باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

ئالما iPad Pro ۋە مىكروسوفت Surface Pro قاتتىق تىركەشمەكتە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 21:17 4 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما بىلەن مىكروسوفتنى كونا رەقىبلەر دېسەكمۇ بولىدۇ، بۇ ئىككى شىركەت قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىگە ئەسلا يول قويمايدۇ. بۇ يىل، ئالما ۋە مىكروسوفت بىزگە چوڭ ئېكرانلىق تاختا كومپىيۇتېر ئېلىپ كەلدى، ئىككىلىسى كىشىلەرنى رازى قىلغۇدەك ئابونتلار تەسىراتى ۋە ئىشەنچ بىلەن تەمىنلىدى، سەپلىمىسى جەھەتتىمۇ ئوخشىشىدىغان يەرلىرى كۆپ بولۇپ، يۇمشاق دېتال ۋە لايىھەسى جەھەتتە ئىككىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.

بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان تاختا كومپىيۇتېرنى ئىزدەش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق بىر ئىش، بولۇپمۇ ئىقتىسادىمىز چەكلىك بولۇپ قالغاندا ئەھۋال ئاستىدا، مۇشۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزدىكى ئەڭ توغرا تاللاشنى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. مىكروسوفت Surface Pro ۋە ئەڭ يېڭى ئالما iPad Proغا كەلسەك، قايسىسىنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىنى ئېيتىش تولىمۇ قىيىن، بۇ ئىككىسى ئوخشىمىغان ئىھتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ. ئەگەر سىز قايسىسىنىڭ سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قېنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ باقايلى!


ئەڭ ئاۋۋال يادرولۇق يۇمشاق دېتالدىن باشلايلى: iPad Pro بىلەن Surface Proنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئىككىسىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى، ۋىندوۋس ۋە iOSنىڭ تاختا كومپىيۇتېردا يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئالمىنىڭ iOS سىستېمىسى ئاددىي، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق، بۇ سەۋەپتىن ئالمىدا ۋىندوۋستا ھازىرلانغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلار يوق. لېكىن نۇرغۇن ئابونتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇمۇ بىر ياخشى ئىش، بىر ئاددىي ئادەم بىر ئاددىي تاختا كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇ مۇرەككەپ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، يەنە بىر خۇشخەۋەر بولسا، iOS 11 تاختا كومپىيۇتېرلار ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىر نەچچە يېڭىلىق ئېلىپ كېلىش ئالدىدا.



ئىقتىدارى جەھەتتە، iPad Pro ۋە Surface Pro ئىككىلىسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغۇدەك سەپلىمىگە ئىگە. ئىچكى ساقلىغۇچ جەھەتتە Surface Pro ئۈستۈنلۈككە ئىگىلەيدۇ. ئۇ 128GB، 256GB، 512GB ۋە 1024GBلىقتىن ئىبارەت تۆت خىل سىغىملىق نۇسخىغا ئىگە. iPad Pro بولسا 64GB، 256GB ۋە 512GBلىق ئۈچ خىل تاللاشقا ئىگە. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تاللىساق بولىدۇ.


ئىچكى ساقلىغۇچ جەھەتتە، iPad Pro بولسا 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، Surface Pro بولسا 4GB、8GB ۋە 16GB قاتارلىق ئۈچ خىل تاللاشقا ئىگە. لېكىن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، iOSتا 3-تەرەپنىڭ يۇمشاق دېتالى ۋىندوۋس سىستېمىسىنىڭكىدىن ئاز.

