باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2698يوللانما
3مەستانە

1120 جىڭ كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئەر توي قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 21:30 14 ئىنكاس چۈشتى



جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 


دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئەر يېقىندا توي قىلدى، بىراق ئۇنىڭ بەدىنى ھەددىدىن زىيادە سېمىز، يول مېڭىش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئېغىرلىقى 1120 جىڭ كېلىدىغان ھەيۋەتلىك گەۋدىسى بىلەن يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېلىنچەكنى ئالغىلى باردى.


مېكسىكىلىق مانۋېل يۇرىبې (Manuel Uribe) نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1120 جىڭ چىقىدىغان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىرلىقى بىلەن دۇنيا جېننىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئادەم بولۇپ قالدى، مانۋېل يۇرىبېنىڭ بەدىنى ئۇنداق-مۇنداق چوڭ ئەمەس، ئۇ شۇنداقلا ئولتۇرىدىغان بولسا ئارقىدىن قارىغان ئادەم ئۇنى چوڭ بىر ساندۇققا، ھەتتا تامغا ئوخشىتىپ قېلىشى مۇمكىن، كىچىكرەك بالىلارغا ئۇ بەئەينى تاغ بولۇپ كۆرۈنىدۇ. يەنە دەل شۇ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك، مانۋېل يۇرىبې يول ماڭالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ تۈزۈكرەك چىقالمايدۇ، بىراق شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەلىيىگە ئۇ يېقىندا ئۆزىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان بىر قىزنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى.


مانۋېل يۇرىبې ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، توي ماشىنىسى، ئائىلە ماشىنىسى دېگەندەك «ئادەتتىكى ماشىنا» لار ئۇنى كۆتۈرەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا ئېلىپ چىقىلىپ كېلىنچەكنىڭ ئالدىغا باردى.

سۈرەتتە: يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلىشىپ بولغان مانۋېل يۇرىبې، خۇشال ھالدا كېلىنچەكنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ.


يول مېڭىشىلا ئەمەس، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈلىشىمۇ بىر قىيىن مەسىلە بولغان مانۋېل يۇرىبې ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن ئىدى.


مانۋېل يۇرىبې بۇرۇن بىر قېتىم توي قىلغان، بىراق كېيىنچە ئۇ بەكلا سەمرىپ كەتكەچكە، ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئاخىرى چىقمىغان بۇ نىكاھ، مانۋېل يۇرىبې ئۈچۈن خېلى چوڭ زەربە بولغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ يېقىندا ھازىرقى بولغۇسى ئايالى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. گەرچە يېڭى كېلىنچەكمۇ ئۇنچىلىك زىلۋە، ئورۇق ئاياللاردىن بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ مانۋېل يۇرىبېنىڭ ئالدىدا يەنىلا ۋىجىك بىر ئايالغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئىككى سېمىز بىر جايغا كەلگەندە، خۇددى چوڭ موللام كىچىك داخان بىلەن ئۇچراشقاندەك ئەھۋال شەكىللەنگەن.


مانۋېل يۇرىبې ھازىرقى ئايالىنى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ئايالى ئۈچۈن ئورۇقلاشقا باشلىدى، چۈنكى نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بەدىنى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆپ جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىم پىلەتۇن1 ئاي ئىلگىرى

    بەخىتلىك بولسۇن بۇ بىرجۈپ بودەكلەر

  • تىم پىلەتۇن1 ئاي ئىلگىرى

    ھە دوسلا بوفدى قىلىڭلار ئۇلانى بىزمۇ ئۆزىمىز، بىلەن بولشىمىزكىرەك شۇڭائۇلانى ئۇنى بۇنى دىيىش ئارتۇقچە

  • جەسۇر جەڭچى1 ئاي ئىلگىرى

    كارۋات چىدىمايدىغا بولدىدە كارۋاتنى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرسا بولغىدەك

  • 181******462 ئاي ئىلگىرى

    ئامال يوقتە بۇ بىچارىغا

  • نۇرداش2 ئاي ئىلگىرى

    ماغدۇرۇڭ بار ،خوتۇن ئالساڭ،
    پۇت قولۇڭغا دەم بولار،
    ماغدۇرۇڭ يوق خوتۇن ئالساڭ،
    ياش باللارغا يەم بولار

  • ئىسمىڭىز نى كىرگۈزۈڭ....2 ئاي ئىلگىرى

    مۇ شۇنىڭدىكى سىمىزلىكتىن جىق ئەمىەس 10 كىلو مەندا بۇلغان بۇلسا

  • ئابدۇراخمان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ سېمىز تازنى كارۋىتى قانداق كۆتۈرگەندۇ؟

  • دانىشمەن2 ئاي ئىلگىرى

    بۇندا سىمىز ئادەملەنىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلاپ كارغا كەلمەيدۇ دەپ ئۇقغانتىم بىر سالوندىن

  • ئىليار2 ئاي ئىلگىرى

    تونودەك باركىنە ماۋۇ ئاداشنىڭ بەستى

  • مۇقام يۇرتى2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق سېمىز ئادەم خوتۇن ئالسا خەق نىمە دەپ قالا .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号