باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

سامسۇڭ Note 7 يانفونى يىغىۋېلىنغانلارغا Note 8نى يېرىم باھادا سېتىپ بېرىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 11:54 13 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 24-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    

سامسۇڭ يىپيېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار ئەقلىيفون Galaxy Note 8نى ئېلان قىلغاندا بۇرۇن Note 7سىنى يىغىۋالغان ئابۇنتلار داۋاملىق Galaxy Note 8 سېتىۋالماقچى بولسا باھانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 425 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2830 يۈەن) چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ تەخمىنەن Note 8 يانفونى باھاسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. باھانى بۇنداق زور دەرىجىدە چۈشۈرۈش سامسۇڭنىڭ باتارېيە كاشىلىسى سەۋەبلىك Galaxy Note 7نى يىغىۋالغاندىن كېيىنكى يارىشىش سەمىمىيتىنى ئىپادىلىگەن. سامسۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئاۋغۇست Galaxy Note 8نى زاكاز قىلىشتىن بۇرۇن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئابۇنتلار سامسۇڭ ئورگان تورى ئارقىلىق باھا چۈشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

Galaxy Note 7نى يىغىۋېلىش ۋەقەسىدە سامسۇڭ دۇنيادا جەمئىي ئۈچ مىليون دانىدىن ئارتۇق يانفون يىغىۋالدى. بۇ سامسۇڭنىڭ نام-ئابرۇيىغا غايەت زور زەربە بولۇپلا قالماي، يىغىۋېلىش يەنە سامسۇڭغا بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالدى. بۇ قېتىم Note 7سىنى يىغىۋالغان ئابۇنتلارغا باھانى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈش ئۇ ۋەقەنىڭ زىيىنىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق.

بۇرۇن سامسۇڭنىڭ بىر قىسىم سادىق قوللىغۇچىلىرى Galaxy Note 7نى يىغىۋېلىش جاكارلانغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلەتكەن، بۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارغا بولغان ياقتۇرۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. قانداقلا بولسۇن سامسۇڭنىڭ بۇ قىلغىنى ئېنىقلا Galaxy Note 7 پەيدا قىلغان شەكىلسىز زىياننى تولۇقلاش ئۈچۈن ھەم بۇ ئارقىلىق كونا ئابۇنتلارنى تۇتۇپ قېلىپ، ئىستېمالچىلارنى Galaxy Note يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق قوللىتىشنى ئۈمىد قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • amine1 ئاي ئىلگىرى

    مانىڭغا ھەجەپ سۈرخان ئىنكاس يازماپتا

  • Galaxy S62 ئاي ئىلگىرى

    ئىپادىسى ياخشى بۇ كارخانىنىڭ سەمىمىيەت بىرىنچى سودىدا

  • يىگائە3 ئاي ئىلگىرى

    مىنڭكىنىمۇ يىغىۋالغانتى قانداق قىلىشنى بىلمىدىم

  • ھەۋىسىم كېلىدۇ3 ئاي ئىلگىرى

    سىلە ھازىر باھاسى بەك چۈشۈۋاتقان ماركىنىڭ قايسىلىغىنى بىلەمسىلەر ،ئۇ دەل oppo vivo

  • ھەۋىسىم كېلىدۇ3 ئاي ئىلگىرى

    قادىخان ئەنسىرمەڭلا مانا بىز ئالىمىز

  • ئالماس3 ئاي ئىلگىرى

    ئىچى تارلار ئىچىدىن سىسىپ تۈگەيدىغان بولدىدە، ،،،

  • ئالمىچى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزۇم ئالما ئىشلەتسەممۇ لىكىن سامسۇڭنىڭ ماۋۇ پۇزۇتسىيەسى ماختاشقا ئەرزىيدۇ

  • mmsz3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ بەك قالتىس كارخانىكەن بۇ

  • مەن3 ئاي ئىلگىرى

    توققۇز چىققاندا بىكاغالا تاقىتامىكى ،

  • قادى قوناق3 ئاي ئىلگىرى

    سىتىلمغانسىرى باھانى چۇشۇرۇدۇ مانداق،كىممۇ ئالىدۇ بۇ بومبىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号