باش بەت

del103

3764يوللانما
9مەستانە

بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان سامسۇڭ Note 8نىڭ كۈلرەڭ نۇسخىسى ئاشكارىلاندى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 15:39 4 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 23-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ Note 8 يانفونىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشىغا يەنە 24 سائەتچە ۋاقىت قالغان بولۇپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش پىرى Evan Blass نۆۋەتتە بۇ يانفوننىڭ كۈلرەڭلىك نۇسخىسىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى.

سۈرەتتىن بۇ يانفوننىڭ ئارقىسىغا قوش كامېرا، قوش LED چىراغ ئورنىتىلغانلىقى، بارماق سېنزورىنىڭ كامېرا ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. چاقنىتىش چىرىغى كامېرا بىلەن بارماق تونۇش ئورنىنىڭ ئارىلىقىغا قىستۇرۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا كامېرانىڭ ئوڭايلا مەينەپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

سامسۇڭ Note 8 يانفونى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا سەپلىمىسىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىر تەرەپ قىلغۇچ: سنەپدراگون 835 ياكى سامسۇڭ Exynos 8895 Octa

ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى: 6GB RAM+64GB ROM، شۇنداقلا MicroSD كارتىسى چۈشىدۇ

ئېكران: پىكسېل زىچلىقى 1440x2960 گە يېتىدىغان 6.3 ياكى 6.4 دىيۇملۇق Super AMOLED ئېكران

كامېرا: ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا، ئالدىغا سەككىزمىليون پىكسېللىق كامېرا ئىشلىتىلگەن

باتارېيە: سىغىمچانلىقى 3300mAh، ئاجراتقىلى بولمايدۇ، سىملىق ۋە سىمسىز تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ

سىستېما: ئاندىرويىد 7.1نى يادرو قىلغان سامسۇڭ TouchWiz سىستېمىسى

ئۇلىنىش ئېغىزلىرى: Type-C ئېغىزى بىلەن 3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكى تەڭ سەپلەنگەن

ئىدراكلىق ئىقتىدارلار: رەڭدار پەردە ۋە بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش، سامسۇڭ Bixbay سۈنئىي ئىدراكلىك ياردەمچى

قوشۇمچە: S PEN قەلىمى سەپلەنگەن، IP68 دەرىجىسىدىكى مۇداپىئەلىنىش ىقتىدارىغا ئىگە

رەڭ نۇسخىلىرى: قارا، ئالتۇنرەڭ، كۈلرەڭ ۋە كۆك

مۆلچەردىكى باھاسى: 1000 دولللار ئەتراپىدا

ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىمىز، سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23-ئاۋغۇست كەچ سائەت 21:00دە رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەردار1 ئاي ئىلگىرى

    بەك پىچەت چىقىپتۇ قوش كامىرا سەپلەپتۇ ئەمدى رەسىمگە تارتىشتا رەقىپ چىقمىغدەك سونى تىلفۇنلامۇ بۇيۇن قىسىپ قالدىغان بوپتۇ دە ھېي ھېي ھېي ھېي

  • ئاقماس1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ قۇلىدا چۇڭموسى چېقىق ئەبجەق تىلفۇن كۈتۈرۋاغان باللىغا ،ئىسىل تىلفۇن يارىمايدىدە

  • خوتەنلىك ئەينا1 ئاي ئىلگىرى

    ئانچە بەك ئالاھىدە ئەمەسكەن يا ئەينا

  • جەسۇر1 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن چىرايلىق كوركەم تىلپۇن ھە ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号