باش بەت

zefer

628يوللانما
35مەستانە

سامسۇڭنىڭ جۇڭگودىكى تەقدىرى Note 8 يانفونىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 15:00 9 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە سامسۇڭ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى — Galaxy Note 8نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا Note 8نىڭ كونكرېت سېتىلىش باھاسى بىلەن سېتىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىنمىغان. ئەمما ئالاقىدار تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يانفون 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بازارغا سېلىنىدىكەن .

Note 8 يانفونى سامسۇڭ S8دىكى 2Kلىق پۈتۈن ئەگرى يۈزلۈك ئېكراننى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئېكراننىڭ چوڭلۇقى 6.3 دىيۇم، ئېگىزلىك-كەڭلىك نىسبىتى 18.5:9. ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى سىناپدىراگون 835 بىلەن Exynos 8895 قوش كۆچمە سۇپىسى قوللىنىلغان، ئىچكى ساقلىغۇچ 6GBغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يانفوننىڭ ساقلاش سىغىمى 64GBدىن باشلىنىدىكەن، ئالدى كامېراسى 8 مىليون پىكسېل، باتارېيەسى 3300mAh بولۇپ، IP68 دەرىجىلىك چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىشنى قوللايدىكەن. رەڭ جەھەتتە Note 8نىڭ قارا، كۆك، كۈل رەك، ئالتۇنرەڭ قاتارلىق تۆت خىل رەڭگى بار ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ئېكران ئاستىدا بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش كېلەر يىلى ئالدىنقى يېرىمىدا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلغاچقا، سامسۇڭ Note 8گە يانفون كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئىكەن.

ھازىر ئارقىغا ئورنىتىلغان قوش كامېرا ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ بايراقدار يانفونىدىلا ئەمەس، بەزى ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەدىكى يانونلاردىمۇ قوللىنىلماقتا، ئەمما سامسۇڭ Note 8نىڭ ئارقىغا ئورنىتىلغان 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېراسى سەل كېچىكىپ قالدى، ھېلىمۇ ياخشى، سامسۇڭنىڭ 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېراسىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى ئىزچىل ياخشى بولغان، بۇ قېتىم كەڭ بۇلۇڭلۇق + ئۇزۇن فوكۇسلۇق ھەل قىلىش لايىھەسى قوللىنىلغان، دىئافراگمىسى F/1.7 بولۇپ، ئوپتىكىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشنى مەۋھۇملاشتۇرۇشنى قوللايدىكەن، يەنە ئاۋۋال سۈرەتكە تارتىپ ئاندىن فوكۇسنى تەڭشىگىلى، شۇنىڭدەك ئالدى-كەينىدە كامېرالاردا بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتقىلى بولىدىكەن.

Note يۈرۈشلىكىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك S Pen قەلىمىنى Note 7 بىلەن سېلىشتۇرغاندا پارامېتىر ئۆلچىمى ئاساسەن بىردەك بولۇپ، قەلەم ئۇچى يەنىلا 0.7 مىللىمېتىر، 4096 دەرىجىلىك بېسىم تۇيغۇسى ۋە IP68 دەرىجىلىك سۇدىن ساقلىنىشنى قوللايدىكەن. بۇ قېتىم ئاساسلىقى يۇمشاق دېتاللار ئەلالاشتۇرۇلغان، مەسىلەن، « Live Message» نى قوللايدىكەن، S Pen ئارقىلىق پاراڭلىشىش ئار يۈزىدە بىر رەسىم رامكىسى ھاسىل قىلىپ، ئالاھىدە پوچىركا بىلەن  خەت يازغىلى ياكى رەسىم سىزغىلى، ھەرىكەتچان خەت ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلغىلى،  ئۇچۇر ۋە ئالاقە سۇپىسىغا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، Note 8گە يەنە Bixby سۈنئىي ئىدراكلىق ئاۋازلىق ياردەمچىسى، يانفوننى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرىدىغان Dex تەگلىكى، رەڭدار پەردىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، مەيلى قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتال جەھەتتە بولسۇن، ئۇنىڭ بايراقدار يانفون ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. 

بۇ قېتىم ئېلان قىلغان Note 8 پات ئارىدا iPhone 8 بىلەن خۇاۋېي Mate 10 دىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  Note 7 قالدۇرغان جۇڭگو بازىرىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ.

IDC سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى سامسۇڭ %21.2لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن دۇنيا يانفون بازىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئالما %14.6لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن دۇنيا يانفون بازىرىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ يىل ئىككىنچى پەسىللىك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ بازار ئۈلۈشى %23.3 بولۇپ، يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا ئىكەن، ھالبۇكى، ئالمىنىڭ %12لىك بازار ئۈلۈشى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، خۇاۋېي، OPPO، شياۋمىلار كەينىگىلا تىزىلغان.

