باش بەت

durdana

793يوللانما
19مەستانە

سەردار رھىمخان تالانتلىق مەستانىلىرىدىن بىرى بىلەن ناخشا ئېيتماقچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 12:12 2 ئىنكاس چۈشتى

ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس سەردار رەھىمخان تالانتلىق ياشلارنى بايقاشنى داۋام قىلماقتا. شۇ مەقسەتتە سەردار «فەرىدەم» ناملىق ناخشىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىغان تالانىتلىق مەستانىلىرىدىن بىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشقا ۋەدە بەردى، شۇنداقلا «فەرىدەم» ناملىق ناخشىسىنى ئېيىتقان مەستانىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئىنىستاگرام بېتىگە يوللىدى.

ياش ھەۋەسكار ناخشىچى سەردار رەھىمخانغا خەت يوللاپ، سەردارنى ئۇستاز دەپ بىلىدىغانلىقىنى، سەردار بىلەن ناخشا ئېيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەردار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئوچۇقىنى ئېيتسام، ناخشا ئېيتىشلىرى ۋە خەتلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئەگەر شۇ بالىنىڭ ئىجراسىدىكى ناخشا شۇ ناخشا تۈرىدە ئەڭ كۆپ چېكىلىپ، غەلبە قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن ناخشا ئېيتىمەن.»

بۇندىن بۇرۇن، رەھىمخان «ئاتاجان» ناملىق ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان دىلنازە ئىسىملىك قىزنى ماختىغان ئىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • دېڭىز3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭ دوس دىگەن بىر ناخشىسى بولدىغان بەك ئىسىل بەك مۇڭ، مەن بەك ياقتۇرمەن بۇنىڭ ناخشىلىرنى

  • بايقاش3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەي ناخشىلىرى بەك مەنىلىك ئىنتىۋىلىرى بەك قىزىقارلىق مەنىسى چۇڭقۇر مەن بەك ئامراق بۇنىڭ غا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号