باش بەت

zefer

613يوللانما
35مەستانە

سامسۇڭ Note 8نىڭ ئالما iPhoneلىرىدا يوق سەككىز يېڭى ئىقتىدارى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 12:30 36 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ 24 ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :

نۇرغۇن قېتىملىق ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشلاردىن كېيىن سامسۇڭ Note 8 ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئاشكارىلانغان مەزمۇن بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئابونتلارغا نىسبەتەن Note 8نىڭ ھەقىقىي جامالىنى كۆرۈش يەنىلا ئۇلارنى ھەقىقىي ھاياجانلاندۇرالايدۇ.

بۇ قېتىم سامسۇڭ Note 8دە نۇرغۇن كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارلار بار بولۇپ، ھازىرقى ئاساسلىق رىقابەتچىلىرىدىن iPhone 7 بىلەن 7 Plusنىڭ ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر قانچە ئىقتىدارى ئۇلاردا يوق.

تولۇق ئېكران 

سامسۇڭ Note 8نىڭ كىشىگە بەرگەن بىرىنچى تەسىرى — ئېكرانى چوڭ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشىدىغان، يانفون يۈزىنى ئاساسەن دېگۈدەك قاپلايدىغان ئېكرانى بار. لېكىن iPhone 7 يۈرۈشلۈك يانفونى ئۇنىڭدىن خېلىلا يىراق.

سىمسىز زەرەتلەش 

سامسۇڭ Note 8 سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ ھەمدە تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى بار، ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا كېيىنكى ئەۋلاد iPhoneغا سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى سەپلىنىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان يانفونلارغا سەپلەش بىر مەسىلە. لېكىن Note 8نىڭ بۇنداق ئەندىشىسى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى بازارغا سېلىنىپ بولۇنغان يانفونلارغىمۇ سەپلىگىلى بولىدۇ. 

سىغىمنى كېڭەيتىش

سامسۇڭ Note 8نىڭ سىغىمنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ، بۇ بەزى ئابونتلارغا نىسبەتەن ئەڭ قالتىس نۇقتا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن iPhone ئابونتلىرىنىڭ تەلىيى ئۇنچە ئوڭ ئەمەس، چۈنكى ھەر قانداق iPhoneنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتكىلى بولمايدۇ.

رەڭدار پەردىنى تونۇش 

سامسۇڭ Note 8 رەڭدار پەردىنى تونۇشنى قوللايدۇ، ھەم پەرقلەندۈرۈشچانلىقى ۋە پەرق ئېتىش سۈرئىتى ئىنتايىن ياخشى، لېكىن iPhoneدا تېخى بۇ ئىقتىدارى يوق، نۆۋەتتە iPhone پەقەت بارماق ئىزى ۋە مەخپىي شىفىر ئارقىلىقلا قۇلۇپنى ئاچالايدۇ.

Dex ئۈستەل يۈزى 

Dex بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، ئابونتلار Note 8نى Dexقا قويغاندا، ئۇ ئۈستەل كومپيۇتېرىغا ئايلىناتتى، ھەم مائۇس بىلەن تىزگنلىگىلى بولىدۇ، سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز. ئەگەر ئابونتلار Note 8نى ئالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن Dexدىن بىرنى سېتىۋالسا بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ بارمايدۇ.

S Pen 

S Pen بىر ئۇلۇغ كەشپىيات، ئېكران قۇلۇپلانغان ئەھۋالدىمۇ ئابۇنت ئېكراندا سۈرەتكە تارتىپ، ئىشلارنى خاتىرلىيەلەيدۇ، ھەم نەتىجىسىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدۇ، iPhoneدا تېخى بۇ ئىقتىدار يوق.

قۇلۇپ ئېكرانىدا كۆرسىتىش 

سامسۇڭ Note 8 قۇلۇپ ئېكرانىدا كۆرسىتىشنى قوللايدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن سامسۇڭ مەستانىلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىقتىدار، يانفون قۇلۇپلانغاندا ئابونتلار ئېكراندا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ ئىنتايىن قولايلىق. 

ئىككىلەمچى فوكۇس تەڭشەش 

iPhone قوش كامېرانى ئومۇملاشتۇردى، سامسۇڭ قوش كامېرانى ۋايىغا يەتكۈزدى. بۇ قېتىمقى سامسۇڭ Note 8گە كەڭ بۇلۇڭلۇق + ئۇزۇن فوكۇسلۇق قوش كامېرا قوللىنىلغان بولۇپ، كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىشتا ئارقا كۆرۈنۈشنى مەۋھۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ، ھالبۇكى بۇ ئىقتىدار iPhoneدا تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • iPhone 6s3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ note8 لىكىن مەن ئاندىرويىد يانفونىغا كۆنەلمەيمەن

  • قادى3 ئاي ئىلگىرى

    قەيسەر سىللى رەڭدار پەردىنىڭ گىپنى قىلۋاتاملا ياكى چىراينىڭ گىپنىمۇ

  • ھەيران مەن3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئالمىچمۇ ئەمەس سامسۇڭچيمۇ ئەمەس قۇلۇمدا مىيزۇ تىلفۇن بار ھەم داۋاملىق دۆلىتمىزنىڭ تىلفۇللىرنى ئېشىلتىپ كىلۋاتمەن. مۇشۇ سامسۇڭ تىلفۇننىڭ خەۋىرى چىقسىلام تالاش تارتىش كۆپ بۇلاپ كتىتدىكەن مۇشۇ نۇر تۇردا زادى نىمە سىر بادۇ بۇ تىلفۇندا...

  • پاكنۇر3 ئاي ئىلگىرى

    ھەر قېتىم سەنشىڭ بىر تېلفۇننى بازارغا سالسا ئالما ئۇنى ئازراق ئۆزگەرتىپ
    اندىن كەينىدىن بازارغا سالىدۇ

  • قادى ئاكا دە3 ئاي ئىلگىرى

    مىھمان 50كويغا ئەنجەنلىك تىلفۇن ئالسڭ بولغىدەك سەن قاندا بوسا بولتى

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي شۇنداق دەپ داملاپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇپ تېلىفۇننى ساتمىسا كىم ئالىدۇ ، ھەممە ئادەم ئالما سەككىزنى ساقلاۋاتسا، بۇ قېتىممۇ سېتىلماي قالارمىكى دەپ ئالدىراپلا ئالمىدىن بۇرۇن بازارغا سالدى، ھەپتىدىن كىيىن يەنە نىمە ئىشلار بۇلىدۇ، چۈنكى بۇ بولتۇرقى بومبىنىڭ بىر دەرجە كۈچلىكى

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى چەك باسمايدىغان ئىقتىدارلاركەن، ئادەمگە كىرەك بۇلىدىغىندىن بىرى يوق،

  • يىگانە3 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئىنكاستا سۈرخان يوققۇ؟قانداقلارچە سۆزلىمەي چىداۋاتىدغاندۇ؟گېپىنى تېشغا چىقرالماي يۈرىكى قوزغىلىپ كەتمىسلا بولاتتىغۇ ؟؟؟؟؟

  • سېيتاخۇن3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بىكاردىن بىكار ئۆچۈپ قېلۋاتقان،باتارىيىسى پارتىلاۋاتقان ،سامسۇڭنىڭمۇ پارتىلاۋاتقان مېيى،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تىلفۇنللىرى ياخشى

  • ئىسمىڭىز نى كىرگۈزۈڭ....3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما 4 نىڭ ياقى ھېچ قاندا چوڭ ئۈزگىرىش يوق بۇ ئالما تېلپۇندا شەكلى رەڭگى ئۈزگەرگەندن باشقا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号