باش بەت

abdulaziz

1248يوللانما
6مەستانە

رەسىمنى قىزىقارلىق ئۆزگەرتىش بىلەن داڭق چىقارغان رەسىم ياساش ئۇستىسى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 11:48 6 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا James Fridman ئىسىملىك بىر رەسىم ياساش ئۇستىسى تورداشلارنىڭ رەسىملىرىنى غەلىتە شەكىللەردە ياساپ بېرىش بىلەن داڭق چىقاردى، ھازىر ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى بىر مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈمسىز ۋە غەلىتە ھالەتتە ياساپ قويىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئىزدەپ سۈرەتلىرىنى ياسىتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ تورداشلارنىڭ رەسىمىنى قانداق ياساپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
بۇ سۈرەتتە يۈزۈم بەكلا دۈپدۈگىلەك چىقىپ قاپتۇ، قارىماققا ئۇنداق كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ ياساپ بەرگەن بولسىڭىز...

  مېنىڭ ئىستاكانىمدىكى قەھۋەنى سەل جىقراق قىلىپ ئۆزگەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز...

  بۇ ئاپام بىلەن موسكۋانىڭ قىزىل مەيداندا چۈشكەن سۈرىتىم، ئاپامنى قارىماققا سەل ياشراق كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

  مېنىڭ بەدەن شەكلىمنى ئايالىمنىڭكىدەك گۈزەل ھەم سەل ياز پەسلى ئەكس ئېتىدىغان قىلىپ ياساپ بېرەلەرسىزمۇ؟

  بۇ سۈرىتىمنى غاز بىلەن سوقۇشۇۋاتقان ھالەتتە قىلىپ ئۆزگەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز...

  مېنىڭ بېشىمنى ماۋۇ سۈرەتتىكى مۇسكۇللۇق يىگىتنىڭ بەدىنىگە ئۇلاپ بېرەلەرسىزمۇ؟

  ئۈچىمىزنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى تەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرەلەمسىز؟

  مېنىڭ يۈزۈمنى ئوغۇل دوستۇمنىڭكىدىن كىچىكرەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرەلەمسىز؟

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • دېڭىز1 ئاي ئىلگىرى

    غاز بىلەن چۇشكەن رەسىمگە سەت كۇلۇپتىمەن

  • ئەفسۇس1 ئاي ئىلگىرى

    كەپكىتىپتۇ ما psلەر ھاھاھاھاھا

  • ئىسىل1 ئاي ئىلگىرى

    بەك يۇمۇرغۇ ، قاچانغىچە كۈلەمە مارەسىملى يادىمغا كەلسە .ھاھ ھاھ ھاھ

  • ئاكاش1 ئاي ئىلگىرى

    شەيئىلەرنى قارشى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەھلىل قىلىشقا بەك ئۇستىكەن ، ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب

  • لەيلى1 ئاي ئىلگىرى

    ھا ھا ھا بۇرەسىم لاھىيەلىگۈچى بەك ئۇستىكەن قايىل بولدۇم

  • ئايقۇت1 ئاي ئىلگىرى

    يامان قىززىق بوپتۇ ھە ،ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号