باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «سۇ كەلگىچە توغان سالدى»

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 12:37 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ، ئەرشىدىن ئابدۇراخمان خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستلىق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە شويىڭپەن بازىرىنىڭ چىندېلخوتخور كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىل بۇ كەنتنىڭ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، ‹‹سۇ كەلگىچە توغان سالدى››.

 خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ كەنتتىكى 4300 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر يىلى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› ئەزالىرى بىلەن كېڭىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن 17 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنتكە 1200 مېتىردىن ئارتۇق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۆستىڭى ياسىتىپ بەردى. دېھقان سەيدۇللا ئەيسا مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 30 مودىن 40 موغىچە كۆممىقوناق تېرىيتتىم، بىراق كۆممىقوناقلىرىم كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ ياخشى ھوسۇل ئالالمايتتىم. بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتىمىزگە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆستىڭى ياساپ بېرىپ، بىزنى غەمدىن خالاس قىلدى، كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىم ئاشتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-08/22/content_615759.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号