باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

ئامېرىكىدىكى بىر قەھۋەخانىدا چاشقانلار مۈشۈكلەرگە «ئاتا-ئانا» بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 13:23 3 ئىنكاس چۈشتى

مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ دوست بولالىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى مۈشۈك باش تېما قىلىنغان مەلۇم قەھۋەخانا ئىككى چاشقاننى «يېتىم» ئاسلانچاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا «تەكلىپ» قىلغان بولۇپ، بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى مۈشۈك ۋە چاشقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە  قارىتا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ قالغانىدى.

نيۇيوركنىڭ بىرۇكلىن رايونىدىكى مۈشۈك قەھۋەخانىسى مۈشۈكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا «تەكلىپ» قىلغان ئېمىلې (Emile) ۋە رېمىي (Remy) ئىسىملىك ئىككى چاشقان ھازىر ئاسلانچاقلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ چاشقانلار خۇددى ئاسلانچاقلارنىڭ «ئاتا-ئانىسى»غا ئوخشاش ئۇلارنىڭ پەيلىرىنى تاراپ رەتلىشىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن.

قەھۋەخانىنىڭ غوجايىنى ئاننې لېۋىن (Anne Levin) مۇنداق دېگەن:«بىزنىڭ قەھۋەخانىمىز ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھايۋاناتلارنى يىغىۋىلىش ئورنى بولۇپ، قەھۋەخانىدا 20دىن 25كىچە مۈشۈك باققىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قەھۋەخانىمىزغا ئىگە-چاقىسىز تاشلىۋېتىلگەن مۈشۈكلەرنى بېقىۋالغىلى كېلىدىغان بولغاچقا، قەھۋەخانىمىز ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. 2016-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، بىرىنچى يىلىلا تەخمىنەن 300 دەك مۈشۈك بېقىۋىلىنغانىدى. بىز بۇ يەردە كىشىلەر بىلەن مۈشۈككە ئائىت پاراڭلارنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەردە مۈشۈك ۋە ئىتلارغا ياردەم قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىمىز».

بۇ قەھۋەخانىدىكى ئېبونىي (Ebony) ئىسىملىك قارا مۈشۈك «مۈشۈكلەر ئاق قان كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن  باشقا مۈشۈكلەرگە يېقىن يولىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ھەم ناھايىتى غېرىپسىنىپ قالغان. قەھۋەخانا غوجايىنى بۇ ئىككى تال چاشقاننى ئېبونىيغا ھەمراھ بولۇشقا «تەكلىپ» قىلغانىكەن. قەھۋەخانىدىكىلەر ئېبونىينىڭ «ئاق قان كېسىلى»گە قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە ئىۋورىي (Ivory) ئىسىملىك ئاق چاشقاننى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا «تەكلىپ» قىلغان، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئاق چاشقان مۈشۈكتىن قورقمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ قەھۋەخانىدىكىلەر چاشقان بىلەن مۈشۈكنى بىر-بىرىگە ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان.

قەھۋەخانىنىڭ لىدىرى مۇنداق دېگەن:«ھازىر ئۇلار ناھايىتى خۇشال-خورام ئويناپ يۈرۈيدىغان بولۇپ، ئېمىلې خۇددى دادىسىغا ئوخشاش ئاسلانچاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. رېمىي بولسا ئاسلانچاقلار بىلەن ئويناپ، يېمەكلىكلەرنى بىللە يەيدۇ. كۆپىنچە خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم ئۇلۇغ ئىش دەپ قارايدۇ، ھەر بىر ئادەم تۈر ھالقىغان جانلىقلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ھالدا بىرگە ياشىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئىش بىزگە ئىنسانلار شۇنداقلا ئىنسانلار بىلەن باشقا جانلىقلارنىڭمۇ تىنچ، خاتىرجەم بىللە ياشىيالايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر خىل ئۈمىد بەخش ئەتتى».

باش سۈرەت تاللاش x
  • چالىقۇشى2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي نىمە بۇپ كىتىۋاتىدۇ ،تەتۇرچە بۇپتىغۇ بىچارە مۇشۇك ئىناق ئۇتسەڭلارغۇ ياخشى چاشقان خۇيىنى ئۇزگەرتسىلا

  • غاپىل2 ئاي ئىلگىرى

    تۈر ھالىقىغان تىنچلىق، تۈر ھالقىغان مۇھەببەت، تۈر ھالقىغان ئورتاق ياشاش، ئۇلار نېمىدىكەن باراۋەر، مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ بىللە ياشىشى ناھايىتى يېڭىلىق بوپتۇ، ئاۋۇ قەھۋەىانا خوجايىنىغا قول قويدۇم

  • لەيلا2 ئاي ئىلگىرى

    ئاق قان كىسىلى مۈشۈكمۇ شۇنداق بولامدا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号