باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

OPPO تەيۋەن يانفون بازىرىدا ئالمىدىنلا قالسا 2-چوڭ يانفون ماركىسىغا ئايلاندى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 12:33 1 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا تورى 23-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   

ھازىر ئەقلىيفوننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن ماركىلار چەتئەل زاۋۇتلىرىنىڭ مونوپۇللۇقىنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يانفوننى دۇنياغا كېڭەيتتى. چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىدا OPPO ۋە vivo قاتارلىق كارخانىلارنىڭ سېتىش مىقدارى ئارقا-ئارقىدىن يېڭى يۇقىرى نۇقتا ياراتتى.

بۈگۈن توردا 7-ئايدا تەيۋەن رايونىدا سېتىلغان ئەقلىيفونلارنىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، OPPO يانفونى تىزىملىككە كىرىپ، ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى. تىزىملىكتە iPhone 7 Plus بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، ئالمىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى راستلا تەۋرەتكىلى بولمىدى. ئوپپو R11 ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپپو A57 ۋە A77 يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى ئورۇندا تۇردى.

ئوپپونىڭ بۇ يىلقى يىپيېڭى بايراقدار يانفونى بولغان ئوپپو R11 ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا قارشى ئېلىندى. بۇ قېتىم ئوپپونىڭ تەيۋەن رايونىدىكى سېتىلىشىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا رېئال، يۈزمۇيۈز يوللار بارغانسېرى دىققەتكە ئېرىشتى، كۆپلىگەن ئىنتىرنېت ماركىلىرىمۇ بۇنداق يوللارنى كۈچەپ ئېچىشقا باشلىدى، يەنىلا كونا ئۇسۇل ياخشىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلاجان3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەكلا ئامراقoppoمېنىڭ تېلېفونۇممۇoppo

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号