باش بەت

نۇسرەتگۈل

7704يوللانما
110مەستانە

ھىندىستانلىق ئايال كېتىۋاتقان پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 12:45 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 22-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستانلىق 37 ياشلىق ئايال شىكخا ۋارما (Shikha Varma) مادخىيا پىرادېش ئىشتاتىنىڭ ئىتارسى بېكىتىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا بەختكە قارشى پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ سۇپا بىلەن رېلىس ئارىسىدىكى بوشلۇققا قىسىلىپ قالغان، بىراق، ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان.

گەرچە يولۇچىلار ئەھۋالنى دەرھاللا پويىز خادىملىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پويىز ئۇ ئايال چۈشۈپ كەتكەن ئورۇندىن 3 ۋاگون ئۆتۈپ توختىغان. ئارقىدىن، شىكخا شۇ جايدىكى ساقچىلار ۋە ئاممىنىڭ ياردىمىدە سۇپىغا تارتىپ چىقىلغان.

بەختكە يارىشا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇ ھېچقانداق يارىلانمىغان، بىراق، قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئورنىدىن تۇرغۇدەك ماغدۇرى قالمىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号