باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

Uber شۇنچە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ تىجارەت كىرىمى يەنىلا ياخشى بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 13:29 0 ئىنكاس چۈشتى

ifanr تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى  تەرجىمىسى:

Uber ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سەتچىلىكى، ئالىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە پاتېنت دەۋاسى قاتارلىقلارنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىدى، Uberنىڭ سابىق CEOسى كالانىك ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر Uber تېخى مۇۋاپىق يېڭى CEO نامزاتى تاپالمىدى. ئەمما بۇ مەسىلىلەر Uberنىڭ ئابونتلىرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەندەك قىلىدۇ. 

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى Uber ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە 2016-يىلى 2-پەسىلدە Uber نىڭ ئومۇمىي كىرىمى 8.7 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشقان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، Uberنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن باشقا دۇنيادىكى ئابونتلىرىنىڭ ئومۇمىي سەپەرگە چىقىش قېتىمى %150 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىككى پەسىلدىكى ساپ تىجارەت كىرىمى 1.75 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 1-پەسىلدىكىدىن 250 مىليون دوللار ئاشقان. Uberنىڭ پايدا نىسبىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ساپ زىيىنى %9 تۆۋەنلەپ، 645 مىليون دوللارغا چۈشكەن. 

يېقىندا Uber خىزمەت نەتىجىسىنى بىر قېتىم باھالاپ چىقتى، خېلى كۆپ خىزمەتچى مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇققا ئۆستۈرۈلدى، ئەمما نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ CEOلۇق ئورنى بوش تۇرماقتا، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممىباب ئېلېكترىك شىركىتىنىڭ سابىق CEOسى جېف ئىممېلت (Jeff Immelt) بۇ رىقابەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋېتىپتۇ. 

ئەمما بىر كۈن ئىلگىرى «ۋال كوچىسى گېزىتى» تۆت ئورتاق فوند ئۆزلىرىنىڭ Uberدىكى پاي ئۈلۈشىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى، ئەڭ زور تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %15كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇ فوند شىركەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم Uberدىكى پاي ئۈلۈشىنى مۇشۇنداق زور چەكتە تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ Uberنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى بەكلا ئاجىز.

Uberنىڭ نۆۋەتتىكى مۆلچەر قىممىتى تەخمىنەن 68 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىلگىرىكى 70 مىليارد دوللارلىق مۆلچەر قىممەتتىن ئازراق تۆۋەن، مۆلچەر قىممەت تۆۋەنلىتىلىشتىن بۇرۇن SoftBank گۇرۇھى، دىدى شىركىتى قاتارلىقلار ئىككى مىلياردتىن 10 مىليارد دوللارغىچە ئارىلىقتا Uberغا مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، ئەگەر سودا ئوڭۇشلۇق بولسا Uberنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئازراق ئۆرلەيدۇ. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Uberنىڭ سابىق CEOسى كالانىك بۇ قېتىملىق مەبلەغ سېلىشنى قوللايدىكەن. 

ئالدىنقى ئايدا CEO رۇسىيە بازىرىدىن ۋاز كېچىپ، يەرلىكتىكى Yandexغا قوشۇلدى. بىر يىل ئىلگىرى جۇڭگو بازىرىدىنمۇ كېتىپ قالغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كەسىپلىرىنى دىدى شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号