باش بەت

MURPHY

2182يوللانما
15مەستانە

31 ئۆلكىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسى چىقتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-22 23:58 0 ئىنكاس چۈشتى

 نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شياڭگاڭ ئاۋمىندىن باشقا جايلار) ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى چىقاردى، تەڭشەلگەندىن كېيىن شىزاڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان كىشىلەرنىڭ ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 3مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلار ئەڭ ئارقىدا.


 بۇ يىل 4-ئايدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2017-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسى كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى تەڭشەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەخمىنەن %5.5 ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، نۆۋەتتە تەڭشەش لايىھەسىنى چىقارغان رايونلار ئومۇمەن نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسىنى قوللاندى.


 ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىزاڭ 2016-2017-يىللىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما شىزاڭدا 2015-يىلى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 3678 يۈەنگە يەتكەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن 2016-يىلى %6.5 ئۆستۈرۈش ، 2017-يىلى %5.5 ئۆستۈرۈش نىسبىتىگە ئاساسلانغاندا 2017-يىلى شىزاڭدا كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 4132.5 يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  http://uyghur.people.com.cn/155989/15677996.html



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号