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Strategy Analytics ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى پەسىلدە سامسۇڭ S8 يۈرۈشلىكىنىڭ دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 19 مىليون 200 مىڭغا يېتىپ، iPhone 7  بىلەن 7 Plusنىڭ كەينىگە تىزىلغان، بۇ پەسىلدىكى مال چىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئاندىرويىد يانفونى بولۇپ قالغان، خوڭمى 4A بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

بىراق جۇڭگو بازىرىدا، سامسۇڭنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا ئېنىقسىز. خۇاۋېي، OPPO ۋە VIVOلارنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى ئېشىش ۋەزىيىتى ئالدىدا سامسۇڭنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى نەتىجىلىرى ئادەتتىكىچىلا بولدى، Counterpoint ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە سامسۇڭ يانفونلىرى %3لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن 6-ئورۇنغا تىزىلغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 چۈشۈپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 3 ئاي ئىلگىرى

    مىھمان دىگەننىڭ كاللىسنىڭ ئازراق باكە جۇما سىسىق ئالمىنىڭ شورپىسىنى بەك ئىچىۋالدىمۇ يا

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ئەخمەقلەر ئۇنداق ۋىدىئونى ياسايدۇ ، ئىلان كۈرۈپ باقمىغاندەك گەپ قىلىدىكەن، ئىلان ئۈچۈن ۋىدىئو دىگەننى ئۇنچىلىك قىلىپ ياسىمىسا كىم ئالىدۇ ئۇ ئاندىرويىت بومبىنى

  • قارلۇق3 ئاي ئىلگىرى

    سۈپەتلىك ئىشلەپتۇ سامسۇڭ ئالما ۋە سونى شىركەتلىرى ئىلىكتۇرۇن ساۋاسىنىڭ ھەقىقى تۆھپىكارلىرى

  • Android Engineer3 ئاي ئىلگىرى

    مىھمان ئاداش، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىنى چۈشەنسەڭلا يېزىڭلا ئىنكاسنى. بولمىسا ئاغزىڭلىنى غىت قىسىپ ئولتۇرۇڭلا. دۇنيانىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە ساھەسىگە تۆھپە قوشۇۋاتقىنى يەنىلا Android جۇما. ئالمىدا يوق نۇرغۇن قاتتىق دېتال ۋە سىستېما جەھەتتىكى ئىقتىدارلار سامسۇڭدا بار. ئۆزەڭلا ئەرزان پۇللۇق Android نى تۇتۇۋېلىپ Android نى تۆۋەن چاغلىماڭلا. سىستېمىنى چۈشىنىپ ئىشلىتىشنى بىلمىسەڭلا تېلېفون ئىشلەتمەي كېسەك ئىشلىتىڭلا.

  • ئەفىفە3 ئاي ئىلگىرى

    باھاسى نەچچە پۇل چىقىدىغاندۇ

  • رازاقجان3 ئاي ئىلگىرى

    كۆك رەڭلىكى ھەجەپمۇ چىرايلىقكەن .نوت تىلپۇنىلىرى ياخشى چىقىدۇ .قەلىمى بەكمۇ قولاي.ئەمما ئۆزەم ئىشلىتۋاتقان نوت 4 نىڭ باتىىريىسى ئۇزاق پايلىمىدى،سېستىمىسمۇ تازا ياخشى قىپ بەرمىدى . ئەمما سامسۇڭنىڭ ھازىر يىڭى چىققان تىلپۇنلىرىنىڭ سېستىمىسى خىلى ياخشى ئىشلىنىپتۇ

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ئاندىرويىت تۇرۇپ باھاسىنىڭ قىممەتلىكى تېخى ھالىغا باقماي

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    سەنشڭ ۋەئالمادۆلتمزدىكى ستلشى ئەڭ ياخشى ئككى ماركابولۇپمۇيۇقرى ئستمالچلارتوپداتخمۇشۇنداق ئشەنمسڭزئەتراپڭىزدىكلەرنىڭ ئشلتۋاتقان تلغۇنلرىغاقاراڭ مۇتلەق كۆپى ئالماۋەسامسۇڭ ئاندىن قالسائوپپوۋەۋيۋو تەرەققى قلغان چوڭ شەھەرلەردەتخمۇشۇنداق

  • تەكلىماكان3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئىلىشنى ئويلاشتىم قالتىس چىقىپتۇ ما تىلىفۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号