلىفۇننىڭ كامىراسى ئالمىغا يەتمەيدۇ،تېلىفۇننڭ ئاۋاز سۈپىتى ھەم سۈرئىتىنىغۇ دىيىش ھاجەتسىز

  • ئىسىمسىز3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مەن شۇ نىمە دىدىم ،، ئالمىنىڭ سىستېمىسىدىن باشقا يەنە نىمىسى بار دەپ ،،،، ھەممىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپ ئالمىنىڭ سىستېمىسى راۋان ،،،،، باشقا بانالىرىڭ يوقما؟ ئوتتۇرىغا قوياشمامسا؟
    بويى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دەپ قوياڭلا ، ئۆز كۆڭلەڭلىنى خوش قىلىپ ، ئىشۇ 7000,8000 نەرسىنى ھازىرقى مۇشۇ دەۋرىمىزدە بىر كىمنىڭ قولى يەتمەسما ،،، دىۋانىدىمۇ بار ھىي بىلىپ قال

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号