باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

سەمىمىي دادا 20 يىلدا 50 مىڭ يۈەن يىغىپ ئوغلىنىڭ قەرزىنى قايتۇردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 23:39 4 ئىنكاس چۈشتى

خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىپىڭ رايونى جۇگې بازىرى داۋجەن مەھەللە كومىتېتى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ رىشىن بولسا ئاددىي دېھقان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى «سەمىمىي دادا» دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى 1994-يىلى ئوغلىنىڭ ئۇن زاۋۇتى ۋەيران بولۇپ، يۇرتداشلارغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغاندا، دادىسى ئوغلىغا ۋاكالىتەن بۇ قەرزنى قايتۇردى. ئۇ 50 نەچچە يېشىدا قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ جىسمانىي ئەمگەك قىلدى، ئۇ ھەر كۈنى سەككىز ئون يۈەن پۇل تاپالايتتى، مۇشۇ تەرىقىدە ئۇ 20 يىل پۇل يىغىپ، 50000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل جەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوغلىغا ۋاكالىتەن قەرز قايتۇردى. «كۆپچىلىك ھەممىمىز دېھقان، ھەممىمىزنىڭ كۈنى تەس، تىجارەتتە زىيان تارتىش تۈپەيلىدىن يۇرتداشلارغا يۈك بولۇپ قالساق بولمايدۇ-دە.» ۋاڭ رىشېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەرزنى قايتۇرۇپ تۈگەتكەندىن كېيىنلا خاتىرجەم ئۇخلىغان ئىكەن.

ئوغلى يۇرتداشلارغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرز بولدى، دادىسى ئوغلىغا ۋاكالىتەن قەرز قايتۇرۇش نىيىتىگە كەلدى

1993-يىلى ۋاڭ رىشېننىڭ ئوغلى ۋاڭ خۈيۋۇ ئۇن زاۋۇتى ئاچقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يۇرتداشلار بۇغدايلىرىنى ئۇن زاۋۇتىغا ئەكېلىپ، خالىغان ۋاقىتتا ئۇن ئېلىپ كېتىشكە كېلىشكەن ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن بولۇپ، ھەر جىڭى 0.35 يۈەندىن ئۆرلەپ 1 يۈەنگە چىققان ئىدى، ۋاڭ رىشېننىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى ئۇن زاۋۇتىنى ياخشى ماڭدۇرالماي، 1994-يىلى ۋەيران بولۇپ، 150 نەچچە نەپەر ئۇرۇق-تۇغقان، يۇرتداشلارنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قىممەتتىكى بۇغدىيىغا قەرز بولۇپ قالغان ئىكەن.

يۇرتداشلىرىنىڭ ئاشلىق قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋاڭ خۈيبىن سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەن، ئۇ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، كېسەلچان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلى دوختۇر پۇلنى تۆلەشكە ئارانلا يەتكەن.

«يۇرتداشلارنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلغا قەرزدار بولۇپ قالغاندىن كېيىن قايتۇرماي بولمايدۇ-دە.» ۋاڭ رىشېننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئوغلىنىڭ قەرزى ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئوغلىنىڭ قەرز ھۆججىتىنى كۆرگەندە يۈرىكى قاتتىق بىئارام بولىدىكەن، ئۇ كۆڭلىدە يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى دېھقان تۇرسا، يەر تېرىپ ئاشلىق يىغىپ تاپقان بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن تۇرسا، يۇرتداشلار ئوغلىغا ئىشىنىپ ئاشلىقنى ئۇنىڭ زاۋۇتىغا ئەكەلگەن تۇرسا، ئوغلى ياخشى تىجارەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن يۇرتداشلار مۇشۇنداق زىيان تارتتى دەپ ئويلايدىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن يېشى 50 تىن ئاشقان ۋاڭ رىشېن يېڭىباشتىن جىسمانىي ئەمگەك قىلىشنى باشلىغان، ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەت پۇل تېپىپ قەرز قايتۇرۇش ئىكەن.

يىگىرمە يىلدا ئۇ 50000 يۈەن پۇل يىغىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرزنى قايتۇردى

ۋاڭ رىشېننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان، ئىلگىرى بازاردىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا تاش پىشۇرغان، ئۇ نەچچە 100 جىڭ ئېغىرلىقتىكى تاشنى بولقا بىلەن پارچىلىغاندىن كېيىن خۇمدانغا ئاپىرىپ پۇشۇردىكەن، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يۈەن تاپالايدىكەن، ئىشتىن چۈشكەندە ھېرىپ پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىيدىكەن، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا قولىنى كۆتۈرەلمەي قالىدىكەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ۋاقىتلاردا سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدىكەن.

