باش بەت

مۇھەررەم

132يوللانما
13مەستانە

توردا خىزمەت ئىزدىگەندە تۆۋەندىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىڭ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 18:50 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بەزى ئورۇنلارنىڭ توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ياخشى بولغان خىزمەت تېپىش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئالدامچىلار خىزمەت ئىزدەيدىغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشقا ئالدىراش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان پۇلىنى ئالداپ كەتتى.

توردا خىزمەت ئىزدەشنىڭ قايسى خەتەرلىك تەرەپلىرى بار؟ قانداق قىلغاندا تور ئالدامچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن پروفېسسورىنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن تەييارلىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا خىزمەت ئىزدەپ كۆپ سوممىلىق قەرز قىلتىقىغا كىرىپ قېلىشى.

نەنچاڭ ئۇنىۋېرستىتى، خېنەن كەسپىي مەكتىپى قاتارلىق ئون نەچچە ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار توردا خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا، ئۆزى ئارزۇ قىلغان خىزمەتكە ئېرىشكەن. خىزمەتكە چىقىشىغىلا شىركەت ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇلار تەربىيەلەشكە بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان.

«ئايلىق مائاشىڭىز 4-5 مىڭ بولىدۇ، تەجرىبىڭىز بولمىسا شىركەت تەربىيەلەش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.» بۇنداق ياخشى شارائىتنى كۆرگەن شياۋۋاڭ بۇ شىركەت بىلەن ئىچكى قىسىمدا تەربىيەلەش توختامى تۈزگەن، ئارقىدىنلا شياۋۋاڭ شىركەت خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، بەيدۇ پورتمالىدىن بىر قىسىم پۇلنى شىركەتنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرگەن، لېكىن تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شياۋۋاڭ ئويلىغان خىزمىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئاز كەلگەندەك، شياۋۋاڭ ئەينى ۋاقىتتا قەرز ئالغان 19 مىڭ 800 يۈەن ئۆسۈمى كۆپىيىپ 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

توردا خىزمەت تېپىشتا توزاق بەكلا كۆپ.

خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلەر پروفېسسورى لى لىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، توردا خىزمەت ئىزدەشنىڭ توزىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئالدامچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ توزىقىغا چۈشۈرىدىكەن.

خىزمەتچى خادىمنى ئۇزۇن ۋاقىت سىناپ ئىشلىتىش ئالدامچىلارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئالدامچىلىقلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا شىركەتنىڭ سىناپ ئىشلىتىش ۋاقتى 1 ئايدىن 3 ئايغىچە بولىدىغان بولۇپ، سىناپ ئىشلىتىش ۋاقتى توشۇپ شىركەت رەسمىي ئىشلىتىشنى تىلغا ئالمىسا، ئۇنداقتا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر چوقۇم ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

ۋىروس ئۇلانمىسى ئارقىلىق توزاققا دەسسىتىشمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردا خەت بېسىش دېگەندەك يالغان خىزمەت ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئالدايدۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ۋىروس ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئېلان گۇروھىغا باشلاپ كىرىشمۇ ئالدامچىلارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئالدامچىلار خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىپ سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئېلان گۇروھىغا قوشۇپ قويىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاللىبۇرۇن ئالدانغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا يۇقارقىدەك ئالدامچىلاردىن قانداق قوغدىنىمىز؟

ئالدامچىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىرىنچىدىن ئالاقىدار تارماقلار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号