باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يانفونى 15-سېنتەبىر دۇنيا بازىرىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 12:38 2 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەتە ھەممىمىز سامسۇڭنىڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Galaxy Note 8نىڭ دۇنياغا كېلىشىگە شاھىت بولىمىز، Note 7 يانفونى باتارىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، قانداق قىلىپ يېڭى مەھسۇلات ئارقىلىق Note يۈرۈشلۈك بايراقدار ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەش سەمسۇڭنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىسىگە ئايلاندى. گەرچە نۇرغۇن خەۋەرلەردە سامسۇڭ Unpacked مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئالدىن زاكاز قىلىشنى باشلايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت سېتىلىش ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىدى. 

ئىتالىيە تور بېكىتى Android Worldنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارچە سېتىش يوللىرىدىن ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى تەشۋىقات ۋاراقچىسىدا بۇ يانفوننىڭ كۆپلىگەن ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن. گەرچە تەشۋىقات ۋارىقىدا Galaxy Note 8نىڭ كونكىرېت سېتىلىش ۋاقتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئالدىن زاكاس قىلىش 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، شۇڭا Galaxy Note 8نىڭ مال چىقىرىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. 

گەرچە بۇ تەشۋىقات ۋاراقچىسى ئىتالىيە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇردىن قارىغاندا سامسۇڭ جۇڭگو، ئامېرىكا قاتارلىق مۇھىم بازارلاردا بىرلا ۋاقىتتا مال چىقىرىشى مۇمكىن. دېمەك بىز كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ يانفوننى سېتىۋالالىشىمىز مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • نوۋكەمپو3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭكىدە نورمال چىقىدىغۇ بۇرادەر

  • *قارا كۆز*3 ھەپتە ئىلگىرى

    كالتە ئىشتان بىلەن قالدىغان ئىش بۇلسىمۇ سىتۋالمەن.ئالما تىلفۇن بىلەن ئالاقەمنى ئۇزىمەن.ئالدىنقى سەنشىڭ تىلفۇندا نۇر تۇرىدىكى ھەرقانداق ۋىدىئۇنى كۆرگىلى بۇلىتى،ئالما 6 تىلفۇندا قەتئى بۇلمىدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号