باش بەت

رۇشەن

2494يوللانما
13مەستانە

سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-23 23:55 20 ئىنكاس چۈشتى

Engadget تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Galaxy Note يانفونىنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتكەن بىر يىل چوقۇم بەك تەستە ئۆتتى. چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن خېلى يامان ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدىغان يېڭى يانفون ئويلىمىغان يەردىن تېخى «جەڭدە زەپەر قۇچماي تۇرۇپلا ئۆز ئارماندا كەتتى» دېگەندەك ئىشلارغا يولۇقتى ئەمەسمۇ. لېكىن بۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، چۈنكى يېڭى بىر ئەۋلاد سامسۇڭ Galaxy Note 8 رەسمىي ئېلان قىلىندى!

ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتۇرۇلۇش شۇكى، ئۇنىڭغا Galaxy S8 ۋە +S8قا ئوخشاش Infinity Display لايىھەسى قوللىنىلدى، لېكىن ئۇنىڭدىكى Quad HD+ AMOLED ئېكرانىنىڭ ئۆلچىمى 6.3 دىيۇمغا كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ مەشغۇلاتلارنى ئاسانلا تاماملىغىلى بولىدۇ. يېڭى App Pair ئىقتىدارى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنى ئوخشاش بولمىغان ئەپ گۇرۇپپىسىنى ئالدىن بەلگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ خۇددى YouTube + IM قورالىغا ئوخشاش، بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە دەرھاللا Edge ئىچىدىن قوزغاتقىلى بولىدۇ.

Galaxy Note يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەرسىسى يەنىلا ئاشۇ سامسۇڭ S-Pen قەلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ 4096 دەرىجىلىك بېسىم سېنزورى ۋە  0.7 مىللىمېتىرلىق كىچىك قەلەم ئۇچى بار. لېكىن S-Pen يېڭى يانفون بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن GIF ئۈستىگە بىۋاسىتە رەسىم سىزىشقا ھەمدە IM قورالى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، S-Pen قەلىمىنى چەتئەل يېزىقى ئۈستىگە قويغاندا پەقەت ئايرىم سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جۈملىنى تەرجىمە قىلالايدۇ.

قاتتىق دېتال ئۆلچىمى جەھەتتە، Note 8 يانفونى S8 بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا كۇۋالكومنىڭ سىناپدىراگون 835 ۋە Exynos 8895 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن نۇسخىسى بار، شۇنداقلا IP68 سۇ ۋە چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش لايىھەسى، 64GBتىن 128GBقىچىلىك ئىچكى ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەنگەن، يەنە بارماق ئىزى/كۆز/چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، تېز سۈرئەتتە سىمسىز زەرەتلەش ۋە DeX تەگلىكىنى قوللايدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچى بىر تۇتاش 6GB بولغان، باتارېيە سىغىمى mAh3300 بولۇپ، +S8قا قارىغاندا سەل تۆۋەن.

سامسۇڭ Galaxy Noteنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى سورايمىز!


باش سۈرەت تاللاش x
  • ھۈسەنجان1 ئاي ئىلگىرى

    يوغناش بۇمۇ بىر خىل يېڭىلىق ھەم ھازىرقى تېلىفۇن
    ياسىمىچىلىغىدىكى مودىنىڭ باشلامچىسى
    كۆرەلمىگەندەك ئۇنى-بۇنى دېمەڭلا
    لېكىن ئىچىڭلانىڭ بىر يىرى كۈيىدۇ بۇ سەنشىڭغا لېكىن ئېتراپ قىلغۇڭلا كەلمەي تۇترۇقسىزقۇسۇرلارنى تېپىۋاتىسىلە ھە بۇنى كۈرەلمەسلىك دەيمىز

  • ھۈسەنجان1 ئاي ئىلگىرى

    ھەر قېتتىم يېڭى نەشىر چىققاندا سېستىمىنى يېڭىلاڭ دەپ يېڭى سېستىمىنى يوللايدىغۇ

  • ھۈسەنجان1 ئاي ئىلگىرى

    59dum
    سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزمۇ سەنشىڭ شكىتى تەرپىدىن رېياللىققا ئايلىنىپ قالدى توڭلاتقۇنى تېلىفۇن ئارقىلىق قىلىش مەيدانغا كەپقالدى

  • ھۈسەنجان1 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە قىسقا فىلىمنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز ناۋادا كۈرۈپمۇ شۇنداق دىسىڭىز ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كۈرۈنۈپ بېقىڭ تەپسىلى كۆرسىڭىز ناھايتى ئىسىل ئىختىدارلار قۇشۇلۇپتۇ
    مەن ئالما 5ئەستىن ئاندرويتقا چىختىم ئاندرويت سېستىما ئىشلىتىدىغان تېلىفۇنلار بەك كۆپ نەدە ئاخمايدىغان تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىككى -ئۈچيۇز سوملۇق تېلىلىفۇنلانى ئىشلىتىپ كۇنۇپ قاپسىلە

  • ئانچە مۇنچە1 ئاي ئىلگىرى

    ئەمما ما تىلفۇننىڭ سىرتقى شەكلى بەك ئۇز چىقپتۇ

  • خىلىل1 ئاي ئىلگىرى

    دوسلا مەن بىرنى ئالاي دىگەن قايسى رەڭ چىرايلىق

  • جەسۇر1 ئاي ئىلگىرى

    سەنشىڭنى ئۇنى بۇنى دەيدىغانلا ئىشلىتىپ باقمىغان ھەقىقەتكە كوز يۇمۇپ قارىسىغىلا سوزلەيدىغان خەقلا ھەر قايسىڭ ، ماۋۇ تىلپۇن ئىچىمگە ئوت سىلىۋەتتى لىكىن نىمىدىگەن كوركەم ھەم قوللىنىشچان ھە ،،،،

  • فارۇق1 ئاي ئىلگىرى

    باللا مېنىڭ راستىنلا ئالما يەتتە تېلفۇنۇممنى ئالماشتۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ ،ئاندىرويىت تېلفۇنلا بەك قۇلايلىق بولۇپ كېتىپتۇ ھازىر

  • ئىسىمسىز1 ئاي ئىلگىرى

    ئى تىلىفۇننى سىلاپ بىقىشقان بولساڭ نىمە دەپ يىزىشار بولغىيتىڭ ،، كىسەك ئالمىنى تۇتىۋىلىپ، دۇنيادا تىلىفۇننىڭ نوچىسى مۇشۇ دەيدىغانلىرىڭ

  • مۇختەر1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي دوسلا،باشقا ئىقتىدارى مىنى قىززىقتۇرالمىدى،سىپىن قەلىمىگە قايىل بولدۇم،مۇقىم تەرجىمانكەن ئەمەسمۇ،يارايسەن سەنشىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号