باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8گە 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ۋە مەۋھۇم ئارقا كۆرۈنۈش ئىقتىدارى سەپلەندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 12:26 0 ئىنكاس چۈشتى

engadget تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كەسىپ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يانفون كارخانىسى سامسۇڭ ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قوش كامېرا تېخنىكىسىنى كېچىكىپ ئىشلەتتى، بۇ تېخنىكا تېخى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان Galaxy Note 8گە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلدى. Galaxy Note 8گە ئىشلىتىلگەن 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېراغا يورۇقلۇق سېنزورىغا بىر كەڭ بۇلۇڭلۇق لىنزا بىلەن بىر دۇربۇن سەپلەنگەن، تەبىئىيلا iPhone 7 Plusتىكى ئىقتىدارلارنىڭ بىرى بولغان «پورترېت ھالىتى»مۇ قوشۇلدى، ئەمما سامسۇڭدا بۇ تېخنىكا «Live Focus» دەپ ئاتالدى. 

iPhone 7 Plusقا ئوخشاش، Note 8نىڭ قوش كامېراسىمۇ ئاساسىي ئوبيېكىتنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئارقا كۆرۈنۈشغنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ، كەسپىي فوتو ئاپپاراتنىڭ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئەمما iPhoneغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، سىز سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتىلا ئارقا كۆرۈنۈشنى تۇتۇقلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول سېلىپ تەڭشىگەندىن باشقا، يەنە سۈرەتنى تارتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈنۈمىنى قايتىدىن تەڭشىيەلەيسىز. Live Focus ھالىتىدە سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا، Note 8نىڭ كامېراسى يىراق ئارىلىق لىنزىسى ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىدۇ، ئەمما سىز يەنە «Dual Capture» ناملىق ئىقتىدارنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرانىڭ كۆرۈنۈشىنى ساقلاپ قالالايسىز. 

تور بېكەتنىڭ تەھرىرى يانفون قىسقا ۋاقىت ئىشلىتىپ كۆرۈش جەريانىدا يۇقىرىقى سۈرەت ئارقىلىق Note 8نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلدى. بۇ سۈرەت Dual Capture ئېچىلغان ھالەتتە تارتىلغان بولغاچقا، سۈرەتنى ئېچىپ كۆرگەن ۋاقتىتا «نورمال سۈرەت» دېگەن تۈرنى تاللاپ كۆرۈشكىمۇ، كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرادا تارتىلغان سۈرەتنى كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. نورمال سۈرەتنى كۆرگەن ۋاقىتتا سۈرەتنى ئايرىم ساقلاش دېگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 

Note 8نىڭ سۈرەت ساقلاپ قېلىش ئۈنۈمى تەھرىردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چوڭايتىپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ خېلىلا بولۇپ قالىدۇ. ئەمما گەرچە Noteنىڭ جىسىملارنىڭ گىرۋىكىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ناچار بولمىسىمۇ، ئەمما  iPhone 7 Plusتىكىدەك ئېنىق تەكشۈرەلمەيدۇ. ياخشى يېرى سامسۇڭنىڭ تۇتۇقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى باشقا Android يانفونلىرىدىكىدەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا تۇتۇقلاشتۇرۇلغان ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن ئوبيېكىت ئارىسىدىكى پەرق ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس، شۇڭا سۈرەت ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى. 

Live Focusدىن باشقا، Note 8نىڭ قوش كامېراسىمۇ ئوپتىكىلىق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە 10 ھەسسە فوكۇس چوڭايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. سامسۇڭ تەھرىرگە سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۆلچەملىك «سىلكىنىش سۇپىسى»نى سىناق قىلىپ كۆرسەتتى، تەھرىر Note 8نىڭ سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەلۋەتتە سىناق بىلەن ئەمەلىي ئىشلىتىش ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرق بار. ئەمما ئىككىلا كامېرانىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 12MP بولۇپ، پەقەت كەڭ بۇلۇڭلۇق لىنزىنىڭ نۇر گەردىشى  f/1.7 گە يەتكۈزۈلگەن، شۇڭا يورۇقلۇق يېتەرلىك بولمىغان ئورۇندا كەڭ بۇلۇڭلۇق لىنزىنى ئىشلىتىپ سۈرەتكە تارتقاندا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمەلىيەتتە يورۇقلۇق ئاجىز بولغان ۋاقىتتا 2xلىك لىنزىغا ئالماشسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يەنىلا كەڭ بۇلۇڭلۇق لىنزىدا سۈرەتكە تارتىدۇ، بۇ تەرىپى iPhone 7 Plus بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. 

تەھرىرنىڭ قارىشىچە، Note 8نىڭ كامېراسى نۆۋەتتىكى بارلىق ئەقلىيفونلار ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ دېيىشكە بولىدىكەن، ئەمما بۇ يانفون پەقەت «iPhone 7»دىن ياخشى، iPhone 7 بارلىق بايراقلار يانفونلار ئىچىدە ئەڭ ئىلغار يانفون ھېسابلىنىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئازراق گۇمانىي نۇقتىلارمۇ يوق ئەمەس، ئەمما  Note 8 ھېچ بولمىغاندا قوش كامېرا ئېقىمىغا يېتىشىۋالدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号