باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

«شېرىن چۈش»تە مېھىرلىك ھېكايە

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 12:39 0 ئىنكاس چۈشتى

ئابلىمىت ئەبەيدۇللا

 كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان ‹‹شېرىن چۈش›› كىيىم تىكىش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى، 54 ياشلىق دېڭ جېڭ خانىم تىككۈچىلىك قىلغان 32 يىلدىن بۇيان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنى تىككۈچىلىك كەسپى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىلغار يەككە تىجارەتچى››، ۋىلايەت بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس›› شەرىپىگە ئېرىشتى.

 ياقا بازىرىنىڭ قاراڭغۇ كەنتىدە تۇغۇلغان دېڭ جېڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتتى، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تىككۈچىلىك كەسپىنى ئۆگەندى ھەم 1984 – يىلى ‹‹شېرىن چۈش›› كىيىم تىكىش دۇكىنى ئاچتى.

 -ئەينى ۋاقىتتا دۇكان ئاچقاندا خېرىدارىم ئاز ئىدى، ئەر – خوتۇن ئىككىمىزنىڭ پەقەت بىر كىيىم تىكىش ماشىنىسى، بىر قايچا، بىر دەزمال ۋە ئىجارىگە ئالغان ئون نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيىمىزلا بار ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ توختىماي تىرىشىپ، ئىگىلىكىمىزنى كۈندىن – كۈنگە يۈكسەلدۈردۇق،-دېدى دېڭ جېڭ.

 دېڭ جېڭ قىزغىن مۇلازىمىتى، پىشقان تېخنىكىسى، تىككەن كىيىملىرىنىڭ سۈپەتلىكلىكى ۋە باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى بىلەن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر خېرىدارلىرى ئۇنىڭغا ‹‹ئايشەم›› دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ قويدى ھەم ئۇنىڭغا بالىلىرىنى شاگىرتلىققا بېرىدىغان بولدى، باشقا يېزىلاردىن كېلىپ ئۇنىڭدىن ھۈنەر ئۆگىنىدىغانلار يىلسېرى كۆپەيدى.

 دېڭ جېڭ 1993 – يىلى ياقا بازىرىدىن ئايرىلىپ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تىككۈچىلىك قىلدى. گەرچە ياقا بازىرىدىن كەتكەن بولسىمۇ، نۇرغۇن يۇرتداشلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. دېڭ جېڭمۇ تېخنىكىسىنى يۇرتداشلىرىغا ئايانماي ئۆگىتىپ، 100دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلىدى. بىر قېتىم ئۇنىڭ شاگىرتى تۇرانگۈل تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى. لېكىن تۇرانگۈلنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، داۋالىنىش پۇلىنى چىقىرالمىدى، بۇ چاغدا دېڭ جېڭ 5000 يۈەننى تۇرانگۈلنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. تۇرانگۈلنىڭ ئاتا – ئانىسى شۇ چاغدىكى ئىشنى ئەسلەپ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تىپىرلاپ كەتكەنىدۇق، ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە ‹‹ئايشەم›› بار ئىكەن، ئۇنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، قىزىمىز ساقىيالمىغان بولاتتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-08/22/content_615753.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号