باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

تاش يوچۇقىدىكى يېشىل مۆجىزە

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 12:53 0 ئىنكاس چۈشتى

__ ئالتاينىڭ قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرىمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان ئالتاي شەھىرىدىكى قىران دەرياسىنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 1360 مېتىردىن ئېگىز جياڭجۈن تېغى، غەربىدە تىك ئېگىزلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان تۆگە چوققىسى بار. 2009–يىلىدىن بۇرۇن شەھەر رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق ئىدى. بىز يېقىندا ئالتايغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ، قاقاس تاغنى يېشىللىققا ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدۇق.

 جياڭجۈن تېغىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۈچ قات مەنزىرە كۆرۈندى. كۆز ئالدىمىزدا ياپيېشىل دەل–دەرەخلەر سېرىق تاغ باغرىنى يېپىپ تۇراتتى. تاغ ئاستىدا بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شەھەر قىران دەرياسىنى بويلاپ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپكە كېڭەيگەنىدى. تېخىمۇ يىراق يەردە تۆگە چوققىسى بولۇپ، بۇ يىل تىككەن كۆچەتلەر تاش يوچۇقلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، قىزىل سۇ تۇرۇبىسى قىران دەرياسىنىڭ سۈيىنى تاغ ئۈستىگە توختىماي يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

 ئالتاي شەھەرلىك باغ–ئورمان كۆكەرتىش باشقارمىسى قاقاس تاغ ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بۇ تاغلارنىڭ ھەممىسى قاقاسلىق ئىدى، بوران قاتتىق چىققاندا پۈتۈن شەھەرنى چاڭ–توزان قاپلاپ كېتەتتى.

 ئالتايدا قېزىلما بايلىقلار مول بولۇپ، بۇرۇن تاغدىكى كان ئېچىش ھەرىكەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزگەنىدى. ئالتاي شەھىرى 2009–يىلىدىن باشلاپ بوز يەر ئېچىش، كان قېزىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، ‹‹ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، 1–كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2–كەسىپكە تىرەك بولۇش››تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بېكىتتى. ئالتاينى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ‹‹شىنجاڭنىڭ مېھمان قوبۇل قىلىش زالى››غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى كەڭ كۆلەملىك قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

 ئالتاي شەھىرى ھازىرغىچە شەھەر ئەتراپىدىكى 24 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، شەمشاد، قېيىن، موڭغۇلىيە قارىغىيى قاتارلىق 27 خىل دەرەختىن 2 مىليون 305 مىڭ تۈپ تىكىپ، ئەي بولۇش نىسبىتىنى %89تىن ئاشۇردى.

 ھەر يىلى ئەتىيازدا ئالتاي شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تاغ باغرىدا ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئاھالىلىرى تاغقا چىقىپ ئېرىق چېپىپ، يەرلەرنى تىندۇردى. شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: تاغدىكى دەرەخلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئالتايلىقلار بىر–بىرلەپ ئېلىپ كېلىپ تىكتى ھەم ئەي قىلدى.

 ئېكولوگىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جياڭجۈن تېغىغا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن باشقا، يەنە ئاسما يول، سۈنئىي كۆل ۋە تاماشا راۋىقى ياسىلىپ، ‹‹جياڭجۈن تېغى ئورمان باغچىسى›› قۇرۇلدى. شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئالتاي ئاھالىلىرى شەنبە–يەكشەنبە كۈنلىرى ھاۋا ياخشى چاغدا ئائىلە بويىچە جياڭجۈن تېغىغا چىقىپ دەم ئالىدۇ، دالا تامىقى يەيدۇ.

 ئىلگىرىكى قاقاس تاغدا ھازىر كىشىلەر سەيلە قىلىدىغان بولدى. جياڭجۈن تېغىنىڭ تاماشا قىلىش سۇپىسىدا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن شۈ خانىم دوستلىرى بىلەن سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. شۈ خانىم مۇنداق دېدى: ئالتايدىكى دوستلىرىم ‹‹جياڭجۈن تېغىغا كېلىپ كۆرۈپ باق، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ياخشى، پۈتۈن ئالتاي شەھىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ›› دەپ تەۋسىيە قىلغانىدى.

 بىز جياڭجۈن تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەر رايونىنىڭ غەربىدىكى تۆگە چوققىسىغا كەلدۇق. ئورمان–باغ باشقۇرۇش ئەترىتىدىكى ليۇ ئەپەندى تاغ ئۈستىدىكى ۋاقتىنچە تىكىلگەن كىچىك چېدىردا ئولتۇرىدىكەن، ئۇ ھەر كۈنى سائەت 9دىن كۈن پاتقىچە مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كۈندە دەرەخ سۇغىرىمەن، بوران ئېگىۋەتكەن كۆچەتلەرنى تۈزلەپ تىكىمەن، ھەربىر تۈپ كۆچەتنىڭ ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

 ئىگىلىشىمىزچە، ئالتاي شەھىرى 2017–يىلى 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۆگە چوققىسى، جياڭجۈن تېغى تەۋەلىك رايونىدىكى 10 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، شەھەر رايونىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدىكى 100 مىڭ مو قاقاس تاغنى يېشىللىققا پۈركەشنى پىلانلىغان. قاقاس تاغنى ئۆزگەرتىش تاماملانسا، ئالتاي شەھىرى ئىسمى–جىسمىغا لايىق ئورمان شەھىرى بولىدىكەن.

 تاغدىن چۈشكىنىمىزدە يول بويىدىكى سېرىق ئارىلاش ھالرەڭ رەتلىك بىنالار تاغ باغرىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا كۆركەم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئالتايدا ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەنىدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-08/22/content_615725.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号