باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

435يوللانما
5مەستانە

يەر تەۋرىگەندە نېمە ئۈچۈن قارىغۇلاچە قېچىشقا بولمايدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24 16:40 0 ئىنكاس چۈشتى

مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەش ھادىسلىرىدە، قارىغۇلارچە قېچىش سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.

1. سىرتقا قېچىپ چىقىش جەريانىدا يۈز بەرگەن يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى:

   مەسىلەن 1970-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى يۇننەننىڭ توڭخەيدە 7.7 بال يەر تەۋرىگەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئاساسلىقى ئۆينىڭ ئەتراپىدا پالاكەتكە ئۇچرىغان، بۇ ئېنىقكى يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا سىرتقا قېچىۋاتقاندا قېچىپ كېتىشكە  ئۈلگۈرەلمەي قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىياڭ ناھىيەسىدە 6.0 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرىگەن لىياڭ ناھىيەسىدە %80 دىن ئارتۇق ئېغىر يارىلانغانلار ۋە %90 دىن ئارتۇق قازا قىلغۇچىلار تېخى ئەمدىلەتىن ئىشىك ئالدىغا قىچىپ چىقىشىغا تام بېسىۋىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. 2004-يىلى جىياڭشى جىيۇجياڭدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەن، 12 نەپەر بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر ئادەممۇ بىۋاستە تام ئۆرۈلۈشتىن ئۆلمىگەن، مۇتلەق كۆپ قىسمى يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ئۆيدىن قېچىپ چىققاندا سويۇلۇپ چۈشكەن توغرا تام، كاھىش، خىش پارچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن بېسىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە رۇيچاڭ شەھىرىدىكى بىر ئانا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن بوۋىقىنى قۇچاقلاپ بىنا ئۈستىدىن پەسكە قېچىپ چۈشىۋاتقاندا، يۇقىرىدىن چۈشكەن خىش پارچىسى بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

2. بىنادىن سەكرەپ چۈشۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى:

مەسىلەن، يەنە شۇ 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈز بەرگەن جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ لىياڭ ناھىيەسىدىكى 6.0 بال يەر تەۋرەشتە، تەۋرەش مەركىزى بىلەن ئارىلىقى 85 كىلومېتىر كېلىدىغان جېنجياڭ شەھرىدە بىنادىن سەكرەش ئەھۋالى يۈز بېرىپ،12 ئادەم ئېغىر يارىلانغان؛ يەر تەۋرەش مەركىزى بىلەن ئارلىقى 75 كىلومېتىر كېلىدىغان مائەنشەن شەھىرىدە بىنادىن سەكرەش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم ئېغىر يارىلىنىپ بىر ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان. 1985-يىلى نەنخۇاڭخەيدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، نەنتوڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، ياڭجۇ، ۋۇشى، جېنجياڭ قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلەردە 500 دىن ئارتۇق ئادەم بىنادىن سەكرەپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان، مۇشۇ سەۋەبتىن يارىلانغانلار 263 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 54 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

3. ھودۇقۇش، جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىسى:

مەسىلەن 1985-يىلى نەنخۇاڭخەيدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بىر ئايال ھودۇقۇپ كېتىپ، سىرتقا قېچىش جەريانىدا يىقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بار 4 نەپەر بىمار ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

4. نوپۇس زىچ جايلاشقان ئورۇنلاردا ھودۇقۇپ كېتىپ قىستاڭچىلىق يۈز بېرىش سەۋەبىدىن دەسسىلىپ يارىلانغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ھادىسە:

مەسىلەن 1985-يىلى سىچۇەننىڭ زىئەندە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بىۋاستە ئۆلگەن ئادەم پەقەت بىر نەپەر، خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارىغۇلارچە قېچىش تۈپەيلىدىن قىستىلىشىپ يىقىلىپ ئۆلگەن ئادەم 4 نەپەر، يارىلانغانلار 200 نەپەردىن ئارتۇق بولغان.  1994-يىلى تەيۋەن خەيشىيادا 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا 800 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 4 نەپەر ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يارىلانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يارىلىنىپ ئۆلمىگەن، ئاساسەن ھەممىسى يەر تەۋرىگەندە ھودۇقۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن، ئوقۇغۇچىلاردا تەرتىپسىز قېچىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالايمىقان يۈگۈرۈپ ئۆزئارا قىستىلىشىش سەۋەبىدىن دەسسىلىش يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش تىراگېدىيەسى يۈز بەرگەن. 2004-يىلى جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىيۇجىياڭدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەن، جىياڭشى ئۆلكىسى بىلەن ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغان خۇبېينىڭ ياڭشىن، خوڭخۇ، شىنچۇن قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئوقۇغۇچىلار چېكىنىپ چىقىش جەريانىدا 7 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەۋرەش مەركىزى بىلەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ياڭشىن ناھىيەسىنىڭ فۇتۇجېن بازىرى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 47 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغان.

يۇقارقى ئەھۋاللار ۋە قانلىق ساۋاقلار بىزگە شۇنى چوڭقۇر ئەسكەرتىپ تۇرۇپتۇ، يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ ھودۇقۇپ كېتىپ ساراسىمىگە چۈشمەسلىك، شۇنداقلا خەتەردىن ساقلىنىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم قارىغۇلارچە قاچماسلىق كېرەك. ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئىدىيەدە تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىش كېرەك. يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا، ھەر يەرنىڭ شەرت-شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق خەتەردىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللاپ دالدىلىنىش ياكى قېچىپ كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاقىت-شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، سوغاققانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا قومانداننىڭ يوليورۇقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئېغىر–بېسىقلىق بىلەن خەتەردىن ساقلىنىش، قىسلىتىشىش سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号