ئەگەر سىز ئىشلىتىش سىنىقىنىمۇ ئويلاشسىڭىز، Geekbench 4 بىزنى تاختا كومپىيۇتېرنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا، Surface Proنىڭ سۈرئىتى iPad Proغا قارىغاندا ئاستا، لېكىن i7 نۇسخىسىنىڭ سۈرئىتى iPad Proدىن كۆپ تېز، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن 900 دوللارنى ئارتۇق خەجلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

باتارىيەنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، ئىككىلىسى بىزنىڭ بىر كۈن ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدۇ. Surface Proنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىش ۋاقتى 6دىن 8 سائەتكىچە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تىپىغا باغلىق. iPad Proنىڭ بولسا 12 سائەتكە يېتىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

سىرتقى شەكلى ۋە ئىشلىتىشتىكى ھېسسىيات جەھەتتە، Surface Proبىلەن iPad Proنىڭ ئىككى خىل ئوخشىمىغان سىرتقى شەكلىدە نۇرغۇن ئىنچىكە پەرقلەر مەۋجۇد.

كۆپ ساندىكى دوستلار iPad Pro چوڭ دەرىجىدە بىزنىڭ خاتىرە كومپىيۇتېرىمىزنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ دەپ قارايدۇ. بىز سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ باھاسى، لايىھەسى، ئىقتىدارى، ساقلىغۇچى ۋە باشقا ئۆزگىچىلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇندۇق، شۇنداقتىمۇ قايسىسىنىڭ بەكرەك ئەۋزەللىكىنى بىر نەرسە دېيىش قىيىن. بۇ ئىككى تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بار، يەنە كېلىپ بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ بازاردا قاراتقان نىشانىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بىز سېتىۋالماقچى بولغاندا چوقۇم ھەر تەرەپتىن تولۇق ئويلىنىشىمىز كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 黑客帝国3 ئاي ئىلگىرى

    ئېزىپ تىزىپ ھەرگىزمۇ مىكروسوفىتنىڭ سۇرفەيىسنى ئېلىپ سالماڭلار ، سۇرفەيسى پىرو تۆتنى 7000 مىڭغا ئالغان ئەڭ زور كەمچىلىكى توكى ئىككى سائەتمۇ يەتمەيدۇ ، قاتىدۇ ئەڭ مۇھىمى تىزىغا قويۇپ خىزمەت قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئون مېنۇت قويسا ئىشتاننى كۆيدۈرۋەتكۈدەك قىزىپ تۇتقىلى بولمايدۇ

  • جەينەك3 ئاي ئىلگىرى

    مىكروسوفت غەيرەت قىل!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

  • سامۇراي3 ئاي ئىلگىرى

    ئوھھۇ ... تىلفۇندىن پەرقى يوق نەرسىگە بىر كومپىيۇتېرنى سىلىشتۇرۇش ئەخمەقلىق. كومپىيۇتېردا نىمىنى قىلغىلى بولمايدۇ ؟ ئالمىنىڭ ئۇ تاقىسىدا بارماق دىسكا، مىكرو دىسكا، ئوپتىك دىسكا قويغىلى بولاتتىمۇ ، ھۆججەت كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىكى بولاتتىمۇ يە، XBOX نى رول بىلەن چىتىپ ئوينىغىلى بولاتتىمۇ يە ؟ ياكى سىنزور بىلەن چىراي تونۇمتى ؟ دەپ بىقىڭلارچۇ ؟ قانچىلىك قولايلىق ، بۇ خەۋەردە ئالمىنىلا سۆزلەپ SURFACE نى سۆزلىمەپتىغۇ ... ئادىللىق ئەمەس ...
    ئۇ تاقىنى ئالغاننىڭ نىمە ئەھمىيتى، ئۇندىن كۆرە ئالمىنىڭ كومپىيۇتېرى بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقسۇن ...
    ئىشقىپ ئالما كومپىيۇتۇر ئالغان بىلەن يەنە ۋىندوۋس قاچىلاپ تەڭ ئىشلىتىدىكەنمىز ....
    ئاقىلانە تاللاش ... ۋىندوۋستۇر !!!

  • 3.143 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇش خاتا،سىلىشتۇرسا مەك كومپىيۇتىرى بىلەن سىلىشتۇرسا بولىدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号