باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 22:15 4 ئىنكاس چۈشتى

 ئۆز خەۋىرىمىز: «مەن ھەقىقەتەن بەك بەختلىك، مەن بىر ئۆمۈر پەرزەنتلىك بولالمىغانىدىم، ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۆز قىزىم!» بۇ 74 ياشقا كىرگەن ئىگە-چاقىسىز جۇ جىشيەننىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى.

 ئانىنىڭ نەزەرىدىكى ئامراق «قىزى»

 جۇ جىشيەن چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشۇۋ رايونىدىن بولۇپ، 1960-يىلى ئىيۇلدا ئاقسۇ «قىزىل يۇلتۇز» پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ۋە 1961-يىلى بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچى ياڭ يۈن بىلەن توي قىلغانىدى. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىزچىل بالىلىق بولالمىدى. ياڭ يۈن كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن جۇ جىشيەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىدى.

 ئارزۇگۈل يۇنۇس بىلەن جۇ جىشيەننىڭ ھېكايىسىنى 2009-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 2009-يىلى 14-نويابىر ئونسۇ ناھىيەسىدە قاتتىق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃10 قا چۈشۈپ قالىدۇ، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى كادىرى ئارزۇگۈل يۇنۇس جۇ جىشيەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ: «ھاۋا بەك سوغۇق، جۇ جىشيەننىڭ ئۆيىمۇ تازا ئىسسىمايدۇ، ئۇ ئاغرىپ قالمىسۇن يەنە...» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ.

 ئەتىسى تاڭ ئەمدىلا يورىغاندا ئارزۇگۈل يۇنۇس ناشتىمۇ قىلمايلا جۇ جىشيەننىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئۇ جۇ موماينىڭ توڭلاپ ئاغرىقچان ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۆيىدە جۇ جىشيەننى خۇددىي ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش كۈتۈپ، يۇيۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا بىر ئېغىز ئۆيىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. جۇ جىشيەن ئارزۇگۈل يۇنۇسنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئارزۇگۈل ئۇنىڭغا: «سىز قايتىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، كەتسىڭىز سىزگە سوغۇق تېگىپ قالىدۇ، مەن خاتىرجەم بولالمايمەن، مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرىڭ» دەيدۇ.

 جۇ جىشيەننىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئارزۇگۈل جۇ جىشيەنگە ۋاكالىتەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېڭى ئۆيگە پول ياتقۇزۇپ، سۇ ئىسسىتقۇچ سەپلەپ، كىرىسلو، قازان-قۇمۇچ قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ. ئۇ يەنە جۇ جىشيەن بىلەن ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر يانفون ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.

 مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق ۋاپادارلىق كۆرسىتىش

 ئارزۇگۈل يۇنۇس جۇ جىشيەندىن باشقا يەنە بىر مومايغىمۇ چوڭقۇر مېھرىنى يەتكۈزگەنىدى. ئارزۇگۈل يۇنۇس ياردەم قىلىۋاتقان يەنە بىر موماينىڭ ئىسمى دۈەن گۈيشيۇ بولۇپ، 80 ياشتىن ئاشقانىدى. ئۇمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولاتتى، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. ئارزۇگۈل يۇنۇس تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئىشتىن چۈشكەندە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەردى، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردى. بىر قېتىم دۈەن موماي ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىپ قالغاندا، ئارزۇگۈل يۇنۇس ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.

 2007-يىلى قىش بەك سوغۇق بولدى. ئارزۇگۈل يۇنۇس دۇەن گۈيشيۇنىڭ قىشتىن ئامان چىقىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. دۇەن گۈيشيۇ دەسلەپتە ساناتورىيەگە كۆنەلمىدى، ئارزۇگۈل يۇنۇس ساناتورىيەگە بېرىپ ئۇنىڭغا بىر ھەپتە ھەمراھ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇگۈل يۇنۇس دائىم ساناتورىيەگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەنە دۇەن گۈيشيۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزدى.

 دۇەن گۈيشيۇ 2008-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى، ئارزۇگۈل يۇنۇس بۇنىڭدىن بەك ئازابلاندى، موماينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى خۇددىي ئۇنىڭ ئۆز قىزىدەك ياخشى بىر تەرەپ قىلدى.

 «باشقىلارغا گۈل بەرسەڭ، قولۇڭدا پۇرىقى قالىدۇ». ئارزۇگۈل يۇنۇس مەھەللە كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان 11 يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقىدەك بىلىپ، ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

 (يىپ ئۇچىنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى يېڭىباغ مەھەللە كومىتېتى تەمىنلىدى)

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-08/22/content_615258.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • قارار2 ئاي ئىلگىرى

    باشقىلارغا گۈل بەرسەڭ، قولۇڭدا پۇرىقى قالىدۇ

  • سۈممەييە2 ئاي ئىلگىرى

    ئۈزىمىزنىڭ مىھىر -مۇھەببىتى بىلەن ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرەيلى

  • ئابدۇسەمەت2 ئاي ئىلگىرى

    مەنبەكتەسىرلەندىم ھەمەمىز بىر جۇڭگۇلۇق

  • سىمبۇرۇت3 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىز بىر جۇڭگۇلۇق بىر ئائىلە كىشللىرى بىربىرمىزگە ياردەم قىلپ ئۇرۇق تۇققاندەك ئۆتسەك نىمدىگەن ياخشى ، مىنڭمۇ خىلى جىق خەنزۇ دوسلۇرۇم بار ئۇلار بىلەن بەك ئامىراق ئۇتمەن ئۇلار ماڭا دۆلەت تىلنى ئۇگۇنىشىمگە ياردەم قىلدۇ ، مەنمۇ ئۇلارغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۇگۇتۇپ قۇيمەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号