باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

ئالمىنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تېخنىكىسى گۇگولنىڭ ئۈچ يىل كەينىدە قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 12:57 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىدە ئالما شىركىتى كېچىكىپ قالغۇچى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئارقىدا قالغۇچىغا ئايلاندى. ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەشنى تەتقىق قىلىش تېخنىكىسى گۇگولنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئارقىدا قالغان سەۋىيەسىدە ئىكەن.

ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كەسىپ ئىچىدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ساھەدە ئالما پەقەت ئەگەشكۈچىلىك رولىنى ئويناۋېتىپتۇ.

گۇگول بۇ ساھەگە خېلى بۇرۇنلا قەدەم قويغان، كەسىپ ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدىغان يېتەكچىلەرنىڭ بىرى. يېقىندا، گۇگول مۇلازىمەتنى قايتا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش مۇلازىمىتىنى ئايرىپ پاي چېكىنى كونترول قىلىدىغان ئانا شىركەت Alphabetكە قاراشلىق Waymo مۇستەقىل شىركىتى قىلدى.

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى تېخنىكا ۋە ئاپتوموبىل ياساش كەسپلىرى ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىگە كىرىپ بولدى، مەسىلەن تېسلا، Uber، ئاممىباب ئاپتوموبىل قاتارلىقلار.

ئالما بۇ ساھەگە يېڭى قەدەم قويغۇچى، گەرچە يېقىندا بىرقانچە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، باشقا رەقىبلىرىدىن خېلىلا ئارقىدا قالدى.

«نيۇيورك گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرى: ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش ماشىنىسى پروگراممىسىنىڭ ئىلگىرى ئېنىق نىشانى يوق بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئاپتوموبىل ياساش ئۈچۈن تېسلانىڭ ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغانىدى. لېكىن يېڭى رەھبەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئالما ھازىر ئاپتوماتىك ھەيدەش سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا چۈشتى. بۇ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنى سىرتقى زاۋۇت ۋە سېتىش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى بىر تاشقى ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، ئالدى بىلەن ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، شىركەت ئىچىدىكى بېرىش-كېلىشكە ئىشلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ سىناق خاراكتېرلىق ئاپتوبۇس ئالدى بىلەن ئالما شىركىتى ئىچىدە يولغا قويۇلۇپ، ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە كۆۋرۈك بولىدۇ.

بۇندىن ئىلگىرى، ئالما كولىفورنىيە ئىشتاتى ھۆكۈمىتى سىناق قىلغان ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئالمىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرگەن سۈرىتى خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلاندى، ھەرخىل سېنزورلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى ناھايىتى ئارقىدا قالغان. يۇقىرىدىكى كەسپ ئىچىدىكى زاتلارنىڭ قارىشى بۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

باشقا خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاش، ئالمىنىڭمۇ ئاپتوماتىك ھەيدەش بىلەن كۆچمە مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈش ئويى بار بولۇپ، ھازىر بۇ توغۇرلۇق ئېنىق پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

نۆۋەتتە، گۇگول، ھەممىباپ، Uber، تېسلا قاتارلىق تەتقىقات شىركەتلىرى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى ھەرىكەتچان مەخسۇس ماشىنا ياكى ھەمبەھىر ئاپتوموبىلى قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، ئىستېمالچىلار يانفون ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارسىلا، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئالدىغا كېلىدۇ، مۇلازىمەتتىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا قايتىپ كېتىپ، يەنە بىر ئىستېمالچىنى ئىزدەپ كېتىدۇ. ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل پەيدا بولغاندىن باشلاپ، باشلامچىلىقىدىكى ھەرىكەتچان مەخسۇس ئاپتوموبىللارنىڭ تىجارەت تەننەرخى چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • iphone 6plus3 ئاي ئىلگىرى

    ھەييي ، ما خەۋەرگە نىم دىسەم بۇلا ، ئەمەليەت ھەممىنى ئىسپاتلاپ تۇرسا يەنە نىمىشقا ئالما ئىشلىتەمەن

  • سالى چوڭ3 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا ياسايمەن دىگىچە تىلفۇنىغا بىر يىڭىلىق تىخنىكىلارنى سەپلىسۇن ماشىنا تىخنىكىسۇ ئۈچيىل ئارقىدا قاپتۇ مانا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号