كېيىن ئۇ مەلۇم بىر شىركەتكە بېرىپ ماتېرىيال تەييارلىغان، 100 جىڭ كېلىدىغان كىراخمال خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كىراخمالنى ئارىلاشتۇرۇش كۆلچىكىگە تۆكىدىكەن، بۇ ئىشنى قىلىپ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز يۈەن تاپالايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىزچىل بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن، ئۇ ۋاقىتلاردا گەرچە قاتتىق چارچىغان بولسىمۇ ، ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىغان، ئۇ كۆڭلىدە پەقەت پۇل يىغىپ يۇرتداشلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشنىلا ئويلىغان ئىكەن.

يۇقىرىقىدەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشنى ۋاڭ رىشېن 20 يىل داۋاملاشتۇرغان. ئادەتتە ئۇ قوي گۆشى شورپىسى ئىچىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما ئۇ ئاندا-ساندا بىر قاچا باھاسى ئەرزان قوي گۆشى شورپىسى سېتىۋېلىپ، ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە ئىچىدىكەن.

ئاخىرى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ۋاڭ رىشېن 50 مىڭ يۈەن پۇل يىغقان. 1993-يىلىدىكى بۇغداينىڭ بىر جىنىڭ باھاسى 0.35 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە 150 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقان، يۇرتداشلارنىڭ قەرزنى قايتۇرماقچى بولغان، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت پارتكومىغا پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان. يىبىن رايونى جۇگې بازىرى داۋگەن مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يوڭجيېنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇغداينىڭ باھاسى توختىماستىن ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، 1994-يىلىغا كەلگەندە بۇغداي باھاسى 1 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ بۇ باھانى قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن، مەھەللە كومىتېتى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا ھەر جىڭ بۇغداي 0.7 يۈەنلىك باھا بىلەن پۇل قايتۇرۇشقا كېلىشكەن، بۇنداق بولغاندا جەمئىي 53000 يۈەن قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئوغلىغا ۋاكالىتەن قەرز قايتۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن.

پۇل قايتۇرۇش ئىشى كەنتتىكىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن

2014-يىلى 6-ئايدا ۋاڭ رىشېن كەنت پارتكومى ئىشىكى ئالدى ۋە ئەتراپتىكى ئون نەچچە ئورۇنغا پۇل قايتۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چاپلىغان، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق يېزىلغان ئىدى: ئەينى يىلى ئوغلۇمنىڭ ئۇن زاۋۇتى ۋەيران بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ خېلى كۆپ ئاشلىقىغا قەرز بولۇپ قالغان، ئاشلىق كۆپچىلىكنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن، مەن دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇرتداشلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى خىجىلمەن، مەن ھازىر بۇ پۇلنى جەملەپ كەلدىم، كۆپچىلىك بۇ يەرگە كېلىپ پۇلۇڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار…

ۋاڭ رىشېننىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلەرگە نەچچە ئون يۈەن قەرز ئىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەن قەرز بولغان ئىكەن، يۇرتداشلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئىزچىل يۇقىرىقى ھېساباتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ پۇلنى قايتۇرغان ئىكەن. ئۇ پۇل قايتۇرغاندا كۆپچىلىك ناھايىتى تەسىرلەنگەن، بەزىلەر پۇلنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان، بەزىلەرنىڭ قولىدا يەنە ئاشلىق دەپتىرى بار بولۇپ، نەق مەيداندا يىرتىۋەتكەن. بارلىق قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولغان ئىكەن. مۇشۇ مەھەللىدىكى ئاھالە ما لىڭشىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 130 نەچچە يۈەن ئالغان بولۇپ، ئۆيگە قايتىش يولىدا تەسىرلىنىشنى ياكى خاپا بولۇشنى بىلمەي قالغان ئىكەن، ئاتىنىڭ مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇلىنى ئېلىشقا كۆڭلى قىيمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى رەت قىلالمىغان ئىكەن.

ۋاڭ رىشېن بۇ يىل 75 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ كوچىدا ماڭسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇرتداشلارغا سالام قىلىدىكەن، كەچتە خاتىرجەم ئۇخلايدىكەن، ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىزلىك ئىشلار كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالما3 ئاي ئىلگىرى

    ئوغلىچۇ نىمىش قىپتۇ ئاندىن ،

  • huojia532*3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بىر ئەزىمەت ئىكەن.بۇنداق ئشنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا قىلالايدۇ،
    بىزنىڭ يۇرتتا بىر ئادم يېقىن قوشنىسنىڭ168مىڭ يۈەن پۇلىغا تېنىۋاپتۈ دەپ ئاڭلىدىم…مەن……

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيادا ئاتا ئانىدەك ئۇلۇغ ئادەم يوق جۇمۇ ،بەزى بىر ساراڭ مەستانىلەر ئاشۇ تاينى يوق چولپانلارنى دەپ ئاتا ئانىسىدىن كىچىدىغاندىن نەچچىسى با مۇشۇ نۇر تورىغا ئىنكاس يازىدىغانلا ئارىسىدىمۇ با

  • رىقابەت3 ئاي ئىلگىرى

    دادىدەك ئولوغ ئىنسان يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号