باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ مەخسۇس Note 8 يانفونى ئۈچۈن يېڭى Gear VR كۆزەينىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 13:22 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا Galaxy Note 8دىن باشقا يەنە يېڭى نۇسخىدىكى Gear VRنى ئېلان قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ ئاساسلىقى  Note 8نىڭ 6.3 ديۇملۇق ئېكرانىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان. يېڭى نۇسخىدىكى Gear VRنىڭ باھاسى يەنىلا 129.99 دوللار (تەخمىنەن 870 يۈەن).

Note 8نى كونا نۇسخىدىكى Gear VR بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما يېڭى نۇسخىدىكى Gear VR بىلەن ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا S8/S8+، S7/ S7 Edge ،S6/S6 Edge/S6 + ۋە Note 5لەرنىمۇ قوللايدۇ.

ئازراق غەلىتە يېرى شۇكى، سامسۇڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېڭى Gear VRغا قويمىدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، Note 8نى ئالدىن سېتىۋالغۇچىلار يېڭى نۇسخىدىكى Gear VRغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئىستېمالچىلار Note 8دا VR مەزمۇنلىرىنى كۆرمەكچى بولسا چوقۇم ئايرىم سېتىۋېلىشى كېرەك. 

نۆۋەتتە S8 بىلەن S8+ يانفونلىرى Google Daydream VRنى قوللايدىغان قىلىندى، Note 8گىمۇ ئامال بار تېزرەك Daydream VRنى ئىشلەتكىلى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما سامسۇڭ بىلەن گۇگول نۆۋەتتە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تېخى ئېلان قىلمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号